ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بۇ رەڭدىكى كىيىملەرنى كىم كەيسە، شۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   رومانتىكىلىققا تولغان بۇ كۈز پەسلىدە، سىز كىيىنىش رەڭگىنى موللاشتۇرۇپ ياسىنىشقا مۇھتاج بولىسىز.

   ئىشىنىمەنكى مودىكەش خانىم-قىزلىرىمىز بۇ يىل كۈز ۋە قىش پەسىللىك مودا رەڭلەر بىلەن ئاللىقاچان تۇنۇشۇپ بولدى، ئەمما بەزىبىر مودا بولغان رەڭلەرنىڭ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا ماس كىلىشى ناتايىن.

   بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ھەم مودا ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا ماس كىلىدىغان ئۈچ خىل رەڭنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز!
 
شاپتۇل چىچىكى (粉红色)
   سىزنى پەرىزاتلاردەك كۆرسىتىدىغان شاپتۇل چىچىكى رەڭلىك كىيىملەرنىڭ سىزنى ياشلىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشىغىمۇ گەپ كەتمەيدىغان بولۇپ، پۈتكۈل ياكى قىسمەن يۈزلۈك شاپتۇل چىچىكى رەڭگى سىزنىڭ كۈزكۈنلىرىدىكى ياسىنىش ھالىتىڭىزگە مۇلايىملىق ۋە رومانتىكىلىق تۇيغۇسى قوشىدۇ.

سېرىققا مايىل قوڭۇر رەڭ(卡其色)
   ھەر ۋاقىت مودىدىن قالمايدىغان سېرىققا مايىل قوڭۇر رەڭ، سىزنى ھەم لاتاپەتلىك كۆرسىتىدۇ ھەم مودا تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ؛ بۇ خىل رەڭلىك كىيىمنى باشقا يەككە مودا سەپلىمىلىرىگە ئاسان ماسلاشتۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، كۈز ۋە قىش پەسلىدە چوقۇم تەييارلاشقا تىگىشلىك رەڭدۇر.

قىزىل رەڭ(红色)
   قىزىل رەڭدىن ھەر ۋاقىت قىزغىنلىق تولۇپ-تېشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن جەلىپكارلىق كۈچىگە ئىگە كىلىدۇ؛ قىزىل رەڭ ئاياللىق نازاكىتى ۋە سىھرىي كۈچىگە ئىنتايىن باي رەڭ بولۇپ، سىزنى ھەم لاتاپەتلىك كۆرسىتىدۇ ھەم تىرىڭىزنىڭ رەڭگىنى تۇلۇق گەۋدىلەندۈرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号