ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
چىرايى گۈزەل بولۇشنىڭ قانداق زىيانلىق تەرەپلىرى بار
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-31كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىرقى زامان پىسخىلوگىيەسىنىڭ قارىشىدا، چىرايى گۈزەل كىشىلەر، جەمئىيەتتە تېخىمۇ كۆپ ئالقىشقا ۋە دىققەت قىلىشقا ھەمدە تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارغا ئىرىشەلەيدۇ. كولومبىيە داشۆسىنىڭ پىسخىلوگىيە مۇتەخەسسىسى ئىدۋارد.سورىندىك، گۈزەل چىراي نۇر ھالقىسى ئۈنۈم نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، بۇ نەزىريىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر ھەمىشە، چىرايى گۈزەل كەلگەن ئادەمنى چوقۇم تېخىمۇ ئەقىللىق، بەلگىلىك ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارىغا ئىگە، ماسلىشىش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى دەپ قارايدىكەن.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، چىراينىڭ باشقىلارغا بىرىدىغان بىرىنچى تەسىرنىڭ ياخشى يامان بولۇشى، كەينىدىكى تەسىرات باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، شىمالى كالورىنا داشۆسىدىكى پىسخىلوگلارنىڭ تەتقىقات ئارقىلىق بايقىشىچە، چىرايى گۈزەل كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايدىكەن، ئۆسۈش پۇرسىتىمۇ كۆپ ھەم تىز بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان كىلىدىكەن.
   يۇقارقىلاردىن قارىغاندا، چىرايى گۈزەل بولۇشنىڭ ئاساسەن ھېچقانداق بىر زىيانلىق تەرىپى يوقتەك قىلىدۇ؛ بىراق، ئەمىلىيەت راستىنلا مۇشۇنداقمۇ؟ ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىكى بار بولىدۇ، ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا بايقىلىشىچە، چىرايى گۈزەل بولۇشنىڭمۇ ئوخشاشلا پايدىسىز تەرەپلىرى بار بولۇپ، كونتكىرتنى ئېلىپ ئېيتقاندا، تۆۋەندىكى بەش نوقتىغا يېغىنچاقلاشقا بولىدىكەن.
ئاسانلا ئوخشاش جىنىستىكىلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرايدۇ
   يات جىنىسلىقلارنىڭ نەزىرىدە، چىرايى گۈزەل بولغان يات جىنىسلىق ئادەم، ئەقىللىق ھەم رەھبەرلىك سالاپىتىگە ئىگە كۆرىنىدۇ؛ بىراق، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ نەزىرىدە بولسا، چىراي گۈزەل كەلگەنلەر، "سەبى"، "كاللىسى ئىشلىمەيدىغان"، "چىرايىغا تايىنىپ پۇل تاپىدىغان" كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار چىرايى ئادەتتىكىچە كەلگەن كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئىقتىدارلىق كىلىدىغانلىقىغا تېخىمۇ بەكرەك ئىشىنىدۇ. يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىمۇ، ئادەتتە ئىمتاھان ئالغۇچى، چىرايى گۈزەل بولغان ئوخشاش جىنىسلىق ئىمتاھان بەرگۈچىنى ئاسانلا شاللىۋىتىپ قالىدۇ.
ئاسانلا ئىقتىدارى يىتەرلىك ئەمەس دەپ قارىلىپ قالىدۇ
   ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان شۇنداق بىر ئىجتىمائى ھادىسە بار ئىكەنكى، ئۇ بولسىمۇ، چىرايى گۈزەل كىشىلەر، ھەمىشە باشقىلار تەرپىدىن ئىقتىدارى يىتەرلىك ئەمەس دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن، چىرايى گۈزەل بولغان بىر ئايال كىشى يۇقىرى مەنسەپكە ئىرىشسە، كىشىلەرنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى، قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىدارىنى ئىتراپ قىلىش ئەمەس، بەلكى"ھوقۇق شەھۋەت سودىسى" تەرەپكە ئويلاش بولىدۇ. چىرايى گۈزەل ئايال كىشى رەھبەرلىك ئورنى رىقابىتىگە قاتناشسا، ئۇلارنىڭ رىقابەتتە شاللىنىپ كىتىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، چىرايى گۈزەل كەلگەن كىشىلەر ئادەتتە باشقىلارنىڭ قوغداش ئىستىكىنى قوزغايدىغان بولغاچقا، بۇنداق كىشىلەر رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس دەپ قارىلىدۇ.
