ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
بەزى ئاياللار نىمە ئۈچۈن ساغرىسىنى ياشلىقىدەك ساقلاپ قالالايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-21كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئايال چولپان شۈجىڭ، بۇ يىل ئەللىك ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان؛ بىراق ئۇ، ساغرىسىنى ياش ۋاقتىدىكىدەك تىك ھەم تولغان ھالەتتە ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئوتتۇز نەچچە ياشقا كىرمەيلا ساغرىسى ياپىلاقشىپ تۈزلىشىپ قالغان ئاياللارنى خىجىل قىلىپ قويىدۇ.
   بۇنداق پەرق كۆرۈلۈشتىكى سەۋەپ زادى قەيەردە؟ خانىم-قىزلىرىمىز، سەۋرچانلىق بىلەن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بېقىڭ!
   ياشقا كىچىك تۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ساغرىسى نىمىشقا تۆۋىنىگە ساڭگىلاپ قالىدۇ؟ بۇ كۆپىنچە، ئۇزۇن ئولتۇرغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ.
   ئادەمنىڭ كاسا قىسمىنىڭ تۆۋىنىگە سالپىيىپ قېلىشى، ئاساسلىق ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغانلىق ۋە ھەرىكەت قىلمىغانلىقتىن، مۇسكۇللار بوشىشىپ ياغلار كۆپىيىپ قېلىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ.
   ئۇزۇن مۇددەت ھەرىكەت قىلماي ئولتۇرۋالغاندا، ساغرا قىسىمدا ياغلار كۆپىيىپ قالىدۇ، بۇنى چۈشەنمەك ئاسان؛ ئەمما نىمە ئۈچۈن مۇسكۇللارنىڭ بوشىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
   دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساغرا قىسىمنىڭ شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىدىغىنى، ئاساسلىقى ساغرا چوڭ مۇسكۇلى بولۇپ، ئادەم ئولتۇرغان ۋاقىتتا، ساغرا چوڭ مۇسكۇلىنىڭ ئەگرى ئايلانما سىزىقى ئەڭ ئۇزۇن ھالەتكە كىلىدىكەن، ئۆرە تۇرغاندا بولسا ئەڭ قىسقا ھالەتتە بولىدىكەن.
   خۇددى سوزۇلىدىغان رېزىنكىگە ئوخشاش، ئۇزۇن مۇددەت ئۇنى ئەڭ ئۇزۇن ھالەتتە سوزۇپ تۇرساق، ئاخىرىدا نورمال ھالىتىگە قايتقاندىن كىيىن، بوشاپ قالىدۇ.
   ئەلۋەتتە، ساغرا قىسىمنىڭ ئاسانلا تۆۋىنىگە ساڭگىلاپ قېلىشى، تۇغۇلما تەبىئى شارائىت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
   ھەربىر ئادەمنىڭ تۇغۇلما مۇسكۇل ساقلىنىش مىقدارى بىلەن ياغ ساقلىنىش مىقدارى ئوخشىمايدۇ؛ بەزىلەرنىڭ مۇسكۇل ئۆستۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ بولسا ياغ شەكىللەندۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ماي تەركىبى تۇغۇلما تۆۋەن بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە ھەرىكەتلىنىپ چېنىقمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ساغرىسى ئاسانلىقچە تۆۋەنگە سالپىيۋالمايدۇ.
   بۇندىن باشقا، ساغرا قىسىمنىڭ تۆۋەنگە سالپىيىپ قېلىشى، يەنە ياش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ساغرا چوڭ مۇسكۇلى قاتارلىق مۇسكۇللار تەدرىجى ھالدا يوقايدۇ.
   ئەگەر جەلپكار، تىك ھەم تولغان ساغرىغا ئىرىشەي دىسىڭىز، ئۇنداقتا چېنىقىشىڭىز كىرەك.
   بىز ئادەتتە كۆرىۋاتقان ئايال چولپانلار، ئۇلار ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىن ئاشقاندىن كىيىنمۇ، نىمە ئۈچۈن ساغرىسىنى ياش ۋاقتىدىكىدەك گۈزەل ھالەتتە ساقلاپ قالالايدۇ؟
   بۇ ئۇلارنىڭ جاپالىق چېنىققانلىقنىڭ نەتىجىسى.
    شۇڭا، ئەگەر گۈزەل ھەم تولغان كاسىغا ئىرىشىمەن دىسىڭىز، ئۇنداقتا ساغرا چوڭ مۇسكۇلىنى مەشىقلەندۈرپ چېنىقتۇرۇشىڭىز كىرەك.
    چۈنكى، ياغ مىقدارى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئاتالمىش ساغرىسى تىك بولۇش، چىڭ ھەم ئېگىز ھالەتتە تۇرۇشنى ۋە تۆۋىنىگە سالىپىيىۋالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ ساغرا قىسىمنىڭ تىك تۇرۇشىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا، ساغرا قىسىمدىكى ساغرا چوڭ مۇسكۇلىغا تايىنىمىز؛ ساغرا چوڭ  مۇسكۇلى تولغان، چىڭ، ئاسانلىقچە مىدىرلاپ كەتمەيدىغان ھالەتكە يەتكەن ۋاقىتتا، ئادەمنىڭ ساغرا قىسمى تىك ھالەتتە تۇرىدۇ.
    ئادەتتە، بەدەننىڭ ئۈستى قىسمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يوتىنى كەينىگە كۆتىرىدىغان ھەرىكەتلەر ۋە ساغرا چوڭ مۇسكۇللىرى كۈچەيدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى، ساغرا چوڭ مۇسكۇلىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈنۈمى كۆرسىتىلەيدۇ.
    تەۋسىيەلىك ھەرىكەت:  زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قوپۇش؛
    تەۋسىيەلىك ھەرىكەت: ھۇشۇق قىسمنى سوزۇلىدىغان ئارغامچىدا باغلاپ، پۇتنى كەينىگە كۆتۈرۈش.
    تەۋسىيەلىك ھەرىكەت: ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مەشىقى؛ بۇنىڭدا، ساغرا چوڭ مۇسكۇلى ئارقىلىق قارشىلىقنى يەڭگەن ۋاقىتتا ئاندىن ئورۇنلاشقا بولىدۇ.
   ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى، ئەگەر يۇقارقى ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن، سىز چارچاش ھىس قىلمىسىڭىز ھەمدە ئىككىنچى كۈچى ساغرا چوڭ مۇسكۇلىدا ئېچىشىپ ئاغرىش كۆرۈلمىسە، بۇ ھېچقانداق ئۈنۈم كۆرسەتمىگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرىكەتنى ئۆلچەملىك ئىشلەش بىلەن بىرگە، مىقدارىمۇ يىتەرلىك بولۇشى كىرەك.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىزچىل چېنىقشتا چىڭ تۇرۇش كىرەك. ئەگەر بىر مەزگىل توختىۋالسىڭىز، ئۇنداقتا ساغرىڭىز يەنە ئىلگىرىكى ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ. شۇڭا، ياخشى بەدەن شەكلى بىكارغا كىلىپ قالمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号