ئۇزاق مەزگىللىك كۆزىتىشىمىز ۋە تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، ھەر قانداق بىر ئەرنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشچانلىقى ئاياللارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. بولۇپمۇ دۆلىتىمىزدە ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ئىنسان تەبىئىي ساغلام گەۋدىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خېلى كۆپ بىر قىسىم ئەرلەرمۇ ئۆز قەلبىدىكى گۈزەللىك تۇيغۇلىرىنى دادىللىق بىلەن بايقاپ، ئۇنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە. شۇنداقتىمۇ ئەرلەر يەنىلا ئۆز قەلبىدىكى بۇ خىل گۈزەل تۇيغۇلىرىنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئىپادىلەشنى ۋە يوشۇرۇشنى بىلىدۇ. يەنە بىر نوقتىدىن ئىيىتقاندا، ئەرلەرنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشى كونكرىت، ئەمەلىي بولۇپ، كۆپ ھاللاردا بىر خىل قىياپەت، بىرەر ئادەم ياكى بىرەر شەيئىگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ. مېنىڭچە چىرايلىق ئاياللارنى كۆرگەندە پەرۋاسىز ھالدا ھاياجانلانماي تۇرالايدىغان بىرمۇ ئەر بولمىسا كېرەك. ئاياللار، بولۇپمۇ، چىرايلىق ۋە قاملاشقان ئاياللار توغرىسىدا ھەر خىل خىيالىي ۋە كونكرىت پاراڭلارنى قىلىش، ئەرلەرگە تولا چاغلاردا تەسۋىرلىگۈسىز خۇشالللىق ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر نەچچە ئەر بىر يەرگە جەم بولغاندا ئۇلارنىڭ قىلىشىدىغىنى، يەنىلا ئاياللار توغرىسىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار بولۇپ، ئۇلار ئاياللارنىڭ ئۆزىگە خاس قىياپەتلىرى، مىجەز-خۇلقلىرى توغرىسىدا ھەر خىل پاراڭلارنى قىلىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ھەتتا، بۇنداق چاغلاردا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارنىڭ ئەيىبىنى قەستەن ئېچىپ تۇرۇپ پارىڭىنى قىلىشمۇ ئەرلەر ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئۇلار مانا مۇشۇ خىلدىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىككە بولغان كۈچلۈك تەلپۈنۈشلىرىنى ئىپادىلىشىدۇ. بۇنداق پاراڭلار ئەرلەرنىڭ ئەرلىك جاسارىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشنى سۆيۈش، ھاياتلىقنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت گۈزەل ۋە جۇشقۇن روھىي ھالىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مانا بۇ ئەرلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن گۈزەللىككە ئىنتىلىشنىڭ سىرتقى ئىپادىسى.

ئەرلەر سىرتقى قىياپەت جەھەتتىنمۇ گۈزەللىككە ئىنتىلەمدۇ؟
ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپەت جەھەتتىن گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشى مەلۇم جەھەتتىن گەرچە ئاياللاردىن قېلىشمىسىمۇ، بىراق، ئەرلەر ئۇنى ئاياللارغا قارىغاندا خېلىلا ئەپچىل ئۇسۇلدا نىقابلىيالايدۇ. ئەرلەر گەرچە ئاياللاردەك ھەر خىل پاسوندا كىيىنىشنى، ھەر خىل قىياپەتتە ياسىنىشنى ئوتتەك ئارزۇ قىلسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كىچىكىدسىن تارتىپ ئالغان گۈزەللىك تەربىيەسى ۋە ئىجدىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرى ئۇلارنى ئۆز كۆڭۈللىرىدىكى بۇ خىل كۈچلۈك ئارزۇنى زور كۈچ بىلەن كونترول قىلىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلىدۇ-دە، نەتىجىدە ئەرلەر كۆڭۈللىرىدىكى گۈزەللىككە بولغان ئىستەكلىرىنى، گۈزەل ئاياللارغا تەلپۈنۈش، پاكىز كىيىنىپ يۈرۈش، پاكىز قىز-چوكانلارغا ۋە گۈزەل بولغانلىكى ھەر قانداق شەيئىگە زوقلىنىپ تۇرۇپ باھا بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەشكە مەجىبۇر بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە گۈزەللىككە بولغان ئاشۇ ئىنتىلىشلىرىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا سىرتقى جەھەتتىن ئىپادىلەشكىمۇ تىرشىدۇ-دە، مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كۆڭۈل ئارزۇلىرىغا تەسەللىي بېرىشىدۇ. چۈنكى، نورمال بولغان ھەر قانداق بىر ئەرنڭ چوڭ ياشلىقلىرى كۈنىگە بىر قانچە قېتىم يۈزلىرىنى يۇيۇش، ساقال-بۇرتلىرىنى چرايلىق ياسىتىۋېلىشنى، پاكىز، ئاپئاق كۆينەكلەرنى كىيىشنى بىر خىل گۈزەللىك ۋە مەدەنىيەت دەپ بىلىشسە، ياش يىگىتلەر ئاياقلىرنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم تازىلاپ ۋە مايلاپ يۈرۈشنى، چاچلىرىنى رەتلىك-چىرايلىق تارىۋېلىشنى، ھەر خىل يېڭى پاسوندىكى كىيىملەرنى كىيىشنى، بىر خىل گۈزەللىك دەپ بېلىشىدۇ-دە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىرتقى قىياپەت گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشچانلىقىنى مانا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئىپادىلىشىدۇ.
ئەرلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ چىراي گۈزەللىكىگە ئەھمىيەت بېرەمدۇ؟ (داۋامى كېيىنكى بەتتە)

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك 46ياشلىق ئايال ئىۋىنىس ۋە ئۇنىڭ 23ياشلىق قىزى يىمان، ھەركۈنى ئوخشاش پاسون، ئوخشاش رەڭدىكى كىيىم كىيىۋالىدىغان بولۇپ، قەيەر

تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئسىتىمال قىلىشنىڭ پايدىسىنى ۋە كۈندە ئاز دىگەندە بىر تال تۇخۇم يىيىش كىرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، تۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئەر تەرەپنىڭ كۆڭلىدە ياخشى كۆرگەن ئايال كىشىسى، چوقۇم ئاسماندىكى چولپانغا ئوخشاش مۇقەددەس كىلىدىغان بولۇپ، ئەر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا خۇدد

ئەقىللىق ئاياللار مەيلى مۇھەببەتكە ياكى تويلىشىشقا قارىتا بولمىسۇن، ئۇلار بۇنىڭ پەقەت تۇرمۇشنىڭ بىر قىسىمىلا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئادەم ئۆزىگە ئۆزى خوجا، ش

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئېغىرلىقتىكى "غەلىتە مەخلۇق"

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك مۇھەببەت ئاساسى يوق ئەھۋال

ئۇ ئاساسلىقى ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتەپ، سىرتقى دۇنيادىن ئوكىسگىننى سۈمۈرگەندىن كىيىن، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزىدە ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ن

قارا جەمئىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ھەرگىز ماڭا ئوخشاش تىرە رەڭگى قارا بولۇپ قالسا، ياكى يول بويىدا بەش يۈەن پۇل خەجلەپ قوللىرىغا گۈل چەكتۈرۋالسا قارا جەمئىيەت

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى ھەرۋاقىت ئىشلەپچىقىرىشقا






تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号