ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بۇ يىل كۈز پەسلىدە ئەڭ مودا بولغان تۆت خىل زىننەت سەپلىمىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
   زىننەت سەپلىمىلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياسىنىشىمىزدا بىزنىڭ سىھرىي كۈچىمىزنى نامايان قىلىدۇ. ھەر دائىم مودا ئېقىمىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ماڭىدىغان ھەر بىر مودىكەش، ئۆزىنىڭ ياسىنىشنى گەۋدىلەندۈرىدىغان  ئىنچىكە ھالقىلارنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيدۇ.
   چىرايلىق كەلگەن زىننەت سەپلىمىلىرى ئەسلىدە ئادەتتىكىچىلا كۆرنىدىغان ياسىنىش ھالىتىڭىزنى، شۇ ھامان ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە ياسىنىشىڭىزنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
   بۈگۈن كۆپچىلىككە يېقىندا مودا بولۇۋاتقان 4 خىل زىننەت سەپلىمىلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز!
بەلباغ
   بىر تال بەلباغدا ئۆزىمىز خالىغانچە ھەر خىل ئۇسلۇپلارنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدىغان بولۇپ، بەلباغ تاقىۋالساق، بىزنىڭ ھەر بىر قۇر كىيىمىمىز قارىماققا تېخىمۇ ئالاھىدە كۆرىنىدۇ.

مۇنجاق
   مۇنجاق تاقاشنى بىلىدىغان خانىم-قىزلارنىڭ كىيىم كىيىشىمۇ ناچار بولمايدۇ. بىر ئايال كىشىنىڭ مۇنجاق تاقىشىدىن ئۇنىڭ ھەقىقى مودىكەش ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ.

پوسما
   كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى گۈزەللىكىڭىزنى نامايان قىلىشتا پوسما كەم بولۇپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ پوسمىنى ھەرخىل ياسىنىش ئۇسۇللىرى ۋە چىراي شەكىللىرى بىلەن ئاسانلا ماسلاشتۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كىيىۋىلىشقا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.

قول سائىتى
   قول سائىتى بولسا، خانىم-قىزلارنىڭ لاتاپىسى ۋە ساپاسىنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى يەككە سەپلىمىدۇر. كۈز ۋە قىش پەسلىدە پوپايكا بىلەن قول سائىتى ماسلاشتۇرۇلسا، تېخىمۇ ئىللىقلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، سىزنى ئۆزگىچە مودا تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号