ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللارنى لاتاپەتلىك كۆرسىتىدىغان مەخپىيەتلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئىشىنىمەنكى، ھەرقانداق بىر ئايال كىشى كىيىم بىلەن ياسىنىش ئارقىلىق، ئۆزىنى تېخىمۇ لاتاپەتلىك ھەم گۈزەل كۆرسىتىشنى ئويلايدۇ. بىراق، نۇرغۇن كىشىلەر لاتاپەتلىك بولۇش بىلەن چىرايلىق كۆرۈنۈشنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۋەتمەيدۇ؛ كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، چىرايلىق بولۇش دىگەن چىرايلىق بولۇش، لاتاپەتلىك بولۇش بولسا لاتاپەتلىك بولۇش، ئىككىسى ئىككى خىل ئۇقۇم دەپ قارايدۇ. لىكىن، بەزىبىر ئاددى ئۇسۇللار، سىزنى قارىماققا ھەم جەلپكار ھەم لاتاپەتلىك كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە، ھەم چىرايلىق ھەم لاتاپەتلىك كۆرسىتىدىغان ئۇسۇللارنى كۆرۈپ باقايلى.
رەخت ماتىريالىنى توغرا تاللاش
    سىز كىيىم سېتىۋالماقچى بولغىنىڭىزدا، ئۇلارنىڭ تەگ ماتىريالىغا دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك. ئوخشاش بولمىغان رەختلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان سىزىقچىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ياكى سىزنىڭ بەدەن شەكلىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى قىسىملىرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، ياكى سىزنى قارىماققا ناھايىتى رەتسىز كۆرسىتىپ قويىدۇ. مەسىلەن يىپەكنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ سىزنى تېخىمۇ چىرايلىق ھەم تەنناز كۆرسىتەلەيدۇ؛ چۈنكى سىز ھەربىر مىدىرلاپ ھەرىكەتلەنگەندە، بۇ خىل رەخت ماتىريالى خۇددى سۇغا ئوخشاش بەدىنىڭىزدە لىغىلداپ تۇرىدۇ.
بەدەن شەكلىڭىزنى قۇرۇپ چىقىش
    بەدەنگە چىڭ كىلىدىغان كىيىم كەيمىسىڭىزمۇ، جەلپكار بەدەن شەكلىنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، سىز كەڭ كىلىدىغان پوپايكىدىن بىرنى كىيىۋالغان بولسىڭىز، ئۇنى ئەگەر يوپكىڭىزنىڭ ئىچىگە تىقىۋالسىڭىز، بۇنىڭدا ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ بىلىڭىزگە بولغان دىققىتىنى قوزغىيالايسىز؛ چۈنكى، بۇ خىل ماسلاشتۇرۇش سىزنىڭ بەل قىسمىڭىزنى تېخىمۇ ئۇرۇق كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئەگەر چاپان ياكى پەلتۇمۇ كەڭ بولۇپ قالسا، سىز ئوخشاشلا بىلىڭىزگە بەلباغ تاقىۋىلىش ئارقىلىق، بەل قىسمىڭىزنى گەۋدىلەندۈرەلەيسىز.
يىڭى رەڭلەرنىمۇ سىناپ بېقىش
    كىشىلەر، قارا رەڭ ھەممىلا ئادەمگە يارىشىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ بەلكىم راست بولۇشى مۇمكىن؛ قارا رەڭ، ھەقىقەتەنمۇ سىزنى تېخىمۇ ئۇرۇق كۆرسىتىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ سىرلىق جەلپكارلىقىڭىزنى قوزغىتالايدۇ. بىراق، يەنە نۇرغۇنلىغان رەڭلەر سىزنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتەلەيدۇ. مەسىلەن، سىز ئەگەر ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز ئاياللىق نازاكىتىڭىزنى گەۋدىلەندۈرۈپ چىقارماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا شاپتۇل چىچىكى، سۇس كۆك ياكى ئاچ سېرىق رەڭلىك كىيىملەرنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئۆزىڭىزگىلا خاس بولغان چاچ پاسونى
    شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، چاچ پاسونىڭىز، سىنىڭ خان تاجىڭىز؛ بۇ دەل ئۆزىڭىز ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان بىر چاچ پاسونى تېپىپ چىقىڭ دىيىشىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر. ئالدى بىلەن، سىز ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان چاچ پاسونى تاللىشىڭىز كىرەك بولۇپ، بۇنى ئادەتتە سىزنىڭ چىراي شەكلىڭىز بەلگىلەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ چىرايىڭىز ئىللىپىس شەكلىدە بولسا، ئۇنداقتا ئاساسى جەھەتتىن ھەرقانداق چاچ پاسونلىرىنىڭ ھەممىسى سىزگە ماس كىلىدۇ؛ ئەگەر چىرايڭىز ئۇزۇنچاق بولسا، قىسقا چاچ پاسونىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ؛ ئەگەر چىرايىڭىز يۇمىلاق شەكىلدە بولسا، زاڭىقىڭىزغا چۈشكەن قىسقا چاچ پاسونى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراش
    ئەمىلىيەتتە، مەيلى قانداق كىيىنىپ ياسانماڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ياكى بەدەن ئېغىرلىقىغا پىكىرىڭىز بار بولسا، ئۇنداقتا يىمەك ئىچمەك ئادىتىڭىز ئۆزگەرتىشىڭىز ھەمدە چېنىقىشنى باشلىشىڭىز كىرەك. سىزنىڭ بەدەن شەكلىڭىز ياخشى ساقلانغان، تېنىڭىز ساغلام بولغان ئەھۋال ئاستىدا، سىز قارىماققا تېخىمۇ جەلپكار كۆرىنىسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号