ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ھەم ئىگىز ھەم ئۇرۇق كۆرسىتىدىغان 4 خىل قىسقا ئۆتۈك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سىزنى ھەم ئىگىز ھەم ئۇرۇق كۆرسىتىدىغان، بۇنىڭ بىلەن بىرگە لاتاپىتىڭىزنىمۇ يوقىتىپ قويمايدىغان تۆت خىل پاسوندىكى قىسقا ئۆتۈكنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئاق رەڭلىك قىسقا ئۆتۈك
   ئاق رەڭلىك قىسقا ئۆتۈك مودا چەمبىرىكىنىڭ يىڭى ئەرمىكىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئايال چولپانلارمۇ بۇنداق ئۆتۈكنى بەس-بەستە كىيىۋىلىشتى. بۇ خىل پاسوندىكى قىسقا ئۆتۈكنى ئۇزۇن كۆينەك، ھەرخىل پاسوندىكى يوپكا ۋە پادىچىلار ئىشىتىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىشكە بولىدۇ.

چىلسى ئۆتىكى
   راھەت ھەم كىيىشكە قولاي بولغان چىلسى ئۆتىكى كۈز پەسلىدە كىيىشكە ئەڭ ماس كىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل پاسوندىكى ئۆتۈكلەر ئاياغ بوغقۇچى يوق لاھىيىلەنگەن، بۇ خىل ئۆتۈك ئاساسلىقى يان تەرەپتە سوزۇلۇپ يېغىلىدىغان تاسمىسى بار قونجىلىق قىلىپ لاھىيىلەنگەن.

مارتىن ئۆتىكى
   مارتىن ئۆتىكى ئۆزگىچە ئىستىراھەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كەلگەن بىر خىل ئۆتۈك بولۇپ، بۇ خىل پاسوندىكى ئۆتۈكنى ئاساسى جەھەتتىن ھەر خىل كىيىملەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىشكە بولىدۇ.

پايپاق ئۆتۈك
   پۇتلىرىڭىزغا چاپلىشىپ كىلىدىغان پايپاق ئۆتۈك، كۈز كۈنلىرىدىكى سىزنى ئۇرۇق كۆرسىتىش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى يەككە سەپلىمە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号