ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
تويدىن كىيىن ھارغىنلىق ئىچىدە ياشايدىغان ئاياللارنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك بار !
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-09 كۆرۈلىشى : قېتىم

 1.  زىيادە غەم يىيىش

    تولا غەم يەيدىغان ئاياللار ئاسانلا قېرىپ كىتىدۇ ، بۇ جۈملە سۆز ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان ؛ ئاياللار كۆپىنچە ھاللاردا ، ئەرلەرگە قارىغاندا ئائىلىگە بەكرەك كۆڭۈل بۈلىدىغان بۇلۇپ ، بىر تەرەپتىن ئۆينىڭ چىقىمى ، ئامانەت قويغان پۇلىنىڭ ئاز كۆپلىكى ئۈچۈن غەم يىسە ، يەنە بىر تەرەپتىن بالىنىڭ ئۈگىنىش ئەھۋالى ۋە چوڭ بولغاندا ياخشى خىزمەت تېپىش تاپالماسىلىقى توغرىسىدا غەم يەيدۇ ؛ ئەمما تولا غەم يەيدىغان ئاياللارنىڭ كۈنى ئۇنچە بەك ياخشى ئۆتمەيدۇ .

   ئاياللار ئۆيدە تىرىشىپ ئۆي تۇتىدۇ ، ئەرلەر تېخى ئاياللارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى چۈشەنمەيدۇ ، تاماق ۋاقتى ئازراق كەينىگە كىتىپ قالسا ئاياللارنى ھۇرۇنلۇق قىلدى دەيدۇ ؛ ئاياللار ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆي ئۈچۈن جاپا چىكىش ۋە ھەر تەرەپلەردىن غەم يىيىش سەۋەبىدىن ئاسان چىرايىدىن كىتىپ قالىدۇ ، ئەمما ئەرلەر ئۇلارنى  قېرى مەزلۇمە دەپ ئاھانەت قىلىدۇ ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سىرتلارغا چىقىشنى خالىمايدۇ ؛ ھەتتا بەزى تاشيۈرەك ئەرلەر ئاياللارنىڭ غەم يىيىشىنى كوتۇلدىغانلىق دەپ بىلىپ ، ئاياللار ئۇلارغا ھاراقنى ئاز ئىچىش ، ماشىنىنى ئاستا ھەيدەش ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش توغرىسىدا جىكىلىسە ، ئەرلەر بۇلارنى ئاڭلاپ مىننەتدار بولمايلا قالماستىن بەلكى زىرىكىش ھىس قىلىدۇ .

1.jpg

2.  زىيادە ئىشچان بۇلۇش  

    ياتلىق بولغاندىن كىيىن ، ئاياللار ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ؛ كىيىملەرنى يۇيۇش ، تاماق ئىتىپ تازىلىق قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ زىممىسىگە ئارتىلىدىغان بۇلۇپ ، ئىنچىكىرەك ھىسابلىغاندا ئاياللارنىڭ قىلغان ئۆي ئىشلىرى ئەرلەرنىڭ قىلغان خىزمىتىدىن ئاسان ئەمەس ؛ ئەمما ئاياللار ئۆيدە بەك تىرىشچان بۇلۇپ كەتسە ، قېيىنئانا ۋە ئىرىنىڭ نەزىرىدە " ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق بۇلۇشقا تىگىشلىك " كە ئۆزگىرىپ ، ئاياللارنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىنى ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارايدۇ .

    قايسى بىر كۈنى ئەگەر ئاياللار زۇكام بۇلۇپ قالسا ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم بولمايدۇ ، كىيىملەر يەنىلا ئاياللارنىڭ  يۇيىشى ئۈچۈن ساقلىنىپ يېغىپ قويۇلىدۇ ؛ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئايال كىشىنىڭ تاماق ئىتىشىنى ساقلاپ ئاچ ئولتۇرىدۇ . ئەگەر ئاياللار مىجەزى يوق تاماق ئەتكۈسى كەلمىسە ، قېينئانىسىنىڭ تىل-ئاھانىتىگە ئۇچرايدۇ . شۇڭلاشقا ئاياللار بەك ئىشچان بۇلۇپ كەتسە ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ، يەنە ئائىلىدىكى باشقىلارنى تەييارتاپ قىلىپ قويىدۇ .

2.jpg

3.   مىسكىن يۈرۈش ، ئوي-خىيالى كۆپ بۇلۇش

   توي قىلغاندىن كىيىن ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغان ئىشى بەك كۆپ بۇلۇپ ، ئىرىگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغىنىدا ، ئىرى ھەر قېتىم چارچاپ كەتكىنىنى باھانە قىلىپ ، قايتىپ كىلىپلا ئۇيقۇغا كىتىدۇ . بۇنداق ۋاقىتلاردا ئاياللار ئاسانلا مىسكىنلىككە چۆكۈپ قالىدىغان بۇلۇپ ، ئۆزىنى ناھايىتى تەنھا ھىس قىلىدۇ ، ئىرىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ؛ بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ ئائىلە كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ؛ ئۆيدىكىلەرنىڭ كىسەل بۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ، ئويلايدىغىنى كۆپەيگەنسىرى  كىچىلىرى ئۇخلىيالمايدۇ .

   ئوي-خىيالى كۆپ ئايال كىشىنىڭ كەيپىياتى ھەمىشە بىنورمال بۇلۇپ قېلىپ ، سەۋەپسىزلا خاپا بۇلۇپ قالىدۇ ، ئۆزىنى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك شۇنداقلا ناھايىتى ھارغىنچىلىقتا ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ ؛ ئەكسىچە بىر ئىشلارغا ئۇنچە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان ئاياللار كۆڭۈل ئازادىچىلىگىدە ياشايدۇ .

   ئاياللار تويدىن كىيىنكى تۇرمۇش جەريانىدا  بەك يۇمشاق بۇلۇپ كەتمەسلىگى ، بەك قاتتىق قول بۇلۇپمۇ كەتمەسلگى لازىم ؛ ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك  بولغانلىرىنى ئۆزى قىلىشى ، ئۆزىگە چوڭ بېسىم ئارتىۋالماسلىقى ، ئىرىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە خوشامەت قىلىش ئۈچۈن ياشىماسلىغى كىرەك ؛ بولمىسا زىيادە پەس قىياپەتتە تۇرسىڭىز ، بوزەك قىلىنىپ ھاياتى ھارغىنچىلىقتىلا ئۆتىدۇ .

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号