ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللارنىڭ بۇ ئادەتلىرى ئۇلارنى تېخىمۇ ئىسىلزادە كۆرسىتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئىسىلزادە ئاياللارنىڭ ئىسىلزادە بولۇشىدا بەلگىلىك سىر مەخپىيىتى بار بولۇپ، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان تەرەپلىرى، ئۇلارنىڭ سىرتقى گۈزەللىكى بولماستىن بەلكى قەلبىدىكى گۈزەللىكتۇر. بۇ خىل ئاياللارنىڭ بىر خىل كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان لاتاپىتى بار؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلاردا بار بولغان بەزىبىر ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ، كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ. كونكىرتنى قىلىپ ئېيتقاندا، ئاياللاردا تۆۋەندىكى ئادەتلەر بار بولسا، ئۇلار تېخىمۇ "ئىسىلزادە" كۆرىنىدۇ.
باغرى يۇمشاق كىلىدۇ ھەم باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق بىلىدۇ
    ئاق كۆڭۈل ئاياللار ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ؛ بۇ خىل ئاياللارنىڭ باغرى يۇمشاق بولۇپ، باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ ئەمما تۆۋەن ماقامنى ساقلاپ جاھانغا جار سالمايدۇ؛ ئۇلار ئەتراپىدىكىلەرگە ھەمىشە ئىللىق چىراي مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ، باشقىلار ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلغان ۋاقىتتا، ھەمىشە ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇلار بىلەن دوستلىشىشقا ھېرىسمەن بولىدۇ. بۇ خىل  ئاياللار ئاق كۆڭۈل، باشقىلارغا بەرگەن تەسىرىمۇ ياخشى بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار تەبىئىلا تېخىمۇ "ئىسىل" كۆرىنىدۇ.
ئۆزىگە يارىشا ياسىنىشنى بىلىدۇ، مەپتۇن قىلارلىق سىھرى كۈچىگە باي كىلىدۇ
   ئاياللار مەيلى قايسى ياش مەزگىلىدە بولمىسۇن، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ چىرايى ئۈچۈن مەسئۇل بولۇشنى بىلىشى لازىم. تۇغۇلۇشتىن بەك گۈزەل ساھىبجاماللاردىن بولمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ يارىشىملىق ياسىنىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشى كىرەك. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە مەسئۇل بولغىنى بولۇپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىمۇ ھۆرمەتلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. ئاياللارنىڭ تاشقى ئوبرازى، ئادەتتە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ساپاسىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئىسىلزادە كەلگەن ئاياللار، ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ياسىنىدىغان ئادىتى بار، ئۇلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ سىرتقى ئوبرازىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ.
كۈندە كىتاپ ئوقۇپ ئىزچىل تۈردە ئالغا ئىلگىرلەيدۇ ھەمدە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
    ئاياللار ئەگەر كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى تاشلىماي داۋاملاشتۇرالىسا، ئۇلار دەۋر بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرلەپ، تۇرمۇش جەريانىدا ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز تۈردە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭالايدۇ؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلاردىن بىر خىل بىلىم ۋە تالانت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ، ئادەمگە يىڭىچە بىر ئىسىللىك تۇيغۇسى بىرىدۇ. ئەرلەر كۆپىنچە بۇنىڭغا ئوخشاش مۇستەقىل ئىدىيىسى ھەم تالانتى بار ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ؛ چۈنكى بۇ خىل ئاياللاردىن بىر خىل ئىسللىق پۇرىقى سرتىغا تېپىپ تۇرىدۇ، ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئەرلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ.
ئىشچان ھەم تىجەشلىك كىلىدۇ، ئەمما ئىقتىساد جەھەتتە مۇستەقىل كىلىدۇ
    ئىسىلزادە ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاققا باي كىلىدىغان بولۇپ، يۈرۈش-تۇرۇشى لاتاپەتلىك، ئومۇمىيلىقنى تۇنۇيدىغان، داۋلى چۈشىنىدىغان كىلىدۇ؛ بنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار ئىقتىساد جەھەتتە مۇستەقىل كىلىدىغان بولۇپ، ئىشچان ھەم تىجەشلىك كىلىدۇ، ئۆي تۇتۇشنى بىلىدۇ ھەمدە شۆھرەتپەرەسلىك قىلمايدۇ. بۇنداق ئاياللار، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئادىمىيلىك سىھرى كۈچىگە ئىگە كىلىدىغان بولغاچقا، ئەرلەر ئۇلار بىلەن تويلىشىشنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号