ژورنالدىن مۇنداق بىر ھىكايە كۈرۈپ ، كۆڭلۈم شۇنداق ئىللىپ كەتتى :
بىر ئەر بىلەن بىر ئايال ئۈندىدارنىڭ " چايقاپ بېقىڭ " ئىقتىدارى ئارقىلىق تۇنۇشقان بۇلۇپ ، ئىككەيلەن بىر يىلدەك توردا مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن ، ھەممە ئادەمنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراشقا قارىماي ، بۇ ئايال كىشى ئەركىشى بار شەھەرگە كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان .

ئايالنىڭ مىجەزى مۇلايىم كەلگەن ، ئەر بولسا ئۇچۇق كۆڭۈل بۇلۇپ ، بىر يىلدىن ئارتۇق بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ئىككەيلەن بىرە قېتىممۇ قىزىرىشىپ قالمىدى . بۇ ۋاقىتتا ئەر توي قىلىشنى كۈنتەرتىپكە تارتىپ ئېچىقتى ، ئايالمۇ ئەرنىڭ ئۆزىگە توي تەكلىپى قويۇشىنى ئۈمىد قىلىپ تۇراتتى ؛ ئەمما دەل مۇشۇنداق خوشاللىققا چۆمگەن پەيتلەردە ، ئىككەيلەن بىر قېتىملىق ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن جىدەللىشىپ قالدى .
بۇ ئىككەيلەننىڭ تۇنۇشقاندىن بىرى تۇنجى قېتىم جىدەللىشىشى بۇلۇپ ، ئەر ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ كەتكەن ئىدى ؛ ئايال ئۇۋالچىلىق ھىس قىلىپ سومكىسىنى كۆتۈرۈپلا كەتمەكچى بولغىنىدا ، ئەر ئايالنىڭ سومكىسىنى تارتىۋىلىپ ، يۇقىرى ئاۋازدا " سەن ئۆيدە يۇۋاشلىق بىلەن ئولتۇر ، كىتىدىغان ئىش بولسا مەن كىتەي " دىگىنىچە ، كەينىگە قاراپمۇ قويماي چىقىپ كىتىپ ، ئاچچىقىدىن يېرىلىپ كىتەي دەپ قالغان ئايالنى يالغۇز تاشلاپ قويدى .
ئايال بىر كىچە كىرپىك قاقماي ، ئۆز مۇھەببىتىنى خاتا ئادەمگە تاپشۇرغانلىقىنى ھىس قىلىپ ، تاڭ يۇرۇسىلا ئۆز شەھىرىگە قايتىپ ، ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ ئالاقە قىلماسلىق قارارىغا كەلدى .
تاڭ غۇۋا يۇرۇشقا باشلىغاندا ، ئايال قوپۇپ نەرسە-كىرەكلىرىنى يېغىشتۇرۇشقا باشلىدى ؛ ئەمما ئۇ ئەمدى ئىشىكىنى ئېچىپ تۇرۇشىغا ، ئەر ھاسىرغىنىچە ئىشىك ئالدىغا پەيدا بولدى ، ئۇ ھىجايغىنىچە قولىدا ئايال ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان كىچىك قاسقانلىق مانتا كۆتۈرۈپ تۇراتتى .
ئەر ئايالنى تارتىپ ئۆيگە ئەكىرىپ ، توختىماستىن خاتالىغىنى تۇنۇپ ئەپۇ سوراشقا باشلىدى ؛ ئۇنىڭ چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ ، كوتۇلداپ بەزلەشلىرى ئاستىدا ئايال ئاخىرى ئاچ قورسىقى بىلەن داۋاملىق قارشىلىشىشنى خالىمىدى .
ئايال بىرتەرەپتىن توختىماي نەرسە يىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇۋالچىلىق ياشلىرىنى تۆكتى : " مىنىڭ ئاچچىقلانغىنىم جىدەللىشىپ قالغىنىمىز ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى سىزنىڭ جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىنىكى پوزۇتسىيىڭىز ؛ سىز چوپچوڭ بىر ئەر كىشى تۇرۇپ ، جىدەللىشىپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ كەتسىڭىز ، مەن بۇنى كەچۈرەلمەيمەن " دىدى .
ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئايالنىڭ ئالدىغا كىلىپ ، ئۇنىڭ ئىككى قولىنى تارتىپ تۇرۇپ ، ناھايىتى جىددى قارىغان ئاساستا : " چۈنكى مەن سىزنىڭ يالغۇز چىقىپ كىتىشىڭىزنى خالىمايمەن . سىزنىڭ بۇشەھەردە يا تۇققىنىڭىز يا بىرەر دوستىڭىز يوق ، سىز چىقىپ كەتسىڭىز نەگە بارىسىز ؟ شۇڭا سىزنى ئاچچىقى يانسۇن دەپ مەن چىقىپ كىتىپ تۇردۇم ؛ بىز ھەرقانچە قاتتىق جىدەللىشىپ قالساقمۇ ، مىنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىغىمنى ھەرگىز ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ ! قەدىرلىكىم ، ھاياتلىق ئۇزۇن بىر مۇساپە ؛ بۇندىن كىيىنكى كۈنلىرىمىزدە مەن ھەر مىنۇت ھەر سىكونت سىزنى خوشال قىلىمەن دەپ ئېيتالمايمەن ، سىز بىلەن ھەرگىز جىدەللەشمەيمەن دەپ ۋەدىمۇ بىرەلمەيمەن ؛ ئەمما مەن ھەرقانچە قاتتىق جىدەللىشىپ قالساقمۇ ، سىزنىڭ قولىڭىزنى قويۇۋەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىمەن ، سىزنىڭ ئۆزىڭىز يالغۇز چىقىپ كىتىپ سەرسان بۇلۇپ يۈرىشىڭىزگە تېخىمۇ يول قويمايمەن " دىدى .
بۇ ۋاقىتتا ، ئايالنىڭ كۆز ياشلىرى دەريا بۇلۇپ ئاقتى .

