1. شوخلا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقسىل قاتارلىق ماددىلارنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. شوخلا تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە كالىي مول بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ بىرىكىپ كوللاگېن (سۆڭەك يېلىم مەنبەسى) ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە قان تومۇرلارنى ساغلاملاشتۇرۇپ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.
2. سېرىق پۇرچاق سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە بىر خىل ئۆسۈملۈك ھورمونى بار. سېرىق پۇرچاقنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. سېرىق پۇرچاق يەنە لېتسىتىن تولۇقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ.
3.كاۋا ئۇرۇقى كۆپىنچە ئەرلەردە 40 ياشتىن ئاشقاندا مەزى بېزى يوغىناش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، مەزى بېزى يوغىنىغانلار كاۋا ئۇرۇقىدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان ماددىنى ئىستېمال قىلسا، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، كېسەل ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولىدىكەن. كاۋا ئۇرۇقىدا يەنە ۋىتامىن E مول بولۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

4. سەۋزە سەۋزە تەركىبىدە β - كاروتىن مول بولۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سەۋزە تەركىبىدىكى β - كاروتىن يەنە ۋىتامىن A غا ئايلىنىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھۈجەيرىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان ئاكتىپ ئوكسىگېننى تىزگىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سەۋزە تەركىبىدە كالىي مول بولۇپ، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭدىكى ئۆسۈملۈك تالاسىنىڭ ئۈچەينى ياخشىلاش ئۈنۈمى يۇقىرى.
5. دېڭىز مەھسۇلاتلىرى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى جىنسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدۇ. ئىسپېرمىنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا سىنك بولۇپ، بەدەندە سىنك يېتىشمىسە، ئىسپېرمىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچىدە راك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە سىنك مىقدارى ناھايىتى مول.
6. سامساق سامساقنىڭ كۈچلۈك باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بولۇپ، بەدەنگە كىرىدىغان باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرەلەيدۇ ھەمدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇ ۋىتامىن B1 نىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەنتلەرنىڭ مىتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم تېنىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە چارچاشنى تۈگىتىدۇ. سامساق تەركىبىدىكى قوغۇشۇن سېلېنىدنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بولغاچقا، راكقا قارشى تۇرۇش يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئەرلەر سامساقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۇ ھەم بەدەننى كۈچەيتىدۇ.
7. ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەر ئەرلەر 24 ياشتىن ئاشقاندا ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى ۋىليام. ھاررىسنىڭ تەجرىبىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 1000mg ۋىتامىن C ئىچىشنى ئۇدا 60 كۈن داۋاملاشتۇرسا، ئىسپىرمىنىڭ سانىنى %60، ھەرىكەتچانلىقىنى %30 ئاشۇرىدىكەن. ۋىتامىنC يەنە بۆرەك ئۈستى بېزى كورتېنى (بىر خىل بېسىمغا قارشى تۇرىدىغان ھورمون) نىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىپ، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. چىلان، بۆلجۈرگەن، ئەبنوس (子柿)، كاللەكبەسەي، قاپاق مۇچ، تۇرۇپ كۆكى، پېدىگەن، ياڭيۇ، تاتلىقياڭيۇ، كۆك چاي قاتارلىقلاردا ۋىتامىن C مول .
8. ۋىتامىن B تۈرىدىكىلەر ئەرلەر كۆپ ھاللاردا خىزمەت بىلەن بولۇپ كېتىپ، ياخشى ئارام ئالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن پسىخىك بېسىم ئېشىپ كېتىدۇ. ۋىتامىن B تۈرىدىكىلەر ( ۋىتامىن B1، B2، B6، B12) ۋە فولىك كىسلاتاسى، نىكوتىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئېنېرگىيە ئالمىشىشنى ياخشىلاپ، پسىخىك بېسىمنى يەڭگىللىتىدۇ. بارلىق دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، گۈرۈچ، گۈرۈچ ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلاردا ۋىتامىن B تۈرىدىكىلەر مول.
9. سۇ ئادەم مېڭىسىنىڭ %75 ى سۇ بولۇپ، سۇسىزلانسا بىرىنچى بولۇپ، مېڭىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەرلەر ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا دائىم سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئەگەر سوغۇق ئىچىملىك ياكى شورپا بىلەن سۇ تولۇقلىسا، ئۇلارنىڭ ئېنېرگىيىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئاسانلا سەمرىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، تاماقنىڭ ئالدى - كەينىدە كۆپرەك سۇ ئىچىش كېرەك.
10. كۆك چاي (茶绿) كۆك چاي تەركىبىدە قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان كلۇنامىك كىسلاتاسى، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئاسپاراگىنىك كىسلاتاسى، بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن C بار. كۆك چاي يەنە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك 46ياشلىق ئايال ئىۋىنىس ۋە ئۇنىڭ 23ياشلىق قىزى يىمان، ھەركۈنى ئوخشاش پاسون، ئوخشاش رەڭدىكى كىيىم كىيىۋالىدىغان بولۇپ، قەيەر

تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئسىتىمال قىلىشنىڭ پايدىسىنى ۋە كۈندە ئاز دىگەندە بىر تال تۇخۇم يىيىش كىرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، تۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئەر تەرەپنىڭ كۆڭلىدە ياخشى كۆرگەن ئايال كىشىسى، چوقۇم ئاسماندىكى چولپانغا ئوخشاش مۇقەددەس كىلىدىغان بولۇپ، ئەر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا خۇدد

ئەقىللىق ئاياللار مەيلى مۇھەببەتكە ياكى تويلىشىشقا قارىتا بولمىسۇن، ئۇلار بۇنىڭ پەقەت تۇرمۇشنىڭ بىر قىسىمىلا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئادەم ئۆزىگە ئۆزى خوجا، ش

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئېغىرلىقتىكى "غەلىتە مەخلۇق"

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك مۇھەببەت ئاساسى يوق ئەھۋال

ئۇ ئاساسلىقى ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتەپ، سىرتقى دۇنيادىن ئوكىسگىننى سۈمۈرگەندىن كىيىن، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزىدە ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ن

قارا جەمئىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ھەرگىز ماڭا ئوخشاش تىرە رەڭگى قارا بولۇپ قالسا، ياكى يول بويىدا بەش يۈەن پۇل خەجلەپ قوللىرىغا گۈل چەكتۈرۋالسا قارا جەمئىيەت

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى ھەرۋاقىت ئىشلەپچىقىرىشقا






تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号