ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە ئېلىپ بارسا، ئۇلارنى قولدىن چىقىرۋەتمەڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ھازىرقى جەمئىيىتتىكى كىشىلەرنىڭ قەلىبلىرى، سىغدۇرغان مەزمۇنلار كۆپ ئەمما تەۋرىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى؛ بىزمۇ بىرەر ناخشىنى تۈگىتىپ ئاڭلايدىغان سەۋرچانلىقىمىزنىمۇ يوقىتىپ، بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغۇدەك ھالغا كىلىپ قالدۇق، مۇھەببەت تۇرمۇشتىكى ھەشەم بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالدى.
    ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ ئىرىشمەكچى بولغان مۇھەببىتىمىزمۇ ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس، پەقەت شۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىمىزنىڭ چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز خالاس. ئادەتتە ئاياللارغا نىسبەتەن، ئەر كىشى سىزنى تۆۋەندىكى ئۈچ جايغا بىللە ئېلىپ بارسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇ ئەر كىشنىڭ سىزنى ھەقىقەتەن چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
     1. ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن سىزنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىشى
    مىنىڭ بىر دوستۇم ئوغۇل دوستى بىلەن 3 يىل مۇھەببەتلەشتى؛ بۇ ئارلىقتا ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى ئۇنى بىر قېتىممۇ ئۆيىگە باشلاپ ئاپارمىدى؛ گەرچە دوستۇم بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ كىلىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئوغۇل دوستى تىخى ۋاقتى كەلمىگەنلىكنى باھانە قىلىپ، كەينىگە تارتىپ كەلگەن ئىدى. ئارلىقتا يەنە بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، دوستۇم ئوغول دوستىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى يېزىدىن كەلگەن دەپ ياراتماي، ئۇلارنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئاخىرى بىلدى. ئىش بۇ ئەھۋالغا يەتكەندە ئۇلارمۇ مۇناسىۋىتىنى خاپا ھالەتتە ئاياغلاشتۇردى.
     2. دوستلىرىنىڭ قېشىغا سىزنى بىللە ئېلىپ بېرىشى
     بىر ئەر كىشى پەقەت سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن ئەھۋال ئاستىدىلا، ئاندىن سىزنى ئۆزىنىڭ چەمبىرىكىگە ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارغا سىزنى تۇنۇشتۇرىدۇ؛ ئۇ دوستلىرىغا ناھايىتى ئىپتىخارلىق بىلەن، كۆزۈڭلارنى يوغۇن ئېچىپ تۇنۇۋىلىڭلار، بۇ دىگەن مىنىڭ قىز دوستۇم دەيدۇ؛ سىزنىڭ ئۇنىڭ قىز دوستى ئىكەنلىكىڭىزنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغۇسى كىلىپ كىتىدۇ. ئەگەر بىر ئەر كىشى ھە دىسىلا ئېغىزىدا سىزنى ئۇنداق ياخشى كۆرىمەن، مۇنداق ياخشى كۆرىمەن دىسە، ئەمما سىزنى ئەزەلدىن دوستلار يېغىلىشىغا ئېلىپ بارمىسا، سىز ئۇنىڭ دوستلىرىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭ يەنە باشقا قىز دوستلىرى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، ئۇ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، سىزنى ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە كىرگۈزمەيدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا سىز ئەڭ ياخشىسى ئەس-ھۇشىڭىزنى يېغىشىڭىز كىرەك.
     3. سىزنى ئۆزىنىڭ قەلىب دۇنياسىغا ئېلىپ كىرىشى
     ئەر كىشى ئەگەر سىزنى چىن دىلىدىن سۆيسە، ئۇ ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا سىز ئۈچۈن ئويلايدۇ؛ سىزنىڭ ئازار يەپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ، سىزنىڭ ئاچ توق قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ، سىزنى خۇددى دادا قىزىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ؛ سىزگە ئۆزىنىڭ قەلىب خاھىشىنى زىرىكمەي، سەۋرچانلىق بىلەن بىلدۈرىدۇ ياكى ئىپادىلەيدۇ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇن ئىگەللىگەنلىكىڭىزدىن بولىدۇ؛ سىز ئۇنىڭ قەلبىدە باشقىلار ئورنىڭىزنى باسالمايدىغان ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ كىيىنكى ئۆمرىدە پەقەت سىز بىلەنلا بىرگە بولۇشنى ئويلايدۇ.
     گەرچە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى پەقەت ئۆزىلا بىرەلەيدۇ دەپ ئېيتساقمۇ، ئەمما ئاياللار ئۆزى تاللىغان ئەرنىڭمۇ ئۆزىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلىشىنى تېخىمۇ بەكرەك ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ. ئەگەر بىر ئەر كىشى سىزنى يۇقىردا سۆزلەنگەن ئۈچ جايغا ئېلىپ بېرىشنى خالىسا، ئۇنداقتا چوقۇم ئىشىنىڭكى، ئۇ ئەر سىزنى ھەقىقەتەن چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەگەر سىز بۇ خىلدىكى ئەرلەرنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنى قولدىن بىرىپ قويماڭ!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号