ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئەرلەرنى ئۇنتىيالماس قىلىپ قويىدىغان ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-19كۆرۈلىشى : قېتىم
    مۇھەببەتتە، ئەمىلىيەتتە ئىككى تەرەپ باراۋەر بولۇش كىرەك؛ ئايال كىشى بولسا، مۇھەببەتنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كىلىدىغىنىنىڭ پەقەت بىر خىل بەخىت تۇيغۇسى ئىكەنلىكىنى، باشقا ماددى مەنپەئەتنى ئارتۇق تەلەپ قىلماسلىقى كىرەكلىكىنى تېخىمۇ بەكرەك چۈشىنىپ يىتىشى كىرەك. ئەگەر بىر ئايال كىشى مۇھەببەتنى ھاياتلىقىدىكى يۇقىرى ئۆرلەش ياردەمچىسى قىلىۋالسا ياكى تويلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ماددى جەھەتتىكى شارائىتىنى ياخشىلىماقچى بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق ئاياللار ئادەمنىڭ يىرگىنىشىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئايال كىشى مەيلى بويتاق بولسۇن ياكى مۇھەببەتلىشىپ تويلىشىپ بولغان بولسۇن، ھەر دائىم ئۆز غۇرورىنى ساقلىشى لازىم. ئايال كىشىگە ئەگەر تۆۋەندىكى بەش نوقتىنى قىلالىسا، ئەركىشى ئۇلارنى چوڭ كۆرىدۇ.
تاماق ئىتىشنى بىلىش
   ئايال كىشى، مىنىڭچە، چوقۇم تاماق ئىتىشنى بىلىدىغان بولۇشى كىرەك؛ بۇ دىگەنلىك، ئايال كىشى كۈندە تاماق ئىتىشى كىرەك دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى، تاماق ئىتىش بولسا ئۆي تۇتۇپ تۇرمۇش قۇرۇشتا چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك بىر خىل ماھارەتتۇر. سىز دەم ئالغان ياكى بوش ۋاقتىڭىز بار بولغاندا، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياكى يولدىشىڭىز ئۈچۈن بىر ۋاخ تەملىك تاماق ئىتىپ بەرسىڭىز، بۇمۇ بىر خىل بەخىتتۇر.
قانداق ئادەم بولۇشنى ۋە كىشىلىك ئالاقە قىلىشنى بىلىدىغان بولۇش
   ئەرلەر ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشى چوقۇم مۇنەۋۋەر بىر ئايال كىشى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ كىتىشى ناتايىن، بىراق چوقۇم ئادەم بولۇشنى ۋە كىشلىك ئالاقىگە ماھىر كىلىدۇ. ئادەم بولۇشنى ۋە كىشىلىك ئالاقە قىلىشنى بىلىدىغان ئايال كىشى، ھەمىشە ئەرلەرنىڭ تېخىمۇ بەك زوقىنى قوزغايدۇ؛ چۈنكى بۇ، ئاياللارنىڭ بىر خىل ئىقتىدارىغا—يەنى، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنى بىتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئەقلى ئىقتىدار كىتىپلا قالماي، ھىسىي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولۇشنى تېخىمۇ تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە بىر ئايال كىشىنىڭ ئونۋىرسال ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئادەم بولۇشنى ۋە كىشىلىك ئالاقە قىلىشنى بىلىدىغان ئايال كىشى چوقۇم چوڭ پاراسەت ئىگىسى بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالايدۇ ھەم باشقىلارنىڭ قىزىقىش ھەۋەسلىرىنىمۇ ۋاقتىدا چۈشىنەلەيدۇ. بۇنداق ئاياللار، كۆپىنچە، ئەر كىشىنىڭ ياقتۇرۇشىغا تېخىمۇ بەكرەك ئىرىشىدۇ.
