ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاق كۆڭۈل ئاياللار ئاسان ئازابلىنىشقا ئۇچرايدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاق كۆڭۈل ئاياللارنىڭ باشقىلار تەرپىدىن چوڭقۇر سۈيۈلۈشى ناتايىن، ئەمما ئۇلار چوقۇم باشقىلار تەرپىدىن چوڭقۇر ئازاپقا قويىلىدۇ؛ ئاق كۆڭۈل ئاياللار ھەمىشە باشقىلار ئۈچۈن ئويلايدۇ، ئەمما ھەمىشە ئۆزى چوڭقۇر ئازاپلارغا ئۇچرايدۇ؛ ئاق كۆڭۈل ئاياللار قويغا ئوخشاش بولۇشنى تاللايدۇ، ئەمما بىلىپ-بىلمەي بۆرىگە ئوخشايدىغان ئادەملەرگە ئۇچراپ قالىدۇ.
    ئاق كۆڭۈل ئاياللار ھەمىشە باشقىلار ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىدۇ ھەمدە ھەمىشە ياخشى قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ ئەگەر باشقىلار رازى بولسا، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ؛ ئەگەر باشقىلار رازى بولمىسا ئۇلار ئەكسىچە خىجالەت بولۇپ ئۆزىنى قارشى تەرەپكە قەرز بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ.
    ئاق كۆڭۈل ئاياللار ئېغىزى ئىتتىك، كۆڭلى يۇمشاق كىلىدۇ. ئەگەر باشقىلار ياردەمگە مۇھتاج بولسا، ئاق كۆڭۈل ئاياللار ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلار بولسا، ئۇلار ئىمكاننىڭ بېرىچە مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىدۇ؛ ئەگەر ئۆزى قىلالمايدىغان ئىشلار بولسا، ئۇ پۈتكۈل كۈچى بىلەن قارشى تەرەپ ئۈچۈن بىر ئاماللارنى قىلىشىپ بىرىشكە تىرىشىدۇ؛ بۇلار پەقەت كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ساقلاش ئۈچۈنلا بولىدۇ.
    ئاق كۆڭۈل ئاياللار ھەمىشە ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورۇنىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ تەڭلىكى ۋە قىيىنچىلىقىنى توغرا چۈشىنىدۇ؛ ئۇلار ئەزەلدىن بىرەرسىنى تەڭلىككە سالمايدىغان بولۇپ، مەيلى ھەرقانداق ۋاقىتتا بولسۇن ياكى ھەرقانداق ئادەمگە قارىتا بولسۇن، ئاق كۆڭۈل پۇزۇتسىيەدە مۇئامىلە قىلىدۇ. دىلى يۇمشاق كىلىش، بىر خىل تەڭسىز كەلگەن ئاق كۆڭۈللۈك بولۇپ، باشقىلارنى رازى قىلىدۇ، ئەمما ئۆزىنى قىسىپ قويىدۇ ھەمدە باشقىلار تەرپىدىن ئەخمەق ئادەمگە ئوخشىتىلىدۇ.
    ھاياتلىقىمىزدىن بىرى، بىز نۇرغۇنلىغان مىننەتدار بولۇشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئاق كۆڭۈللىكىمىزنى بېغىشلىدۇق؛ قىسقىغىنا ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئەتراپىمدىكى ھەر بىر ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلاي دەپ ئويلىدۇق. ئادىمىيلىك ئەخلاق، ئۇچۇق-يۇرۇق ۋە تۈز كۆڭۈل بولۇشنى قىممەتلىك بىلىدۇ؛ قەلبى ئاق كۆڭۈل كىلىشنى قىممەتلىك بىلىدۇ؛ ھەممىگە چىن كۆڭۈلدىن مۇئامىلە قىلىشنى قىممەتلىك بىلىدۇ.
    ئاق كۆڭۈل ئاياللار شۇنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى، دوستلىرىڭىزغا قارىتا ئاق كۆڭۈل بولۇڭ، ئەمما ئۇلارنى كۆندۈرۈپ قويماڭ؛ ھىسياتقا قارىتا قەدىرلەشنى بىلىڭ، ئەمما چېكىدىن ئاشقان ئامراقلىق كۆرسەتمەڭ. ئاق كۆڭۈللۈك ئۇ بىر خىل ئارتۇقچىلىق، ئەمما ئۇ سىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىزغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كىرەك؛ دىلى يۇمشاق كىلىش ئۇ بىر خىل مىھرىبانلىق، ئەمما ئۇ ئۆزىڭىزنى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماسلىقى كىرەك.  سىز ھەممە ئادەمنىڭ ھىس-تۇيغۇسىغا ئىتىبار بىرىپ بولالمايسىز، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئازاپقا قويىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
    ئاق كۆڭۈللۈك ئادەمنىڭ بىر خىل تۇغۇلما قابىلىيىتى، شۇنداقلا ھاياتلىقتىكى بىر خىل تاللاش؛ مەيلى قانچىلىغان سۆز-چۆچەك ۋە بوھتانلارنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەن بولۇڭ ياكى قانچىلىغان ئازاپلارغا ئۇچرىغان بولۇڭ، سىز بۇندىن كىيىنمۇ دائىملىق تۈردە ئاق كۆڭۈل بولۇشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ. ئاق كۆڭۈللۈك ئۇ يۇمشاق باشلىق قىلىش ئەمەس ھەم نادانلىقمۇ ئەمەس، ئۇ بولسىمۇ بىر خىل كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ئۈمىد قىلىشتۇر.
    ئاق كۆڭۈللۈكنى تاللاڭ، كەڭ قورساقلىقنى تاللاڭ؛ كۆڭلىڭىزدىكى ئاق كۆڭۈللۈكنى ساقلاپ قالسىڭىز، ھاياتلىقتىكى تەمكىنلىكنى ساقلاپ قالالايسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号