ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى ياخشى بولماسىلىق سەۋەبى ئەسلىدە مۇنۇلار ئىكەن!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-13 كۆرۈلىشى : قېتىم

   ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدا ئەسلىدىنلا قاراش جەھەتتىكى پەرق بار بۇلۇپ،كۆپىنچە ھاللاردا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا نىسبەتەن كەڭ قورساق كىلىدۇ ؛ئەمما ئىلگىركى نەچچە ئون يىلدا ئازراقمۇ مۇناسىۋىتى بولمىغان،كىيىنچە ياتلىق بۇلۇپ كەلگەن بىرسىگە قارىتا يەنە كەڭ قورساق بۇلۇشى ناتايىن.

1.jpg

1.  توي قىلغاندىن كىيىن بالىلىق بۇلۇشنى كەينىگە سۆرەش

   كۆپ قىسىم كىلىن كۆرگەن ئاتا-ئانىلار، بۇلۇپمۇ دەم ئېلىشقا چىقىپ ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى بالدۇرراق نەۋرىلىك بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئەمما بەزى كىلىنلەر خىزمەت ياكى تەن سالامەتلىك تۈپەيلى ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇدە،ھەمىشە قىيىنئانا-قىيىنئاتىسىنى تىت-تىت قىلىدۇ،بەزىدە ھەتتا ئۇلارنىڭ ھەر خىل قالايمىقان پەرەز قىلىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.   قېيىنئانا بىلەن كىلىننىڭ تۇرمۇش ئادىتى ئوخشىماسلىق

   ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ئوخشاش بولمايدۇ، بۇلۇپمۇ ئوخشىمىغان ئىككى ئائىلىدىن كىلىپ چىققان قېيىئانا ۋە كىلىن، دەسلىۋىدە ھەقىقەتەنمۇ قارشى تەرەپكە كۆنەلمىگەندەك تەسىر بىرىدۇ،شۇڭلاشقا بۇ جەرياندا ئوتتۇرلۇقتا ئاز-تولا سۈركىلىشلەرنىڭ بۇلۇپ قېلىشىنى ھەممىمىز ئويلاپ يىتەلەيمىز؛ بۇ ۋاقىتتا بۇ كىچىك ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا چوڭلار بىلەن بىرگە تۇرۇش ياكى تۇرماسلىق توغرىسىدىكى مەسىلە پەيدا بۇلىدۇ. قىسقىسى، زادى بىرگە تۇرۇش كىرەكمۇ ئەمەسمۇ؟ بىرگە تۇرسا بىر-بىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە قانداق كۆنۈش كىرەك دىگەنلەر ھەممىدىن جىددى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە بۇلۇپ قالىدۇ.

2.jpg

3.  قېيىنئانا بىلەن كىلىننىڭ بالا تەربىيىلەشتىكى قارىشى ئوخشاشمايدۇ

  قېيىنئانا بىلەن كىلىن ياشىغان دەۋىر ئوخشىمايدۇ، ھەر جەھەتلەردىكى قاراشلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ؛قېيىنئانا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا بالا تەربىيىلەشنى ياخشى كۈرىدۇ،كىلىن بولسا ئىلمى ئۇسۇلدا بالا تەربىيىلەشنى تەرىپلەيدۇ.ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا بالا تەربىيىلەش بىلەن ئىلمى ئۇسۇلدا بالا تەربىيىلەشنىڭ ھامىنى زىت كىلىپ قالىدىغان تەرەپلىرى بار بۇلۇپ، قېيىنئانا بىلەن كىلىن ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ بۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

4.  قېىيىنئانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆز ئانىسىنى ماختاش

     قېيىنئانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئانىسىنى ماختىسا قېيىنئانىنىڭ كۆڭلى ئەلۋەتتە بىئارام بۇلىدۇ،بۇ خىل ئەھۋال ئىرىنىڭ ئالدىدا باشقا بىر ئەر كىشىنى ماختىساق ئىرىنىڭ كۈنچىلىكى تۇتقانغا ئوخشايدىغان بۇلۇپ،ئادەتتە قەتئى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك سۆزلەشكە بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. ئەلۋەتتە قېيىنئانىمۇ كىلىننىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ قىزىنى ماختىماسلىقى ،قىزىغا ئالاھىدە ئامراقلىق كۆرسەتمەسلىكى كىرەك.

3.jpg

5.  قىېينئانىسىنىڭ ئالدىدا ئىرىنى ئەيىبلەش

   ئەر خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا دائىم قارشى تەرەپتىن ئاغرىنىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدىغان بۇلۇپ، بۇ ناھايىتى نۇرمال بىر ئىش،چۈنكى ھېچكىم قەتئى خاتالاشمايمەن دىيەلمەيدۇ. ئەمما قېيىنئانىڭىزنىڭ ئالدىدا ئىرىڭىزنى ئەيىبلىسىڭىز،بەلكىم ئىرىڭىز ئەر خوتۇنلارنىڭ بىر ئىككى ئېغىز گەپ تالىشىشى نورمال ئىش دەپ بىلىپ ئۇنچە بەك ئىرەنشىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن،بىراق قېيىنئانىڭىز بۇنداق دەپ قارىمايدۇ؛ئۇ يۈرىكى ئاغرىغاندەك ھىس قىلىدۇ،چۈنكى ھەرنىمە دىگەن بىلەن ئىرىڭىز ئۇنىڭ ئۆز ئوغلى،خۇددى سىز ئۆز ئوغلىڭىزنى ياخشى كۆرگەنگە ۋە ئۇنىڭ ئازراق ئازار يەپ قېلىشىنى خالىمىغىنىڭىزغا ئوخشاش.شۇڭلاشقا،قېينئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنى ياخشى ساقلاي دىسىڭىز،ئىرىڭىز بىلەن گەپ تالاشقاندا ئەڭ ياخشىسى ئۆينىڭ ئىشىكىنى چىڭ يېپىپ قويۇڭ.قېيىنئانا-كىلىن ئوتتۇرسىدا ئىناق ئۆتسە، بۇ ئەر كىشىنىڭ بەختى ھىسابلىنىدۇ.

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

 

友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号