ئەرلەر ئەسلىدە ئادەتتىكى ئادەم بولۇپ، ئۇلارغا «كۈچلۈك» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلگەندىن كېيىن كۈنى تەس بولغان.
گېنشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەر-ئاياللار گېنىنىڭ %99.9 ى ئوخشاش بولۇپ، پەرقى ناھايىتى چەكلىك ئىكەن. ھەر ئىككىسىدە تۈرلۈك ئارزۇ-ئارمان، ھەۋەسلەر بولىدىكەن. بىراق ئەرلەرنىڭ كۈنى تەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيدىكى ئائىلە بېسىمى، تالادىكى ئىجتىمائىي بېسىمى، ئىش ئورنىدىكى خىزمەت بېسىمى قاتارلىق بېسىملىرى كۆپ بولغاچقا، ئوڭايلا كېسەللىكلەرگە گىرىپدار بولىدۇ. شۇنداقلا، تېرىككەك بولغاچقا بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ. سىتاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشلەرگە كۆرە، ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئومىيۈزلۈك ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىدىن بىر قانچە ياش قىسقا بولىدىكەن، روسىيىگە ئوخشاش ئەللەردە ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن كەم ياشايدىغان يىلى 13 يىلغا يېتىدىكەن.
ھازىرقى ئىدراكىيلاشقان، ئۇچۇرلاشقان زامانىۋىي دەۋردە ئەرلەرگە يەنىمۇ ئىنچىكە، قاتتىق تەلەپلەر قويۇلماقتا. ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئادەت تۈپەيلىدىن ئەرلەر تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ چاققان، تېخىمۇ ئىقتىدارلىق، تېخىمۇ ياخشى بولۇشى كېرەك؛ ئەرلەر تېخىمۇ ئەتراپلىق يېتىلگەن، تىرناقتا توختىغۇدەك بولۇشى كېرەك؛ ئەرلەر يېڭىلىگىنىگە ھەرقاچان تەن بەرمەسلىكى، يىقىلغاندا يىغلىماسلىقى، ھەرقاچان ئاھ-ۋاھ دېمەسلىكى كېرەك... دەپ قارالغاچقا، ئەرلەر دەردىنى ئىچىگە يۇتىدىغان، كۆڭۈل سىرىنى دېيەلمەيدىغان، ئاغرىپ قالسا دوختۇرغا كۆرۈنمەيدىغان، ئەگەر شۇنداق قىلمىسا ئەركىشىگە ئوخشىماي قالىدىغاندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
تۇرمۇش يولى دەقىيانۇسنىڭ زامانىسىدىن باشلاپ مۇشۇنداق ئېگىز-پەس ۋە تۈرلۈك-تۈمەنخىل بولىدۇ. ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى بار. بىراق رېئال تۇرمۇشتا ئاياللار يىغلىسا باشقىلار ئىچ ئاغرىتىپ، تەسەللىي بېرىشىدۇ. ئەمما ئەرلەر يىغلىسا لامزەللە ۋە يارىماس، دەپ قارىلىدۇ. ئاياللار نېمە گېپى بولسا دەۋەرسە بولىۋېرىدۇ، كىشىلەر ئۇلارنى كوت-كوت كېلىدۇ، ئۈچ ئايال بىريەرگە كەلسە پۈتكۈل جاھاننىڭ پارىڭىنى قىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دەپ قارىشىدۇ. ئەمما، ئەرلەر تولا گەپ قىلسا قارشى ئېلىنمايدۇ، كوتۇلدىسا يارىماس، دەپ ئەيىپلىنىدۇ؛ ئاياللار ئاغرىپ قالسا يېنىدىكى ئەرلەر تۇتقان-قويغىنىنى ئۇنتۇپ ئۇلارنى دوختۇرغا كۆرستىشىدۇ. بىراق، ئەرلەر كۆپىنچە ئۆز ئاغرىقىنى تاكى ئېغىرلىشىپ ئىمكان بولمىغۇچە ياكى تاغدەك بەستى يىقىلغۇچە يوشۇرۇپ يۈرۈشىدۇ.

بۇنى ئاز دېگەندەك «ئەرلەر كۈچلۈك، ئاياللار ئاجىز» دەيدىغان ئەنئەنىۋىي قاراش تۈپەيلىدىن مۇۋاپپەقىيەت قازانغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرىمۇ مىسلىسىز بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئاياللىرىنىڭ شان-شۆھرىتىدىن پەخىرلىنىش ئورنىغا ئۆزلىرىنى خۇددىي بارغانسېرى بېسىمغا ئۇچراۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا. ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئايالىنىڭ كىرىمى ئۆزىنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان ئەرلەر ئۆزىنى بەخىتسىز دەپ قارىغان ۋە ئۇلارنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى چىققان.
ئاخىرىدا شۇنى دەيمىزكى، يالغۇز ئاياللارلار ئاياش-ئاسراشقا مۇھتاج بولۇپ قالماستىن، ئەرلەرمۇ ئاياللارنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، پەرزەنتلەرنىڭ ئايىشى-ئاسرىشىغا مۇھتاج.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك 46ياشلىق ئايال ئىۋىنىس ۋە ئۇنىڭ 23ياشلىق قىزى يىمان، ھەركۈنى ئوخشاش پاسون، ئوخشاش رەڭدىكى كىيىم كىيىۋالىدىغان بولۇپ، قەيەر

تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئسىتىمال قىلىشنىڭ پايدىسىنى ۋە كۈندە ئاز دىگەندە بىر تال تۇخۇم يىيىش كىرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، تۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئەر تەرەپنىڭ كۆڭلىدە ياخشى كۆرگەن ئايال كىشىسى، چوقۇم ئاسماندىكى چولپانغا ئوخشاش مۇقەددەس كىلىدىغان بولۇپ، ئەر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا خۇدد

ئەقىللىق ئاياللار مەيلى مۇھەببەتكە ياكى تويلىشىشقا قارىتا بولمىسۇن، ئۇلار بۇنىڭ پەقەت تۇرمۇشنىڭ بىر قىسىمىلا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئادەم ئۆزىگە ئۆزى خوجا، ش

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئېغىرلىقتىكى "غەلىتە مەخلۇق"

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك مۇھەببەت ئاساسى يوق ئەھۋال

ئۇ ئاساسلىقى ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتەپ، سىرتقى دۇنيادىن ئوكىسگىننى سۈمۈرگەندىن كىيىن، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزىدە ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ن

قارا جەمئىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ھەرگىز ماڭا ئوخشاش تىرە رەڭگى قارا بولۇپ قالسا، ياكى يول بويىدا بەش يۈەن پۇل خەجلەپ قوللىرىغا گۈل چەكتۈرۋالسا قارا جەمئىيەت

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى ھەرۋاقىت ئىشلەپچىقىرىشقا






تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号