ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئىرىمگە سالام!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
     بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، ئەرلەر ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە، بىر ئادەم ئۆز يالغۇز "غەرپكە ساياھەت" فىلىمىگە ئوخشاپ قالىدىكەن...
   ئۇلاردا "ۋۇكۇڭنىڭكىگە ئوخشاش بېسىم" بار بولۇپ، ئۇلار گەرچە ۋۇكۇڭدەك 72 خىل ئۆزگىرىشنى بىلمىسىمۇ، ئەمما ھەممە ئىشتا كۆكرەك كىرىپ ئالدىغا چىقىپ، بارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئالدىكەن ھەم تېخى ئازراقمۇ قورقۇش تۇيغۇسى ئىپادىلەپ سېلىشقا بولمايدىكەن.
    ئۇلارنىڭ "باجىينىڭ قورسىقى" بار بولۇپ، ھەر خىل مىھماندارچىلىقلار ئارىسىدا ئۆتۈشۈپ يۈرۈپ، پىۋا قورساقلىرى بارغانسىرى گەۋدىلىنىپ كىتىپ بارغان؛ ئۇلارمۇ ھەم ئۇرۇقلاشقىمۇ ئىرىنىدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
   ئۇلاردا شاسىڭنىڭ "پەينەك باشلىرى" بار بولۇپ، ئۇلار ئويلىشىشقا تىگىشلىك ئىشلار ھەمىشە تۈگىمەي كىتىپ، ئۇلارنىڭ چاچلىرى تۇتاملاپ چۈشۈشكە باشلايدىكەن...؛ ئۇلار بەزى ئىشلاردا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالسىمۇ، ئاخىرى بېرىپ يەنىلا ئامالسىز قالدىكەن.
    ئۇلاردا "تاڭ راھىبىنىڭكىدەك كوتۇلداشلار" بار بولۇپ، تولا غوتۇلدايدىغان بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلايدىكەن؛ ئۇلارنىڭ سۆزلەپ تۈگىتىپ بولالمايدىغان چوڭ داۋلىلىرى، سۆزلەپ تۈگىتىپ بولالمايدىغان ھاياتلىق ھىس-تۇيغۇلىرى بار ئىكەن.
    مۇشۇنداق ھالەتتە 81 قېتىملىق مۈشكۈلاتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، "ئۇ دۇنيا"غا بارغانسىرى يېقىنلاپ قالىدىكەن.
    يەنە بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە ئەرلەر ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە بىر ئىتچىلىكمۇ بولالمايدىكەن.
    ئۇلار يالغاندىن ناھايىتى كۈچلۈك قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان بولۇپ، ئەتراپىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تايىنىدىغان كىشىلەر ئىكەن؛ ئەمما ئۇ تايانغۇدەك بىرەر ئادەم بولمايدىكەن.
   ئۇلار يالغاندىن ناھايىتى ئاددى قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەم ئاتا-ئانىسىنى خۇشال قىلىشى ھەم بالىلىرىنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولۇشى كىرەك ئىكەن؛ بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر ۋاقىت ئايالىنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتىشى ۋە توختىماستىن باشلىقىنىڭ ئوي-پىكىرىگە ماسلىشىپ مېڭىشى كىرەك بولىدىكەن.
    ئۇلار يالغاندىن ناھايىتى ساغلام قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان بولۇپ، ئوغۇل بولۇش، ئەر بولۇش، دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار كىسەل بولۇپ قېلىشقا ياكى ئۆلۈپ قېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن.
   ئۇلار يالغاندىن ناھايىتى يامان قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈرەك-پارىسى ۋە ئوماق قوزىچىقى بولغان ئۇلار ھازىر بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلىنىپ، تۇرمۇش، ئۆي، ماشىنا، پۇل ئۈچۈن ھەر كۈننى ئالدىراشچىلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدىكەن.
    ئۇلار يالغاندىن ناھايىتى خۇشال قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى ھەمىشە سۈكۈت ئىچىدە بولىدىكەن، خۇددى بەزىبىر ئۈمۈدسىزلىكلەرنى پەقەت قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا بېسىپ قويۇشقىلا بولىدىغانغا ئوخشايدىكەن.
    سۈيۈملۈك ئىرىم، نەچچە ۋاقىتلاردىن بىرى سىز جاپا چەكتىڭىز!
    سىز گەرچە مىنى ھەشەمەتلىك داچىلاردا ئولتۇرغۇزالمىغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما مىنى كوچا-كويلاردا سەرسانلىقتا قويمىدىڭىز؛ ئۆيىمىز گەرچە چوڭ بولمىسىمۇ، كۈلكە-چاقچاق ۋە ئىللىقلىققا تولغان.
    سىز گەرچە ماڭا نەچچە ئونمىڭ يۈەنلىك قىممەتلىك كىيىملەرنى ئېلىپ بىرەلمىگەن بولسىڭىزمۇ، ئەمما مىنى موزلىتىپ قويمىدىڭىز؛ ئۈستۈمدىكى كىيىملەر قىممەت ئەمەس، ئەمما ناھايىتى راھەت ھەم ئىللىق.
    سىز گەرچە ماڭا كۈندە ھەشەمەتلىك تائاملارنى يىگۈزەلمىسىڭىزمۇ، ئەمما مىنى ئاچ قويمىدىڭىز؛ تاماق ئۈستىلىمىزدىكى بۇ تائاملار كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما گۆش-تۇخۇم ۋە كۆكتاتلار تۇلۇق ھەم يىيىشلىك.
    سۈيۈنلۈك ئىرىم، گەرچە سىز ناھايىتى ئادەتتىكىچە بولسىڭىزمۇ، ئەمما سىز ماڭا ئەڭ ھەقىقى بولغان مۇھەببىتىڭىزنى بەردىڭىز؛ سىز گەرچە ناھايىتى پۇلدار بولمىسىڭىزمۇ، ئەمما ھەر كۈنى بۇ ئائىلىمىز ئۈچۈن چېپىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىسىز.
    ئۇزۇندىن بىر مەن سىزگە ئىككى جۈملە سۆز قەرىز:
   بىرىنچى جۈملە سۆز، "سىزگە رەھمەت!"؛ ئىككىنچى جۈملە سۆز "مىنى كەچۈرۈڭ!". مەن ئىلگىرى سىزنى ياخشى چۈشىنىپ يەتمىگەن ئىكەنمەن، ھازىر سىزگە يۈرۈكۈم ئېچىشىدۇ؛ شۇڭا ئىشلارنىڭ ھەممىنى زىممىڭىزگە ئېلىۋىلىپ چىشىمنى چىشلەپ بەرداشلىق بىرىمەن دىمەڭ، بىز بىرلىكتە قول تۇتىشىپ ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا بىللە يۈزلىنەيلى!
   مىنىڭ سۈيۈملۈك ئىرىم، مەن ئۈچۈن جەۋرى-جاپالارنى چىكىپ، پۇل تېپىپ ماڭا خەجلەپ بىرىدۇ؛ رومانتىكىلىقنى بىلمەي، ھەمىشە مىنى ئاچچىقلىتىدۇ؛ بەك قاملاشقانمۇ ئەمەس ھەم شىرىن-شىكەر سۆزلەرنى قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ، ئەمما ئۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، شۇنداقلا بالىلىرىمنىڭ دادىسى ۋە بۇ ئائىلىنىڭ ئەر خوجايىنى.
    سۈيۈملۈك ئىرىم، سىزنىڭ بىر ئۆمۈر ساغلام بولىشىڭىزنى، ھەرۋاقىت خۇشال ئۆتىشىڭىزنى تىلەيمەن!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号