ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
يۇقىرى قاتلامدىكى ئاياللار قانداق بولىدۇ، ئۆگىنىۋىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-15 كۆرۈلىشى : قېتىم

   1. مەسىلىلەرنى چۈشىنىپ يىتىش ئەمما ئاشكارىلىماسلىق. نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزىڭىز بىلىپ كۆڭلىڭىزدە سان بولسا بولغىنى، سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
   2. خوشال بولسىڭىز كۈلۈپ، باشقىلارغىمۇ بىلدۈرۈڭ؛ قايغۇ-ھەسرىتىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۇشۇرۇپ، ھېچنىمە بولمىغاندەك ئۆتۈڭ.
   3. پىرىنسىپقا تاقاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇڭ، ياردەم قىلغۇدەك بولسا ياردەم قىلىڭ؛ ھەرگىز باشقىلارنى تار يولسا قىستىماڭ، باشقىلارغىمۇ چىكىنىش يولى بىرىڭ....
   4. خوشاللىق ھەممىدىن مۇھىم، قانداق ئادەم، نەرسە ۋە ئىشلار سىزنى خوشال قىلسا، شۇلارغا يېقىنلىشىڭ. سىزنى خاپا قىلىدىغان شەيئىلەردىن يېراق تۇرۇڭ؛ شارائىت يار بەرمىسە، ئۆزىڭىز شارائىت يارىتىپ ئۇلاردىن يېراقلىشىڭ.
   5. ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى سۆزلەپ، ئاجىزلىقىڭىزنى ئاشكارىلاپ يۈرمەڭ.
   6. دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم ۋە نەرسە بولمايدۇ، مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ نىمىگە ئىرىشمەكچى بولغىنىڭىز. ئارزۇ قىلغىنىڭىزغا ئىرىشكىنىڭىزدە، چوقۇم يوقىتىپ قويىدىغانلىرىڭىز بولىدۇ؛ ئەگەر ھەممىگە ئىرىشىمەن دىسىڭىز، ئاخىرىدا ھەممىدىن قۇرۇق قالىسىز.
   7. ئۇنتۇپ قېلىش—ئۇ بىر ياخشى ئىشتۇر.
   8. ئىككى ئادەم بىرگە خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ خاتالىقىنى تۇنۇغان تەرەپ كەڭ قورساقلىق قىلغان بولىدۇ؛ يەنە بىرسى قەرز بولغان ئادىمىگەرچىلىكنى ھامان قايتۇرىشى كىرەك بولىدۇ.
   9. كىرپىگە ئوخشاش تىكىنى بار بولۇۋالماڭ، باشقىلار بىلەن ئاداۋەتلەشمەسلىك ئىمكانىيىتى بولسىلا باشقىلار بىلەن ئاداۋەتلەشمەڭ؛ ھېچكىم ھېچكىم بىلەن مەڭگۈ بىرگە يۈرىشى شەرت ئەمەس، بەزى ئىشلارنى كۆڭلىڭىزدە ساقلىۋىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.
   10. مۇرەسسە قىلىشنى بىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىڭىزنىڭ پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇشنىمۇ بىلىڭ.
   11. مەيلى تىل ئۆگىنىڭ ياكى باشقا خىل ماھارەتلەرنى ئۈگىنىڭ، ئۆگىنىشنى توختاتماڭ.
   12. پۇل ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما ئاتا-ئانىڭىز ياكى ئىرىڭىزگە تايىنىۋالماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ بەلگۈلۈك پۇل تېپىش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىڭ.
   13. ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىز مەيلى، ئەمما چوقۇم كۆڭلىڭىزدىن چىقىرۋىتىڭ.
   14. ھەممە نەرسىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىزمۇ، كۈلكىڭىزدىن ئايرىلىپ قالماڭ.
   15. قانداق تاللاش قىلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر پۇشايمان قىلماڭ، چۈنكى پۇشايمان قىلغاننىڭ قىلچىلىك پايدىسى يوق.
   16. ئۆزىڭىزنى بېسىۋالالماي، بەزىبىر چېكىدىن ئاشقان سۆزلەرنى قىلماڭ.
   17. ئاسانلىقچە بىرەر ئىشقا ۋەدە قىلماڭ، چۈنكى ۋەدىنى ئورۇنلىيالماسلىق ۋەدە بەرمىگەنلىكتىن تېخىمۇ يىرگىنىشلىك.
  18. قارشى تەرەپنى چۈشەنمىسىمۇ مۇھەببەت شەكىللىنىدۇ دەپ قارىماڭ؛ بىر بىرىنى چۈشەنمىگەن ئاساستىكى پەقەت ياخشى كۈرۈش بولىدۇ، مۇھەببەت ئەمەس. كىيىنچە بىر-بىرىنىڭ كەمچىلىكلىرى ئاشكارلانغاندىن كىيىن، بۇخىل ياخشى كۈرۈشمۇ ئاياغلىشىدۇ.
   19. سۆزلىگەن ۋاقتىڭىزدا بىۋاستە سۆزلەپ، تۈز مىجەز بولسىڭىز بولىدۇ، بۇ ياسالمىلىق قىلغاندىن ياخشى.
   20. ئۆزىڭىزگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىڭ؛ كەيپىياتىڭىز ناچار ۋاقىتتا ھېچنىمىنى ئويلىماي، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنى يەڭ، ئەمما ھاراق ئىچمەڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号