ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئىسىلزادە ئاياللارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىكىلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-02كۆرۈلىشى : قېتىم
   جاھان كۆرگەن ئاياللار خۇددى نەپىس ئويۇلغان قاشتېشىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئىسىللىكى چىقىپ تۇرىدىغان گۆھەرگە ئايلىنىدۇ؛ نەزەر دائىرىسى تار، ئىش كۆرمىگەن ئادەم بولسا، يول بويىدىكى ئادەتتىكى بىر تاشقا ئوخشاش، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمايدۇ. ئىسىلزادىلىك پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئاياللار، نۇرغۇن ئادەملەر يېغىلغان قايناق بازاردىمۇ ئوخشاشلا توخۇ توپى ئارىسىغا كىرىپ قالغان توزدەك بىر قاراشقىلا كۆزگە چېلىقىدۇ؛ ئەكسىچە، ئادەتتىكى ئاياللار ھەرقانچە قىممەت كىيىملەرنى كىيىۋالسىمۇ، ئاددىيلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئىسىلزادىلىك، سىزنىڭ كىيىملىرىڭىزنىڭ ياكى زىننەت بۇيۇملىرىڭىزنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ. ئادەتتە، كۆپنى كۆرگەن ئىسىلزادە ئاياللاردا تۆۋەندىكىدەك ئورتاق ئالاھىدىلىكلەر بار بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەر بۇنى دورايمەن دەپمۇ دورىيالمايدۇ.
گەپ-سۆزلىرى
   ئايال كىشى كۆپنى كۆرۈپ ئىسسىق-سۇغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، مەيلى قانداق ئەھۋاللارغا يولۇقمىسۇن، ئۇلار تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، گەپ-سۆزلىرى جايىدا بولىدۇ، ھەرگىز ھۇدۇقۇپ كەتمەيدۇ. گەپ سۆزلىرى تەمكىن ھەم ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ، مەقسەتنى ئىپادىلەشتە پىكىر يولى ئىنىق ھەم لوگىكىلىق كىلىدۇ؛ بىشەملىك قىلىپ ئەمەس، داۋلى سۆزلەپ باشقىلارنى قايىل قىلىدۇ.
ھەرىكەت-قىلمىشى
   ئىش كۆرمىگەن ئادەتتىكى ئاياللار، ئولتۇرغاندا ئىزىلىپ گومۇش چىراي ئولتۇرىدۇ، يول ماڭغاندا ئالدىغا ئىڭىشىپ سۆرىلىپ ماڭىدۇ؛ ئۇلار ئادەملەرگە مۇئامىلە قىلىش ۋە مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىشتا خالىغانچە ئىش كۆرىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئەدەپ-قائىدىنىمۇ بىلمەيدۇ. بىراق، ھەقىقى تۈردە جاھان كۆرگەن ئاياللار، مەقسەتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ يۈرۈش تۇرۇش ھالىتىنى چېنىقتۇرىدۇ ھەمدە ئىجتىمائى ئەدەپ-مۇراسىم قائىدىسى ئۆگىنىدۇ. بۇلار گەرچە تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلار بولسىمۇ، ئەمما ئىسىلزادىلىك پۇرىقى دەل مۇشۇنداق كىچىك ئىشلارنىڭ يېغىلىپ توپلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بىرەرسى يالغاندىن جاھان كۆرگەن ئاياللاردەك بولىۋالىمەن دىسە، گەرچە داڭلىق ماركىدىكى كىيىملەرنى كىيىپ، قىممەت باھالىق زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىۋالسىمۇ، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئەپتىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
كىيىنىشى
    ئەڭ ئادەتتىكى بىر قۇر مايكا بىلەن پادىچىلار ئىشتىنى، ئوخشاش بولمىغان ئادەمنىڭ ئۈستىدە ئوخشاش بولمىغان ئۈنۈم كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بەزىلەرنى ئىسىل كۆرسەتسە، يەنە بەزىلەرنى چاكىنا كۆرسىتىپ قويىدۇ. سۈپىتىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئالا بۇلىماچ مايكا ۋە سېمىز يوتىلىرىغا كەپلەپ كىيىۋالغان پادىچىلار ئىشتىنىغا، قىلچىلىك ياراشمىغان قېلىن تاپانلىق ئاياغ قوشۇلسا، بۇلار ھەرقانچە نەچچە مىڭ يۈەنلىك سەپلىمىلەر بولسىمۇ، يەنىلا ئىسىلزادە دىگەن بۇ سۈپەتلەشكە ماس كەلمەيدۇ. كۆپنى كۆرگەن ئاياللار، كىيىملەرنى قانداق ماسلاشتۇرۇپ كىيىشنى بىلدىغان بولۇپ، كىيىۋالغانلىرى يايمىدىن سېتىۋالغان ئادەتتىكى سەپلىمىلەر بولسىمۇ، ئۇلاردىن تارقىلىپ تۇرىدىغان ئىسىلزادىلىك پۇرىقىنى توسۇپ قالالمايدۇ.
زىننەت بۇيۇملىرى تاقاشتا قانداق ماسلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ
    ئادەتتىكى كىشىلەر، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىغا كۆپ دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ قارىشىدا، ئالماس قويۇلغان زىننەت بۇيۇملىرىنى ياكى قىممىتىنى ياخشى دەپ بىلىدۇ. بۈگۈن بىلەيزۈك تاقاشقا ماس كىلەمدۇ ياكى سائەتمۇ، ئۈزۈك بىلەن بويۇن زەنجىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇلىشى دىگەنلەرنى، ئادەتتىكى كىشىلەر بىلىپ كەتمەيدۇ. ئىسىلزادە ئاياللار بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ خىل زىبۇ-زىننەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ تاقاش جەھەتتە، ئۆزىنىڭ قاراشلىرى ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇپلىرى بار بولۇپ، كۆپنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئۇلار، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئايال كىشىنىڭ لاتاپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتىكى مۇھىملىق دەرىجىسىنى بىلىدۇ.
يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ
   ئايال كىشى ئەگەر يېراقنى كۆرەلمىسە، كۆپنى كۆرگەن ھىسابلانمايدىغان بولۇپ، بىر مەزگىللىك ئېغىز ئىستىكى، ئادەمگە چوڭ جەھەتتە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، تاتلىق تۈرۈم ۋە سۈتچاي دىگەنلەر؛ قەنت تەركىبى تىرىنىڭ قېرىشىنى تىزلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، زىيادە كۆپ ئۇزۇقلانغاندا، يەنە تېخى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك قان تۇمۇر ساغلاملىقى ۋە بەدەن شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆپنى كۆرگەن ئاياللار بولسا، كۆز ئالدىدىكى قىزىقتۇرۇشلار بىلەن كىيىنلىك ئەھۋالىنىڭ قايسسىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. بۇ خىل ئادەتلىنىش، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياش كۆرسىتىدۇ، ئۈنۈمى بولسا يۇقىرى باھالىق ئاسراش قىلدۇرغاندىن قېلىشمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号