ئەگەر بىر ئادەم ئۆمۈر بويى بويتاق ئۆتسە، ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغان ئاساسى كۆپىنچە، ئۆزىنى چۈشىنىدىغان بىرسىنى ئۇچرىتالمىغانلىقى بولىدۇ.
مۇھەببەتلەشكەن ئىككى تەرەپ، ئەگەر جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولالمىسا، ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئاساسى ھۇل قىلمىسا، بۇنداق بىر بۆلەك ھىسيات ئۇزۇنغا سوزۇلمايدۇ ھەم مۇقىم بولالمايدۇ. ئەمما بىز ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە، ئۆز-ئارا چۈشىنىش دىگەن زادى نىمە؟ قانداق قىلغاندا چۈشەنگەن بولىدۇ؟
-1-
مەنمۇ ئىلگىرى ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ قارايتتىم؛ ئەمما مەن كىيىنچە چۈشىنىشنىڭمۇ نۇرغۇن خىل بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم؛ ئەگەر بىزگە لازىملىق بولغىنىنىڭ قايسى خىلدىكى " چۈشىنىش " ئىكەنلىكىنى تۇلۇق چۈشىنىپ يىتەلمىسەك، ئۇنداقتا ئۇ " چۈشىنىش " بىزگە نىسبەتەن بىر خىل سىرتماق بولۇپ، ئاخىرى بېرىپ بىزگە ھەرخىل ئازاپلارنى ئېلىپ كىلىدۇ.
ئاننا مىنىڭ بىر ئوقۇرمىنىم. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.
ئاننا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بىر قىز بولۇپ، بىر بۆلەك ھىسياتنى باشلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزلۈكسىز ھالدا جەزىملەشتۈرۈپ تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىدى. ئىلگىرى ئۇ بۇ خىل ھالەتنى مۇھەببەتلىشىشتىكى نورمال ئەھۋال دەپ قاراپ، ئۆزى ھەددىدىن " مۇھەببەت كەمچىل" بولغانلىق سەۋەبىدىن، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختاپ خوش قىلىشىنىمۇ " مىنى چۈشەنگەنلىكى " دەپ خاتا ھىس قىلىۋالغانىدى. ئۇ ئىككى قېتىم مۇھەببەتلىشىپ باققان بولۇپ، ھەر ئىككى قېتىملىقى ئۇزۇنغا بارمىدى، ئايرىلىپ كىتىشتىكى سەۋەپ بولسا، ئوخشاشلا قارشى تەرەپنىڭى ئۇنى "چۈشەنمەسلىكى" ئىدى.
كىيىنچە ئاننا ئۆزىگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بىر ئەر كىشىگە ئۇچراشتى، ئۇ خۇددى ھەممىنى چۈشىنىدىغاندەك قىلاتتى؛ ئاننا ئاچىچىقلانغان ۋاقىتتا، كەيپىياتنى كۈلكىگە بۇراپ تۇرۋالاتتى، ئاننانىڭ قايسى ئاشپۇزۇلىنىڭ ناشتىلىقىنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى بىلەتتى، ئاننانىڭ قايسى ناخشىنى ئېيتىشنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغىنىنى بىلەتتى.... بۇ خىل بىلىش ۋە "چۈشىنىش" ئاننانى كۆڭلىگە دەل چۈشۈپ، قارشى تەرەپنى بارغانسىرى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۆزىنى تارتىۋىلالمىغۇدەك ھالغا كىلىپ قالدى.
ئەمما مۇھەببەتكە قانچىلىك چوڭقۇر پېتىپ قالغانسىرى، شۇنچە خەتەرلىك بولىدۇ؛ چۈنكى جېنىنىڭ بارىچە بەدەل تۆلەشكە ئىھتىياجلىق بولغان مۇھەببەت، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قارشى تەرەپنىڭ بەدەللىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بولغانلىقىدىن بولىدۇ. ئۇ ئەر كىشى ئاننانىڭ بارلىق ئاجىزلىقلىرىنى " چۈشەنگەن " بولۇپ، ئاننانىڭ ئۆزىگە چوڭقۇر مىھرى بارلىقىنى "چۈشىنەتتى"، ئۆزىنىڭ بىر نەچچە ئېغىز شىرىن-شىكەر سۆزلەرنى قىلىپ قويسىلا، ئاننانىڭ مۇرەسسەگە چۈشۈپ ئىندەككە كىلىدىغىنىنىمۇ " ئوبدان چۈشىنەتتى" .