پايدىلىنىۋىلىشنىلا ئويلىماسلىق
   بەزى ئاياللارنىڭ ئىقتىدارىدىن باشقا، ئەرلەرنىڭ تېخىمۇ مۇھىم بىلىدىغىنى، ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتىدۇر. بىر ئايال كىشى مەيلى قانچىلىك چىرايلىق بولسۇن ياكى ئەقلى ئىقتىدارى ۋە ھىسي كۆرسەتكۈچى قانچە يۇقىرى بولسۇن، ئەگەر ئۇنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتى ناچار بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق ئايال كىشى باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشەلمەيدۇ. ئۇچۇق قول ھەم چوڭ سۈپەت كەلگەن ئايال كىشى، ئاندىن ئەركىشى ئەڭ ياقتۇرۇدىغان ئايال كىشى ھىسابلىنىدۇ؛ پايدىلىنىۋىلىشنىلا ئويلىمايدىغان ئايال كىشى ئاندىن ئەرلەرنىڭ قەلبىدىكى ئايال ئىلاھى بولالايدۇ. ئەگەر بىر ئايال كىشى ھەمىشە باشقىلاردىن پايدىلىنىۋىلىشنىلا ئويلىسا، ھەمىشە پايدا مەنپەئەت قوغلىشىپلا ئۆتسە، ئۇنداقتا بۇنداق ئايال كىشىنىڭ ئەركىشىنىڭ قەلبىدىكى ئورنى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ ھەمدە ھۆرمەتلىنىشكىمۇ مۇناسىپ كەلمەيدۇ.
خىزمەتتە ئىقتىدارلىق كىلىدۇ
    بىر ئايال كىشى قانداق قىلغاندا ئەركىشنى ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرىدىغان قىلالايدۇ؟ بۇنى، ئايال كىشىنىڭ ساپاسىدىن باشقا، يەنە ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى—يەنى، ئىقتىسادى ئىقتىدارى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى بەلگىلەيدۇ. بىر ئايال كىشى پەقەت خىزمەت جەھەتتە پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولالىسا، ئىقتىساد جەھەتتە ئەركىشىگە ئۇتتۇرۇپ قويمىسا، ئاندىن ئەركىشىدە بىر خىل بويسۇندۇرۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلالايدۇ. كۈچلۈك ئاياللار، ھەمىشە كىشىلەرنىڭ قايىللىقى ۋە زوقلىنىشىنى قوزغايدۇ.
ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى بار بولىدۇ
    چىراي گۈزەللىكى ئاساسى جەھەتتىن قىلىپلىشىپ قالغان بولىدۇ، ئەمما قىزىقارلىق بولغان روھى دۇنيا تەس تېپىلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن، ئەڭ مۇھىم بولغىنى چىرايلىق ھۆسىن ئەمەس، بەلكى ئۆزگىچە بولغان روھىيەتتۇر. ئادەمنىڭ روھىيىتى ئىدىيىدىن كىلىدۇ، ئايال كىشىنىڭ چوقۇم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى بار بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ خىل قارىشى توغرا بولۇشى كىرەك. پەقەت ئۆزگىچە بولغان مۇستەقىل كۆز قارىشى بار بولغاندىلا ئاندىن ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ. ئەركىشى ئۇلاردىكى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى بايقىغاندىن كىيىن، ئۇلاردا زوقلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ مۇھەببەت شەكىللىنىدۇ.
   ئەرلەرنى ئۇنتىيالماس قىلىپ قويىدىغان ئاياللارنىڭ يۇقارقىدەك بەش خىل ئالاھىدىلىكى بار. ئايال كىشى جەمئىيەتتە مەيلى قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللانمىسۇن ياكى مەدىنىيەت سەۋيىسى قانچىلىك بولمىسۇن، چوقۇم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئادىمىيلىكى بار بولۇشى كىرەك. مۇستەقىل ئادىمىيلىكتىن باشقا، ئايال كىشى پەقەت مۇستەقىل ئىدىيە ۋە ئىقتىسادى ئىقتىدارغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئەر كىشىگە ماسلىشالايدىغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号