ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئاياللارنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھىسىي كۆرسەتكۈچى، يەنى ھسىياتنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئىجتىمائى ئالاقىسىغا مۇناسۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنى قوغداش، نىكاھ تۇرمۇشىنى ياخشى ھالەتتە يۈرگۈزۈش، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىدىكى مائارىپ مەسىلىسى قاتارلىق جەھەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك كىلىدۇ. ئۇنداقتا قانداق ئاياللارنىڭ ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولغان بولىدۇ؟ شۇنداقلا ھىسىي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئاياللارنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بولىدۇ؟
1. قاقشاپ ئاغرىنمايدۇ
    تەنقىد قىلمايدۇھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئاياللار ئادەتتە باشقىلارنى تەنقىدلەپ ئەيىبلىمەيدۇ، قاقشاپ ئاغرىنىپ ئولتۇرمايدۇ؛ چۈنكى بۇ خىل قاقشاپ ئاغرىنىش، ئەيىبلەش دىگەنلەر ناچار كەيپىياتقا تەۋە بولۇپ، باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. ھىسىي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئاياللار پەقەت ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىلا قىلىدىغان بولۇپ، ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى قىلمايدۇ.
2. قىزغىن ھەم ھاياجانغا تولغان كىلىدۇ
   ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئاياللار تۇرمۇش، خىزمەت ياكى مۇھەببەتكە قارىتا قىزغىنلىقىنى ساقلايدۇ، ھاياجانغا تولغان كىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاكتىپ كەيپىياتىنى قانداق ھەرىكەتلەندۈرۈشنى بىلىدۇ ھەمدە ياخشى كەيپىياتىنى ھەركۈنلۈك خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا ھەمرا قىلىدۇ، ناچار كەيپىياتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ياكى خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويمايدۇ.
3. يول قويىدىغان ۋە كەڭ قورساق كىلىدۇ
    ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئاياللار كۆكسى-قارنى كەڭ، باشقىلارغا يول قويىدىغان كىلىدۇ؛ كۆڭۈل قانچىلىك كەڭرى بولسا، نەزەر دائىرسى شۇنچىلىك چوڭ بولىدۇ، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى نامايان قىلىدىغان سەھنىڭىزمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئاياللار ئىنچىكە ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، كەڭ قورساقلىق قىلىدىغان، يول قويىدىغان كۆڭلى بولىدۇ.
4. پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى ئۈزۈپ قويمايدۇ
   ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئاياللار پىكىر ئالماشتۇرۇشقا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر كىلىدۇ ھەمدە سەمىمىي روھى ھالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، سەمىمىي ھەم ئەدەپلىك كىلىدۇ. پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقە قىلىش، بۇلار بىر خىل ماھارەت ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇلارنى ئۈگىنىش ۋە ئەمىلىيەت جەريانىدا ئۆزلۈكسىز خۇلاسىلاپ ئىزدىنىش لازىم بولىدۇ.
5. باشقىلارنى كۆپرەك ماختايدۇ
    ھىسىي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئاياللار باشقىلارنى ماختاشنى بىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ماختاش چىن كۆڭلىدىن ھەم سەمىمىي بولىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرەلىگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ تىز قەدەمدە ئالغا ئىلگىرلىگىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەمىشە باشقىلارنى يىتەرسىزلىكلىرىنى ئېچىپ يۈرسە تەرەققى قىلالماي، ئەكسىچە كەينىگە چىكىنىپ كىتىدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ.
6. ياخشى روھى كەيپىياتىنى ساقلايدۇ
   ھىسىي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى كىشىلەر ھەركۈنلۈكى ياخشى بولغان روھى كەيپىياتىنى ساقلايدۇ؛ ھەر كۈنى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا ئۆزىگە بىر كۈلۈمسىرەش بىرىدۇ ھەمدە ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆزىگە مەن ئەڭ مۇنەۋۋەر، مەن ئەڭ ياخشى، ئەتراپىمدىكى دوستلىرى ھەممىسى مىنى ياخشى كۆرىدۇ دەيدۇ.
7. كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ
    ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئاياللار كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا ماھىر كىلىدىغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ، باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپ ئاڭلاپ كۆپ قارايدۇ، ھەرگىز ئۆزىنى توختىۋالالماي سۆزلەپ كەتمەيدۇ. كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش باشقىلارغا بىلدۈرگەن بىر خىل ھۆرمەت بولۇپ، ئۇ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ ياخشى بولغان بىر خىل ئالاقە قورالى.
8. مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك
    ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئاياللار بىر ئىشلارنى قىلىپ سىناپ بېقىشقا ھەمدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ، مەسئۇلىيەتتىن قاچمايدۇ؛ مەسىلىلەرگە يولۇقسا ئۇنى ئانالىز قىلغاندىن كىيىن، ھەل قىلىشقا تىرىشدۇ؛ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكلىرىگە توغرا قاراپ، ئۆزىگە ئۆزى مەسئۇل بولالايدۇ.
9. ھەر كۈنى دىگۈدەك ئالغا باسىدۇ
    ھىسىي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئاياللار ھەر كۈنى دىگۈدەك ئالغا باسىدۇ، دىگىنىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ھەمدە شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ھەرىكەتلىنىدۇ. ئۇلار ھەرگىز ئېغىزىدىلا سۆزلەپ ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغانلاردىن بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەرىكەتلىنىش كۈچىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ھەر كۈنى دىگۈدەك ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان بولغاچقا، ئەتراپىدىكى دوستلىرىمۇ ئۇلارغا ياردەم بىرىشنى خالايدۇ.
10. باشقىلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىدە تۇتىۋالىدۇ
   ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئىسمىنى تۇتىۋىلىشقا ماھىر كىلىدۇ، ئۇلار چۈنكى چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ مۇئامىلە قىلغاچقا، شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىدە تۇتىۋالالايدۇ. باشقىلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىڭىزدە تۇتىۋالسىڭىز، ئۇلارمۇ سىزگە يېقىنلىشىشنى خالايدۇ، سىز بىلەن دوستلىشىدۇ؛ بۇنىڭدا سىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىڭىز بارغانسىرى كېڭىيىپ، ئەلا سۈپەتلىك دوستلار چەمبىرىكىڭىز بار بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号