ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
قانداق ئەرگە ياتلىق بولۇشىڭىز، تۇرمۇش سەۋيىڭىزنى بەلگىلەيدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
      بەزىلەر بىر ئايال كىشىنىڭ ساپاسىنى ھەممىدىن بەك ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى، ئۇنىڭ كىيىنىشى ياكى ئۆيىنىڭ بىزىلىشى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قانداق بىر ئەر كىشىگە ياتلىق بولغانلىقىدۇر.
     چۈنكى سىزنىڭ بىرسىگە ياتلىق بولۇشىڭىز، سىزنىڭ يىڭى بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللىغانلىقىڭىزدىن دىرەك بىرىدىغان بولۇپ، بۇ يىڭى تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ دەرىجىسى سىز ياتلىق بولغان ئەر كىشىگە باغلىق بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى، سىزگە بولغان مۇھەببىتى قاتارلىقلار سىزگە ھەر ۋاقىت تەسىر كۆرسىتىپ، تۇرمۇش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ.
سىزنى چۈشىنىدىغان، سىزگە كۆيۈنىدىغان ئەر كىشىگە ياتلىق بولۇشىڭىز كىرەك.
      نۇرغۇن ئاياللار مۇھەببەتلەشكەندە مەلىكە بولۇپ، توي قىلغاندىن كىيىن ئانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. سىز ئۇنىڭغا ياتلىق بولغاندىن كىيىن، بەلكىم يۇيۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان كىيىم-كىچەك ۋە قاچا-قۇچىلارغا ياكى كۆكتات بازىرىغا ياتلىق بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن....سىز ئۆزىڭىزنىڭ جاپاسىدىن ۋە ئۇنىڭ رەتسىزلىكى، ھورۇنلۇقىدىن قاقشاپ ئۆتىسىز. ئۇمۇ بەلكىم ناھايىتى "مىنىڭ سىرتتا جان تىكىپ ئىشلىشىم مۇشۇ ئۆي ئۈچۈن ئەمەسمۇ، سەن مىنىڭ قانچىلىك جاپا چىكىدىغىنىمنى بىلمەيسەن" دىگەن بىرەر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئىشنى تۈگىتىدۇ.
      نىكاھ مۇناسىۋىتىدە ئۆز-ئارا قوللايدىغان، يار-يۆلەك بولىدىغان بولۇش، كىمنىڭ تۆلىگەن بەدىلى كۆپ دىگەن مەسىلىدە ھېسياتىنى خورىتىپ تۈگىتىۋەتمەسلىكى كىرەك.
     سىز ئۈچۈن ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈشۈپ بىرىدىغان ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشىڭىز كىرەك؛ بەلكىم ئۇ تاماق ئىتەلمەيدىغان، پۇت قولى چاققان ئەمەس بولۇشى مۇمكىن، ئەمما شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆي ئىشلىرى ئۈچۈن ئەر-خوتۇن بىللە تىرىشىش تۇيغۇسى، ئۇ بىر خىل بەخىتتۇر.
سىز ئۈچۈن زىھنىنى سەرپ قىلىشنى خالايدىغان ئەرگە ياتلىق بولۇشىڭىز كىرەك.
     ئەرلەر مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، ناھايىتى مۇلايىم، "قولىقى يۇمشاق" كىلىدىغان بولۇپ، ئەتىرگۈل، ئۈزۈك دىگەنلەر ئېغىزىڭىزدىن چىقىپ بولغۇچە، ئالدىڭىزغا كىلىپ بولىدۇ؛ ئەمما بۇ سىلەر توي قىلغاندىن كىيىنمۇ، ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت سىزنى ئالقىنىغا ئېلىپ كۆتىرىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ؛ ئۇنىڭ مۇھىم نوقتىسى سىزدىن يۆتكىلىپ كىتىدۇ، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان "مەن ئالدىراش" دىگەن باھانە سەۋەبلىرى بولىدۇ.
      ئۇنىڭغا ياتلىق بولغىنىڭىز، بەلكىم سىزنىڭ ساقلاش بىلەن ئۆتكەن ساناقسىز كىچىلەردىن ۋە توي خاتىرە كۈنىڭىزنى ئۆزىڭىز يالغۇز ئەستە ساقلىشىڭىزدىن دىرەك بىرىشى مۇمكىن....
      ئاياللارنىڭ تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشىنىڭ ياخشى بولۇشى ياكى بولماسلىقىنىڭ ماددى مۈلۈك بىلەن كۆپ ئالاقىسى يوق، سىز ياتلىق بولغان ئەر كىشىنىڭ سىز ئۈچۈن قانچىلىك زىھنىنى سەرپ قىلىشنى خالاش خالىماسلىقى ئەڭ مۇھىم.
