ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
يىمەكلىك ئارقىلىق ئاياللار كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللار ياللۇغ كىسەللىكى ئادەتتە ئىنكاسى ئاستا، كۆرىلىدىغان ئالامەتلىرى نىسبەتەن ئاز كىلىدۇ. بىراق، بەزىبىر ئاياللار ياللۇغ كىسەللىكى جىددى قوزغالغان ۋاقىتتا، بۇنىڭغا قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ۋە باشقا جىددى خارەكتىرلىك ياللۇغ قاتارلىق ئەگەشمە ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا، قوساق ئاغرىش، سىرتقى جىنسى يل،ى ئىششىپ كۆپۈپ قېلىش، ۋە ئاغرىش، ئاق خۇندا بىنورماللىق كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئۇنداقتا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاياللار ياللۇغ كىسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كىرەك؟ تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە ئۈچ خىل يىمەكلىك تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، بۇ ئۈچ خىل يىمەكلىك تەبىئى ئاياللىق ھورمۇنىغا باراۋەر بولۇپ، باكتىريە يوقىتىپ زەھەر ھەيدەش رولى ئوينايدۇ.
پالپۇز
    يالپۇزدىن چاي دەملەپ ئىچكەندە، سۇغۇق يەلنى ھەيدەپ زۇكامنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە تېخى قاننى سۇيۇلدۇرۇپ قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، باكتىرىيە يوقىتىپ زەھەر ھەيدەش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئاياللار ھەمىشە يالپۇز چېيى ئىچىپ بەرسە، ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاياللار كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قارا پۇرچاق
    قارا پۇرچاقنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ياخشىلاش، ترىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىش، ئىچكى ئاجرالما سەۋيىسىنى تەڭشەش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار بولۇپ، ھەمىشە قارا پۇرچاق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە ئاياللار كىسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۇچقات(金银花)
    ئۇچقاتنىڭ دورىلىق قىمىتى بىرەقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ زەھەر تازىلاش، باكتىرىيە يوقىتىپ زەھەرلىك ماددىلارنى ھەيدەش قاتارلىق رولى بار؛ بۇنىڭ بىلەن ىرگە، ئۇچقاتنىڭ نۇرغۇنلىغان كىسەللىك ۋىرۇسلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى توسۇش رولى بار. ئۇچقاتنى قايناقسۇغا چىلاپ چاي دەملەپ ئىچىشكە ۋە ياكى شورۋىگۈرۈچ، شورپا قاينىتىپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号