ئوغۇل بىلەن قىز ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار؛ ئوغۇل چەت جايدىكى يېزىدىن كەلگەن، قىز ئاۋات مەركىزى شەھەردىن كەلگەن؛ ئۇغۇلنىڭ دادىسى ئاددى بىر دىھقان، قىزنىڭ دادىسى بىر شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى. بۇ تەرەپلەردىن باشقا، ھېچكىم ئۇلارنى تۇغۇلما بىر جۈپلەردىن ئەمەس دىمەيدۇ. قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قەتئى قارشى چىققان ئەھۋال ئاستىدا، ئىككەيلەن يەنىلا بىرگە بولدى.

ئوغۇل مۇقىم يۆنىلىشتە تەقسىم قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى بولغاچقا، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئەسلىدە بىكىتىلگەن ئورۇنغا قايتىپ خىزمەت قىلىشى كىرەك ئىدى؛ قىز بولسا دادىسى ئالاقىلاشقان ياخشى خىزمەتلەرنى تاشلاپ، ئوغۇل ئىشقا ئورۇنلاشقان ناھىيەگە بىللە كەلدى؛ ئوغۇل ئىدارىدا خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىدى، قىز ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىدى؛ ئىككەيلەننىڭ كۈنى جاپالىق ئەمما خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، ماددى ئىستەك ئەۋجىگە چىققان ھازىرقىدەك جەمئىيىتىمىزدە، ئۇلارنىڭ بۇ خىل مۇھەببىتى پەقەت ھوللىۋود كىنولىرىدىلا كۆرگىلى بولىدىغان مۇھەببەت ھىكايىلىرىگە ئوخشايتتى.

مەلۇم بىر كۈنى ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ كەتتى؛ قىز ئېغىر زوكامداپ قالغان بەدىنىنى سۆرەپ، مەكتەپتە دەرستە كەينىدە قالغان بالىلارغا، تۇلۇقلاپ دەرس تەكرار قىلىپ بىرىۋاتاتتى؛ قىز ئوغۇلغا تېلفون قىلىپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ بالدۇرراق ئىشتىن چۈشۈپ تاماق قىلغاچ تۇرۇشىنى تاپىلاپ قويغان ئىدى. ئەمما ئۇ قورساقلىرى ئېچىپ چارچىغان ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، ئوغۇل ئۆيدە يوق بولۇپ، ئۆي ئىچىدىكى ھەممە نەرسە سوغۇق، يېقىندا ئادەم پائالىيەت قىلغاندەك كۆرۈنمەيتتى. قىز ئەمدى ئورنىدىن تۇرۇپ، تاماق قىلىشقا تەمشەلگەندە، ئوغۇل سىرتتىن قايتىپ كەلدى. قىز ئۇنىڭدىن نەگە بارغىنىنى سورىغاندا، ئوغۇل قىز ۋاقتىدا كىلىپ تاماق قىلالمايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ تاماق يەپ كىرگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ قىز ئۆزىنى ھەسرەتكە تولغاندەك بىچارە ھىس قىلدى؛ ئۇ كۆزلىرىگە لېققىدە ياش ئالغىنىچە ياتاق ئۆيگە قاراپ ماڭدى؛ ئەمما ئۇ چاي ئۈستىلىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقىنىدا، يوپكىسىنىڭ بۇرجىكى ئۈستەل ئۈستىدىكى لوڭقىغا تىگىپ كىتپ، لوڭقا يەرگە چۈشۈپ پارە-پارە بۇلۇپ كەتتى. يېرىم يىلدىن كىيىن قىز بۇ ناھىيە بازىرىدىن ئايرىلىپ، ئاۋات مەركىزى شەھەرگە كەتتى.

مانا بۇ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدۇر، ناھايىتى قەيسەر كىلىدۇ ھەم ئىنتايىن ئاجىز. ئۇ خۇددى چىرايلىق لوڭقىغا ئوخشايدۇ؛ ئۇنى توغرا بولغان ئورۇنغا قويسىڭىز، يىللارنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرىدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭغا ئازراقلا تىگىپ قويسىڭىز، يەرگە چۈشۈپ پارە-پارە بولۇپ كىتىشى مۇمكىن.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئېچىۋىتىلگەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئ

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئامىرىكىلىق جېف.دابىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ توم بىلىكى بار بولۇپ، باشقىلار تەرپىدىن رىئاللىقتىكى "كۈچتۈڭگۈر ماتروس" دەپ تەرىپلەنگەن.

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

نۇرغۇن كىشىلەر، يېشىغا يىتىپ قالغاندا، مۇنداقلا مۇھەببەتلىشىپلا توي قىلسا بولىدۇ دىيىشىدىكەن. بىراق، زادى قانچە ئۇزۇن مۇھەببەتلەشسە ئاندىن ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئى

يېقىندا ئامىرىكىنىڭ نىيورۇك شەھرىدە، 30نەپەر بوۋاق بىر قېتىملىق بوۋاقلار ئۆمىلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. مۇسابىقە جەريانىدا، "ماھىرلار"غا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئات

ئىلگىرى ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندىستاندىكى 43ياشلىق بىر ئەرنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرىنى قوشقاندا جەمئى 28تال بارمىقى بار بولۇپ، جىننىس دۇنيا رىكوتى تەشكىلاتى تەرپىدىن
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号