
1. بەزىلەر ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن سىزگە تەۋە بولمىسا نېمە قىلغىنىڭىز بىلەن پايدىسى يوق. ئېرىشەلمىگەن ئادىمىڭىز ئۈچۈن كېچىلىرى ئۇيقۇدىن بىدار بولۇپ، كېچىنى تاڭغا ئۇلاشلىرىڭىزنى ئۇ بەرىبىر بىلمەيدۇ.
ئادەمنىڭ ھاياتىدا بەزىلەر كۆيۈنىدىغان، سۆيىدىغان ئادىمى بولسا بەخت دەيدۇ، لېكىن نەدىمۇ ئۇنداق مۇكەممەل بولۇپ كېتىدىغان ئىش بار دەيسىز؟ نۇرغۇن ئىشنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھېچكىم سۆيمىگەن ۋاقىتتا ئالدىراپ، ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭ. ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ، سىزنىڭ ياخشى ئادىمىڭىز يولدا كېلىۋاتقاندۇر بەلكىم.

2. بۈگۈنكى ئازابلىق ئىش ئەتە كىچىك ئىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ ئىش، كېلەر يىلىدا ھېكايىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. ھەمىشە ئىككىلىنىپ يۈرمەڭ، كۆڭۈلسىز ئىش ۋە ئادەملەر بىلەن ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ.
كۆڭلىڭىز يېرىم بولسا، ئىچىڭىز پۇشسا دوستلىرىڭىزدىن بىر دۆۋە يىغىپ تاماق يەڭ، سومكا ئېلىڭ، بىر قېتىملىق ساياھەتكە چىقىڭ. ئىشقىلىپ ھامان ئۆزىڭىزنى خوش قىلىدىغان بىر ئۇسۇلنى تاپالايسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىم بىزنىڭ خوشاللىقىمىزغا مەسئۇل بولالمايدۇ.

3. ئايال كىشى 30 ياشقا كىرگەندە ياخشىراقنى، قىممەترەكنى ئېلىشى كېرەك. ھېچقانداق بىر ئادەم بىر نېمە ئېلىۋېرىپ ۋەيران بولۇپ كەتكىنى يوق، ئەكسىچە تېجىگەنسېرى ھەممە نېمىدىن قۇرۇق قالىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ، ھەتتا ئۆزىڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلمىسىڭىز كىممۇ سىزگە كۆيۈنىدۇ.
پۇل خەجلەپ خوشاللىق سېتىۋېلىڭ، پۇلنى خەجلىۋەتتىم دەپ ئەمەس، يەنە بىر خىل ئۇسۇلدا يېنىمدا ساقلاپ قالدىم دەپ بىلىڭ.

4. بىر ئۆمۈرنى ھېسابلاپ باقساق 30 مىڭ كۈن بولىدىكەن، بەك كۆپ ۋاقتىڭىزنى بىكار ئۆتكۈزۈۋېتىشىڭىزگە يەتمەيدۇ، ياقتۇرغان نەرسىڭىزنى ئېلىڭ، قىلغۇڭىز بار ئىشنى قىلىڭ، سەمىمىيىتى بولغان ئادەمنى قوغلىشىڭ. پۇشايمان قىلىپ تۇرۇپ ياشاش ھاياتتىكى ئەڭ ئەخمىقانە ئىش.

5. كۆپ ۋاقىتتا ئادەم چارچاپ قالىدۇ، چارچاشنىڭ سەۋەبىنىڭ ئاز بىر قىسمى مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن، كۆپ قىسمى بەسلىشىپ چارچايدۇ. باشقىلارنىڭ خىزمىتى ئۆسكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالدىراپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆيى ۋە ماشىنىسىنى كۆرۈپ ھەسەت قىلىدۇ.
لېكىن باشقا نۇقتىدىن ئويلاپ باقسىڭىز سىز ئەگەر ساغلام، خوشال، تىنىچ ياشاۋاتقان بولسىڭىز، سەمىمىيتىڭىز بىلەن سۆيۈپ ياشاۋاتقان بولسىڭىز تولىمۇ باي ھېسابلىنىسىز. پوزىتسىيىڭىزنى توغىرلاڭ، ئۆزىڭىزنىڭ رېتىمى بويىچە مېڭىڭ، سىزگە مەنسۇپ بولغىنى ئالقىنىڭىزدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ.

6. ھەر قانداق مۇناسىۋەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۆزىڭىزنى بەك چارچىتىۋەتمەسلىك بولسۇن. كىم سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلسا شۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭ. كىم بىلەن بىللە بولسىڭىز راھەت ھېس قىلسىڭىز شۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇڭ. سىز بەك كۆپ يول قويۇپ كەلدىڭىز، ئەمدى ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلىڭ.
ھايات بەك قىسقا شۇڭا بىر مىنۇتنىمۇ سىزنى ناخۇش قىلىدىغان ئىش ۋە ئادەمگە بەرمەڭ.