بىراق، مۇھەببەتتىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى، " چۈشىنىش" ئارقىلىق ئورالغان ئازاپلاش ، " چۈشىنىش" نى دەستەك قىلىپ، ھېچقانداق قورقۇنچىسى يوق ھالدا مۇھەببەتنى دەپسەندە قىلىشتۇر.
-2-
ئاننا ئۇ ئەر كىشى بىلەن ئارلىشىپ يېرىم يىلدىن كىيىن، ئۇ ئەر ئىگىلىك تىكلەش ئويىنى ئوتتۇرغا قويدى، ئۇ بۇنىڭغا تېخى ئاننانىڭ كەلگۈسىگە ياخشى بىر تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن دىگەن قالپاقنى كېيگۈزىۋالغان ئىدى. ئەرنىڭ بۇ ئويلىرى ئاننانى ناھايىتى خوشال قىلىۋەتتى، ئاننا " قاراڭ، بۇ ئەر كىشى مىنىڭ قەلبىمنى نىمە دىگەن چۈشىنىپ يەتكەن ھە!، ئۇ مىنىڭ خاتىرجەم بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇيۇم بارلىقىنى چۈشىنىدۇ " دەپ ئويلىدى. ئەمما ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىغا پەيدا بولدى.
ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ لازىم بولىدۇ؛ ئەر ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن مەبلەغكە ئېھتىياجلىق ئىدى. ئاننا ئەرنىڭ ھەر كۈنى غەم تارتىپ تەشۋىش ئىچىدە ئۆتۈۋاتقىنىغا ئىچى ئاغرىپ، ئۆزىنىڭ نەچچە يىلدىن بويان يىمەي-ئىچمەي يېغقان پۇللىرىنى— 60 مىڭ يۈەننى ئەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئەر پۇلنى ئالغان ئاشۇ دەقىقىدە، ئاننانى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ، "ئىشلىرىمىز يۈرۈشۈپ پۇل تېپىپ قالساق، كىلەر يىلى توي قىلايلى" دىدى. ئاننانىڭ دىيىشىچە، ئۇ ۋاقىتتا ئاننا ناھايىتى شىرىن بىر چۈش كۆرگەندەك، ئۇ ئەر جاھاننى لەرزىگە سېلىپ ئۆزىنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن كىلىدىغاندەك ھىس قىلىپ كەتكەن.
ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، شىرىن چۈشلەر بۇزۇلدى؛ ئاننا نەچچە ئاي ساقلاپمۇ، ئەرنىڭ شىركەت قۇرۇش تەييارلىقلىرىنىڭ پۈتكەنلىكىنى ساقلاپ بولالمىدى؛ ئەرنىڭ ھەر خىل باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىشى، ئانناغا بىر خىل كىلىشمەسلىكنى ھىس قىلدۇرۋاتاتتى.
دەرۋەقە، مەلۇم بىر كۈنى ئاننا ئەرنىڭ توردىكى قىمار ئويناشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى.
ئاننا ناھايىتى ئازاپلانغان ھالدا ئەردىن ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛ ئەرمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرمىدى، ئۆزىنىڭ قىمار ئويناشقا قاتناشقانلىق ئەمىلىيىتىنى ئۇچۇقلا ئىتراپ قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆرسەتكەن ئاساسلىرى، ئانناغا بېقىنىپ ئۆتۈشنى خالىماي، قىمار ئۇتۇپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئىشلىتىش، ئاننانىڭ 60 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئانناغا قايتۇرۇپ بىرىشنى ئويلىغانلىقى ئىدى. بىراق ئۇ ئۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاننانىڭ 60 مىڭ يۈەن پۇلىنىمۇ ئۇتتۇرۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئانناغا دىيىشكە پېتىنالماي، ئۈمىدنى يەنە قىماردا ئۇتۇپ پۇلنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە باغلىغان، نەتىجىدە ئوينىغانسىرى تېخىمۇ كۆپ ئۇتتۇرۋەتكەن.

