ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا ئەڭ زىيانلىق بولغان قىلمىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بالىياتقۇ بولسا ئاياللارنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان كۆپىيىش ئەزاسى بولۇپ، ئاياللارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە بىۋاستە باغلىنىشلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بالىياتقۇنى ياخشى ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم؛ ئەمما، تۆۋەندىكى قىلمىشلار بالىياتقۇغا ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ئاياللار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلانماق لازىمدۇر.
كۆپ قېتىم ھامىلدار بولۇش
    تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئەگەر ئاياللار ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ھامىلدار بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بالىياتقۇ كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقا ئاياللارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.
كۆپ قېتىم بالا چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇش
    كۆپ قېتىم بالا چۈشۈرۈش ئوپراتسيەسى قىلدۇرۇش، بولۇپمۇ قىسىقا مەزگىل ئىچىدە كۆپ قېتىم بالا چۈشۈرۈشنىڭ بالىياتقۇغا ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ. ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بالىلىق بولالماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى بالا چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسىنى كۆپ قىلدۇرغانلىقىدىن بولىدۇ.
غەلىتە شەكىللەنگەن ھامىيلە، قوشكىزەك ۋە كۆپكىزەك ھامىيلە
   غەلىتە شەكىللىنىپ قالغان ھامىيلە ۋە قوشكىزەك ياكى كۆپكىزەك ھامىيلە تۇغۇت جەريانىدا، ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇتى كۆپىنچە قىيىنلىشىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىياتقۇ ۋە ھامىلدار ئايالنىڭ تەن سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئەگەر، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشتە ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللەنگەن ھامىيلە ئىكەنلىكى ياكى قوشكىزەك، كۆپكىزەك ئىكەنلىكى بايقالسا، ھامىلدار ئايال پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلى ۋە تۇغۇت ئالدى كەينىدە دوختۇرنىڭ داۋالاش پىكىرى ۋە كۈتۈنۈش تەۋسىيەلىرىگە يېقىندىن ماسلىشىش كىرەك.
تۇغۇت تەكشۈرۈشى قىلدۇرماسلىق
    نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۈزۈك تەكشۈرۈش قىلدۇرمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ھامىلدار ئايالدا ياكى ھامىيلىدە بىنورماللىق كۆرۈلگەن بولسا، بۇنى ۋاقتىدا بايقاشقا ئامالسىز قېلىپ، ئېغىر بولغاندا تۇغۇت قىيىنلىشىش ياكى بالىياتقۇ يىرتىلىپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جىنسىي تۇرمۇشتا پاكىزلىققا دىققەت قىلماسلىق ياكى جىنسىي تۇرمۇش قالايمىقان بولۇش
   ئەگەر جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەندە، كىسەللىك ۋىرۇسلىرى جىنسىي يولدىن بالىياتقۇ بوشلۇقىغا كىرىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، ئايال كىشى جىنسىي تۇرمۇش جەھەتتە ئۆزىنى زىيادە قويۇۋەتسە ياكى قورامىغا يەتمەي تۇرۇپ جىسنى تۇرمۇش ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇنداقتا ئاسانلا ئاياللار كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش
    يىڭى ھامىلدار بولغان ۋاقىت ۋە تۇغاي دەپ قالغان ۋاقىتتا جىنسىي تۇرمۇشنى توختىتىش كىرەك، بولمىغاندا بالا چۈشۈپ  كىتىش ياكى بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ  قېلىش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ، يەنە تېخى بالىياتقۇنى زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号