7. تۇرمۇش ۋە مۇھەببەتنى دەپ دوستلىرىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ. تۇرمۇشتا دوست بولمىسا بولمايدۇ، دوست كۆپ بولمىسىمۇ ساپ بولسا بولدى. كۆڭلىڭىز قاتتىق بىئارام بولغاندا، خاتا چۈشىنىلگەندە، ئاسىيلىققا ئۇچرىغاندا دوستىڭىز سىزگە ھەمراھ بولۇپ بىر نەرسە ئېلىشىپ بەرسە، سىزنىڭ دەردىڭىزنى ئاڭلاپ بەرسە، ياكى سىزنى قۇچاقلاپ قويسىمۇ سىزگە چوڭ ياردەم قىلغان بولىدۇ.

8. ئاتا-ئانىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ كۆپ ساقلىتىۋەتمەڭ. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا بۇيۇملارنى ئېلىپ بەرگەندىن ۋاقتىدا ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋاللاشقىنىڭىز ئۇلارنى تېخىمۇ خوش قىلىدۇ.
ھاياتتىكى ئەڭ نادامەتلىك ئىشنىڭ بىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ قەدرىگە ۋاقتىدا يەتمەسلىك. ئاتا-ئانىڭىز قېرىپ قالغاندا بالىلىرىنىڭ باي-باياشات ياشاپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەتمەيدۇ، لېكىن سىزنىڭ دائىم يوقلاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.

9. ئەڭ قىممەت كۆز مەلھىمىنى سۈرۈپ ئولتۇرۇپ، كېچىدە تۈنەيدىغان ھايات ئەڭ زىيان تارتىدىغان سودىغا ئوخشايدۇ. سىزنىڭ تىرىشىپ ئىشلىشىڭىز تېخىمۇ ياخشى ياشىشىڭىز، تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىڭىز ئۈچۈن، ساغلاملىقىڭىز بولمىسا بۇلار ھەممىسى نۆلگە تەڭ.
مەيلى سىز قانچىلىك دىشۋارچىلىققا ئۇچراڭ، تاماقنى ۋاقتىدا يەڭ، ۋاقتىدا ئۇخلاڭ، ۋاقتىدا چېنىقىڭ، ۋاقتىدا ئىشقا بېرىڭ، ئۆزىڭىزنى ياخشى كۈتسىڭىز، جىسمىڭىزدا قۇۋۋەت بولسا، ھەممە ئىشىڭىز ئاندىن ياخشى بولىدۇ.

10. ئايال كىشى ياسىنىشنى بىلىشى، كىتاب ئوقۇشى، ساياھەت قىلىشى كېرەك. گۈزەل قىياپەت ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن بىر ئادەمنىڭ سالاپىتى ۋە پەزىلىتى ۋاقىت ئۇزارغانچە تاۋلىنىدىغان نەرسە.

11. كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ ئازابلانغاندا ئويلاپ بېقىڭ، ھازىرقى دەملىرىڭىز ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ ساغلام ۋاقىتلار، يېقىنلىرىڭىز يېنىڭىزدا، كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن كۆڭلىڭىزنى بۇنچە چىگىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

12. 30 ياشتىن ئاشقاندا سىز ئەڭ بىلىۋېلىشقا تېگىشلىكى «ئۆزگىرىش ئەزەلدىن كېچىكمەيدۇ.» بەزىلەر ئاياللار 30 دىن ئاشقاندا كەينىگە چېكىنىدۇ دەيدۇ، لېكىن تەپسىلىي ئويلاپ باقسىڭىز 20 يېشىڭىزغا سېلىشتۇرغاندا ئۆزىڭىزگە نېمە لازىملىقىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋالدىڭىز، 40 ياشقا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تېتىك، ساغلامسىز. بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش بولامدۇ؟

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكىلىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئېچىۋىتىلگەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئ

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئامىرىكىلىق جېف.دابىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ توم بىلىكى بار بولۇپ، باشقىلار تەرپىدىن رىئاللىقتىكى "كۈچتۈڭگۈر ماتروس" دەپ تەرىپلەنگەن.

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

نۇرغۇن كىشىلەر، يېشىغا يىتىپ قالغاندا، مۇنداقلا مۇھەببەتلىشىپلا توي قىلسا بولىدۇ دىيىشىدىكەن. بىراق، زادى قانچە ئۇزۇن مۇھەببەتلەشسە ئاندىن ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئى

يېقىندا ئامىرىكىنىڭ نىيورۇك شەھرىدە، 30نەپەر بوۋاق بىر قېتىملىق بوۋاقلار ئۆمىلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. مۇسابىقە جەريانىدا، "ماھىرلار"غا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئات

ئىلگىرى ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندىستاندىكى 43ياشلىق بىر ئەرنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرىنى قوشقاندا جەمئى 28تال بارمىقى بار بولۇپ، جىننىس دۇنيا رىكوتى تەشكىلاتى تەرپىدىن
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号