ئەر گېپىنى تۈگىتىپلا ئاننانىڭ ئالدىدا تىزلاندى، ئېغىزىدىن بولسا ھەرخىل پۇشايمان ۋە كاپالەت بىرىش ھەققىدىكى چىرايلىق سۆزلەر ئىدى. چۈنكى ئۇ ئاننانىڭ كۆڭلىنىڭ يۇمشاقلىقىنى، مىجەزىنىڭ كەسكىن ئەمەسلىكىنى " چۈشىنەتتى "، ئاننانىڭ ئۆزىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىندىغانلىقىنى تېخخمۇ ئوبدان "چۈشىنەتتى".
ھەقىقەتەن، ئۇ ئاننانى ئوبدان چۈشىنەتتى؛ ئەمما بۇ ۋاقىتتىكى "چۈشىنىش" ئەرنىڭ قولىدىكى قورالى، ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىگە قايتا-قايتا ئازار بىرىشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
-3-
بۇ ۋاقىتتىكى ئاننا ئۆزىنى تارتىۋالالمايدىغان ھالەتكە يىتىپ قالغان بولۇپ، مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆز ھىسياتىنى بىرىپلا قالماي يەنە پۇللىرىنىمۇ سەرپ قىلغان؛ شۇڭلاشقا ئۇ ئەرگە كۆڭلىدە يەنە ئۈمىد باغلاپ توي قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.
گەرچە ئۇلارنىڭ تويى ھەممە ئادەمنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاننانىڭ چىڭ تۇرۋىلىشى نەتىجىسىدە، ئاننانىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئامالسىز قوشۇلدى؛ ئاننا ئاخىر ئارزۇسىغا يەتتى. تويدىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاننا ھامىلدار بولۇپ قالدى؛ ئەر بولسا ئانناغا ئىچى ئاغرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئاننانى خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىشكە ئۈندىدى ھەم ئۆزىنىڭ ياخشى ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئۇلارنى ياخشى بېقىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاننانىڭ خاتىرجەم قورساق كۆتۈرۈشىنى ئېيتتى. ئەرنىڭ بۇ قارارى ئاننانىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ئايالىغا كۆيۈنۈشنى بىلىدىغان بۇنداق بىر ئەرگە ئىرىشسە، بۇندىن باشقا يەنە نىمە ئارمانلار بولسۇن؟
ئەمما تەلەي سىناش خارەكتىرىدىكى بۇنداق تويلىشىشتا، ھەقىقەت ھامان ئارمان بىلەن قارشى چىقىپ قالىدۇ. ئاننانىڭ ھامىلدار مەزگىلىدىكى ئەرنىڭ تالاغا قارىغانلىقىغا قارىتا بولغان گۇمانى، ئاننا بالىنى تۇغۇپ تېخى تۇغۇتتىن قوپمىغان ۋاقتىدا ئىسپاتلاندى. ئاننا زاكىدىكى بالىسىغا قاراپ ئولتۇراتتى؛ ئۇ ھازىر كۆڭلىدە شۇنداق ئازابلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئايرىلىپ كىتىش ئويى يوق ئىدى؛ ئاننانىڭ ھەم كىتىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى، چۈنكى بالا تېخى ئەمدى تۇغۇلغىنىغا نەچچە كۈنلا بولغان، ئاننانىڭ تېخى خىزمىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاننانىڭ تويى ئاتا-ئانىسى ئەسلىدىنلا قارشى تۇرغان توي، ئاننانىڭ ھازىر كەينىگە قايتىشقا يولى يوق ئىدى.
ئەر بۇ ۋاقىتتا ئاننانىڭ چىكىنىشكە يولى قالمىغانلىقىنىمۇ " چۈشىنىپ " يەتكەن بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ، تالاغا قاراش ۋە قىمار ئويناشلارنىڭ بىرنىمۇ تاشلىماي يۈرىۋەردى. بۇ ۋاقىتتا ئاننامۇ چۈشىدىن چۆچۈپ ئويغانغاندەك ئىسىنى تاپقان ئىدى: بۇ ئەر كىشى ئۆزىنى ھەقىقەتەن " چۈشىنەتتى"، ئەمما بۇ ئەر ئاننانى ياخشى كۆرۈشنى ئەزەلدىن "چۈشىنىپ" يەتمىگەن ئىدى.