     ئاياللار، سىز سېتىۋالغۇڭىز بار ئەمما سېتىۋىلىشقا كۆزىڭىز قىيمىغان سومكىغا دىققەت قىلىپ ھەمدە ئۇنى سېتىۋىلىپ، تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە سىزگە سوۋغا قىلىدىغان؛ باشقا جايلارغا كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ قايتىپ كەلگەندە، سىز ئۈچۈن سوۋغات ئېلىۋىلىشنى ئۇنۇتمايدىغان ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشى كىرەك.
      تۇرمۇش ئاددى-ساددا بولسا ھېچۋەقەسى يوق؛ چۈنكى ئاندا-ساندا قوشۇلغان شىرىنلىك، ۋە تاساددىبى خوشاللىق تۇيغۇسى بىر ئۆمۈر قول تۇتۇشۇپ ئۆتۈشۈڭلارغا يىتىپ ئاشىدۇ.
يول قويۇشنى ۋە سىز بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىشنى بىلىدىغان ئەرگە ياتلىق بولۇڭ.
    مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا، سىز ئىككىڭلارنىڭ ئوخشىشىپ كىتىدىغان تەرەپلىرىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭلارنى تۇغۇلما بىر جۈپلەردەك ھىس قىلىسىلەر؛ ئەمما بىرلىكتە ھەقىقى تۇرمۇشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ۋاقتىڭلاردىلا، بىر-بىرىڭلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە شۇنداق كۆپ زىددىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايسىلەر.
     ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشىڭىز، بەلكىم تېلىۋىزوردا ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنى نەخ مەيداندىن تارقىتىش تۇرمۇشىغا ياكى كىچىك بىر ئىشلار ئۈچۈن تۈگىمەس جىدەللەر كىلىپ چىقىدىغان تۇرمۇشقا ياتلىق بولغىنىڭىزدىن دىرەك بىرىشى مۇمكىن.
سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىزنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىيالايدىغان ئەرگە ياتلىق بولىشىڭىز كىرەك.
     تويلىشىش كەڭ قورساق بولۇشقا ئىھتىياجلىق، ئەمما يول قويۇش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ؛ ئەينى ۋاقىتتا توي كۆينىكى كەيگەن ۋاقىتتىكى بارلىق ئۈمىدلىرىڭىزنى خوراپ تۈگىتىۋىتىپ، ئۇۋالچىلىق ۋە ئىچى پۇشۇقلا ئېشىپ قالىدىغان ئەھۋال بولمىسۇن.
     ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىزمەتتە ياخشى نەتىجە يارىتىش بىخەتەرلىك ۋە مۇستەقىللىقنى بەلگىلەيدۇ، ياخشى ئەرگە ياتلىق بولۇش بولسا، بەخىت تۇيغۇسىنىڭ كىلىش مەنبەسى بولىدۇ.
     ئاياللارنى تىز سۈرئەتتە "بىلىق كۆزى" قىلىپ قويىدىغىنى، يىللار ئەمەس بەلكى بىر بۆلەك ئادەمنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالىدىغان توي تۇرمىشىدۇر.
     ھەقىقەتەن بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمگەن ئاياللارغا نىسبەتەن، توي تۇرمۇشى ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ كىلىش مەنبەسىدۇر. ئۇلار كۆيۈنۈشكە، ئاسراشقا ئىرىشىۋاتقان بولۇپ، خوشال روھى كەيپىياتقا ئىگە كىلىدۇ، ھەرۋاقىتتا، ھەجايدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۆھەردەك كۆرنىدۇ.
    بىر ئادەمگە ياتلىق بولۇشىڭىز، بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى تاللىغىنىڭىزغا باراۋەر! بەلكىم ئۇ سىز ئويلىغاندەك مۇكەممەل بولماسلىقى، ئازراق كىلەڭسىز، جىمغۇر ياكى ئازراق كىچىك بالا مىجەز ۋە پو ئېتىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇشى مۇمكىن... بىراق ئۇ پەقەت سىزگە كۆيۈنسە، سىزگە يول قويسا، سىزگە پارچە-پۇرات ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىشنى خالىسا، بۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك؛ چۈنكى بىزنىڭ ئۆزىمىزدىمۇ كەمچىلىك يەتكىچە بار بولغان بولۇپ، قارشى تەرەپ بىزگە ئوخشاش تىلغا ئېلىپ يۈرمىگەن يىرىلا بار خالاس.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号