ئاسانلا باشقىلار تەرپىدىن كۈچلۈك خارەكتىرلىك كىشىلەر توپى دەپ قارىلىپ قالىدۇ
   دوختۇرخانىدىكى سېستىرالار كىسەللەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ۋاقىتتا، قارىماققا ئەھۋالى ناچاردەك بىلىنىدىغان كىسەللەرنىڭ ھالىدىن ئالدىنئالا خەۋەر ئالىدۇ؛ ئەمما، چىرايى نىسبەتەن ياخشى، قارىماققا چوڭ مەسىلە يوقتەك كۆرۈنگەن ئادەم، ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، دوختۇر سېستىرالارنىڭ خىزمىتى، خېرىدارلار ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئەمەس بەلكى كىسەللەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بولۇپ، ئەگەر بىر كىسەلنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىنماي كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ قالسا، ئۇلار جازاغا ئۇچرايدۇ؛ ئەكسىچە، قارىماققا چىرايى يامان ئەمەستەك كۆرۈنگەن بىر ئادەمنىڭ ھالىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىش بولسا، ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق مۇكاپات ئېلىپ كىلەلمەيدۇ.
سەلبى قىلمىش ۋە ئالاھىدىلىكلىرى مۇبالىغىلەشتۈرۋىتىلىدۇ
   پىسخىلوگىيلەلىك تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، چىرايى گۈزەل كىشىلەرنىڭ سەلبى قىلمىشلىرى ۋە سەلبى ئالاھىدىلىكلىرى مۇبالىغىلەشتۈرۋىتىلىدىكەن. ئەسكى ئايال ئەگەر چىرايى گۈزەل بولسا، كىشىلەر ئۇنى يىلان چايانلاردەك زەھەرخەندە ئايال دەپ قارايدۇ؛ ئەمما ئەگەر ئەسكى ئايال كىشىنىڭ چىراي كۈرۈمسىز بولسا، كىشىلەر مۇھىت ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن جىنايەت يولىغا مېڭىپ قاپتۇ دەپ قارايدۇ. ئامرىكا سوتىدا غەلىتە بىر ھادىسە بار بولۇپ، چىرايى گۈزەل كىشىلەر ئادەتتە تېخىمۇ ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بىز سودىيەنىڭ چىراي قىممىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن گۇمانلانماي تۇرالمايمىز.
ئادەمگە بىر خىل يېقىنلاشقىلى بولمايدىغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ
   بۇندىن باشقا، چىرايى گۈزەل كىشىلەر يەنە چولپانلار ئۈنۈمى شەكىللەندۈرىدىان بولۇپ، كىشىلەر گەرچە سىزگە قاراشنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما ئادەتتە سىز بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلايدۇ؛ چۈنكى، ھەممە ئادەم ئومۇميۈزلۈك ھالدا، سىزنى يېقىنلاشماق تەس دەپ قارايدۇ. بۇ خىل ھادىسە، ئەمىلىيەتتە ئىجتىمائى مەدىنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن بولۇپ، ئىلگىرى چولپانلارنى مەستانىلار قۇچاقلاپ يېقىنلىقنى بىلدۈرۈشۈپ كىتەتتى؛ ھازىر بولسا، چولپانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى، گۈزەل قىزلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قوغدىغۇچىلىرى بار بولدى، بۇنداق ئەھۋال تەبىئىيلا ئۇلارغا يېقىنلىشىشنىڭ خەتەرلىك كوئىفىنسىتىنى يۇقىرىلىتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، گۈزەل قىزلارغا مۇنداقلا بېرىپ ئېغىز ئېچىپ گەپ باشلاشنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، يەنە تېخى باشقىلار تەرپىدىن لۈكچەك، شەھۋەتپەرەش دەپ خاتا چۈشىنىپ قېلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، ھېچقانداق پايدا چىقمىغان ئىكەن، كۆپ قىسىم كىشىلەر يېقىنلىشىشنىمۇ خالىمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号