-4-
ئاننانىڭ ھىكايىسى تېخى ئاخىرلاشمىغان ئىدى. ئاننا ئاللىقاچان كۆنۈپ قىلىش خىيالىغا كەلگەن بولۇپ، ئۆزى تاللىغان يولنى يۈكۈنۈپ بولسىمۇ تۈگەتمەكچى بولغان ئىدى. ئاننانىڭ ماڭا دىيىشىچە، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغىنى كۆز ئالدىدىكى قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن ئۇ ئەر ئەمەس، ئاننانىڭ ئۆزى ئىدى؛ ھازىرقى ئاننانىڭ ھېچقانداق ئىقتىسادى كىرىمى يوق، ئىمىشنى ساقلاپ ئىڭەلەپ يىغلاۋاتقان بوۋاق بىلەن ئۆزىنى قايتا-قايتا ئازاپقا سالغان ئەر كىشىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق ئىدى.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاننانىڭ " چۈشىنىش " دىگەن بۇ ئۇقۇمغا بەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، ھەقىقى " چۈشىنىشنىڭ " مەنىسىنى خاتا چۈشىنىۋالغان ئىدى. ئاننانىڭ بۇ ھىكايىسى ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى سەل ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. مىنىڭچە باشقىلارنىڭ بىزنى چۈشىنىشىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئۆزىمىز ئۆزىمىزنى زادى ھەقىقى چۈشىنىپ باقتۇقمۇ يوق دىگەن مەسىلىدۇر.
ھەممە قىزلار ئۆزىنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان بىرسىنى تېپىشنى ئويلايدۇ، ئەمما بىلىشىڭىز كىرەككى، سىز نىمىنى ياخشى كۆرىسىز، نىمىدىن قورقىسىز، بۇلارنى بىلگەنلىكى سىزنى چۈشەنگەنلىكى بۇلمايدۇ، بۇ خىلدىكى بىلىش تازا بولسا رايىڭىزغا بېقىش بولىدۇ خالاس.
مۇھەببەتلەشكەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ھەقىقى چۈشىنىش بولسا، سىزنى قەدىرلەش كىرەكلىكىنى چۈشىنىش، سىزنى قوللاش، سىزنى ئاسراش ۋە ھۆرمەتلەش كىرەكلىكىنى چۈشىنىش، سىزگە ئىشىنىشى كىرەكلىكىنى چۈشىنىش....
ھەر بىر قىزلارنىڭ ئۆزىنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان ئەركىشىگە ئۇچرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت ب

شۇنداق، بەزىلەر قىممەتلىك سوۋغاتقا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆي ۋە ماشىنىدىن غەم قىلماسلىقنى ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان كەلگۈسىگە

ھامىلدار ئاياللاردىمۇ ھەرخىل فىزىلوگىيەلىك ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن بىئارامچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەن

ھازىر تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، قوساق تويغۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزىلىك تائاملاردىن ھۇزۇر ئېلىشقىمۇ بولىدىغان بولدى؛ شۇڭلاشقا، نۇر

ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە خارەكتىرى بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىدۇ.

تۆۋەندىكى ئۈچ مۆچەلدىكى ئاياللار، تۇغۇلىشىدىنلا ئەرلەرنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىغان بىر خىل جەلپكارلىققا ئىگە بولۇپ، مەپتۇن قىلارلىق سىھرى كۈچى ئىنتايىن چوڭ، ئەرل




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号