بۇ ھىكايىنى كۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ، ھازىرقىدەك قار-مۇز قاپلىغان قىش پەسلىدىمۇ ، مىنىڭ كۆڭلۈم بىر خىل ئىللىق ئېقىملارغا تولدى . ئەسلىدە بۇنداق بىر خىل جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىنىكى پوزىتسىيە بۇلىدىكەن ، ئۇ بولسىمۇ " مەن سىزنى سۆيىمەن " .
تۇرمۇشتا ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان پارچە پۇرات ئىشلار ۋە مەسىلىلەر كۆپ بۇلىدۇ ، شۇڭلاشقا بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن ئىككى ئادەمنىڭ جىدەل قىلماي ئۆتۈشىمۇ تەسكە توختايدۇ . ئەمما جىدەللىشىپ قېلىشنىڭ ئۆزى قورقۇنچلۇق ئەمەس بۇلۇپ ، قورقۇنۇچلۇق بولغىنى ، جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىنكى پوزىتسىيەدۇر .
ئەر خوتۇنلار جىدەللىشىپ قېلىش ئەسلىدىنلا ئادەتتىكى كىچىك بىر ئىش ؛ بەلكىم جىدەللىشىپ قالغاندا ئەر كىشى ئاچچىقىدىن گەپلەرنى ئويلىماي قىلىپ سېلىشى مۇمكىن ، ئەمما ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن كۆپ قىسىم ئەرلەر ئامال قىلىپ ئورنىنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ ياكى گۇناھىنى تۇنۇپ ئەپۇ سورايدۇ ؛ بەلكىم ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسىمۇ ، ئەمما ھەممىسىنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت بار بۇلىدۇ ، ئاياللارنى چاتقال تىكەنلەرگە تولغان تۇرمۇش يولىدا داۋاملىق بىرگە ئالغا ئىلگىرلەشنى خالايدىغان قىلىدۇ .
تۇغۇلۇشتىنلا جىپسىلاشقاندەك ماس كىلىدىغان ئەر خوتۇنلار بولمايدۇ ؛ سۈركىلىش ئارقىلىق كىلىشىش ، ئۆمرىنىڭ ئاخرىغىچە بىرگە بۇلۇشتىكى چوقۇم ئۆتەر يول . ئۆز-ئارا كىلىشىپ ماسلىشىش جەريانىدا ئىختىلاپ كۈرۈلگەندە ، ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ئايرىلىپ كىتىشكە قارىغاندا ، ئۆزىنىڭ نەپەس ۋە قەدىمىنى تەڭشەپ كەيپىياتىنى نورماللاشتۇرۇش ئاقىلانىلىق بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ .
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت ب

يېقىندا، باربىي قونچىقىنىڭ تەۋرەنمەس مەستانىسى بولغان بۇلغارىيەلىك بىر قىز، ئۆزىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ قېلىن كالپۇكقا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگە

ئەركىشى بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا، كۆپىنچە ئايال كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى، بىر ئادەمنى چۈشەنمىگەن ۋاقىتتا، ئۇن

شۇنداق، بەزىلەر قىممەتلىك سوۋغاتقا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆي ۋە ماشىنىدىن غەم قىلماسلىقنى ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان كەلگۈسىگە

مايۈن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن، يەنە بىر قېتىم تور ئېقىمىنى ئىگىلەپ، داڭقى قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە چىقتى؛ بەزىلەر ئۇنى "دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار كارخانىچ

ئادەتتە تائام تەييارلىغان ياكى قورۇما قورىغان ۋاقىتتا، بەزىدە ئىھتىياتسىزلىقتىن تۇزنى كۆپرەك قوشۇۋىتىپ، قورۇما تۇزلۇق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ بۇندا




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号