ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللارنىڭ بەدەن شەكلى تۆت خىلغا بۆلىنىدۇ، سىز قايسى خىلغا تەۋە؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىز بەزىدە كىيىملىرىمىزنى قانداق ماسلاشتۇرۇپ كىيىشنى بىلەلمەي قالىمىز؛ بۇ كۆپىنچە بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ بەدەن شەكلىگە بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىدىن بولىدۇ. ئادەتتە ئاياللارنىڭ بەدەن شەكلى تۆت خىلغان بۆلىنىدۇ، ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ قايسى خىلغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن!
1. نەشپۈت شەكىللىك
    نەشپۈت شەكىللىك بەدەن شەكىل-قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، بەدەننىڭ ئۈستۈنكى يېرىمى ئۇرۇق، ئەمما ساغرا قىسىمدىن باشلاپ پۇتىغىچە بولغان ئاستىنقى قىسمى سېمىزرەك كىلىدۇ. بۇنداق بەدەن شەكلىگە، ئازراق كەڭرەك كەلگەن پوپايكا بىلەن يوپكا ماسلاشتۇرۇساق بىرقەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ. يوپكىنىڭ پاسونى جەھەتتە چېكى بار يوپكا تاللىساق تېخىمۇ ئۇرۇقراق كۆرۈنۈشىمىز مۇمكىن.
2. Hشەكىللىك
     بۇ خىل شەكىلدىكى بەدەن شەكىل-قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، بويى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن كىلىدىغان بولۇپ، كۆكرەك، بەل ۋە ساغرا ئەگرى سىزىقلىرى كۆرنەرلىك ئىپادىلەنمەيدىغان كىلىدۇ. ئەمما شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، بۇنداق خىلدىكى بەدەن شەكلى كىيىم كەيگەندە ئەڭ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ؛ چۈنكى بەدەندە ئارتۇق گۆش بولمىغانلىقتىن، ئاساسەن ياراشمايدىغان كىيىملەر بولمايدۇ.
3. قۇم سائىتى شەكىللىك
    قۇم سائىتى شەكىللىك بەدەن شەكىل-قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، بەدىنىنىڭ ئۈستۈنكى يېرىمى ۋە ئاستىنقى يېرىمى ئوخشاشلا ناھايىتى تولغان، پەقەت بەل قىسمىلا ناھايىتى ئىنچىكە كىلىدۇ. بۇنداق بەدەن شەكلى ناھايىتى تولغان كۆرۈنىدىغان بولۇپ، كىيىم كەيگەندىمۇ ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىنى يۈرەكلىك ھالدا گەۋدىلەندۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ تۈردىكى بەدەن شەكلىدە، ئازراق كەڭرى كەلگەن قىسقا چاپان بىلەن بەلنى چىڭ تۇتىدىغان يوپكا ماسلاشتۇرساق، بىر قەدەر مۇكەممەل كىلىدۇ.
4. ئالما شەكىللىك
   ئالما شەكىللىك بەدەن شەكىل-قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، بەدەننىڭ ئۈستۈنكى يېرىم قىسمى سېمىش، ئاستىنقى يېرىم قىسمى ئۇرۇق ھەمدە بەل قورساق قسىمى بىرقەدەر گۆشلۈك كىلىدۇ. بۇ خىل بەدەن شەكلىگە، ئادەتتە كەڭرەك كەلگەن چاپان(ياكى مايكا، پوپايكا قاتارلىقلار) كىيىپ، ئۇنىڭغا بىلى ئۈستۈنرەك كەلگەن يوپكا ماسلاشتۇرۇپ كيسەك، مۇۋاپىق تۈردە بەل-قورساق قسىمدىكى گۆشلەرنى يېغىپ، ئادەمنى نىسبەتەن ئۇرۇقراق كۆرسىتىدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، چوقۇم بىلى ئىگىز يوپكا تاللاپ كىيىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号