ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
قېيىنئانا نەزىرىدىكى ھۆرمەتلەشكە ئەرزىمەيدىغان كىلىن
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر ئايال ئىلگىرى ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى دەپ بەرگەن: ئۇ ئىرى بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇ ئۆزىنى قېيىنئانىسىغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ باقمىغان ھىس قىلىدۇ، ئەمما قېيىنئانىسى ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلسە، ئۇنىڭغا تۈزۈك چىراي ئاچمايدۇ. بىر قېتىم ئۇ قېيىنئانىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنچىلىق قىلسىمۇ، قېيىنئانىسى بۇنى كۆرمىگەنگە سالغان ھەمدە گەپ سۆزلىرى ئارىسىدا "سىز ئوغلۇمغا ماس كەلمەيسىز" دەپ دارىتمىلىغان. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئايال كىشى چىداپ بولالماي، ئىرىنىڭ ئالدىدىلا، قېيىنئانىسى بىلەن گەپ تالىشىپ سوقۇشۇپ قالغان ھەمدە قېيىنئانىسىدىن ئۆزىنىڭ زادى نىمە ئىشنى خاتا قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ نىمىشقا ئۇنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغانلىقىنى سورىغان. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ ئايالنىڭ قېيىنئانىسىمۇ تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرماي، "كىلىن دىگەن سىزدەك بولىدىغان بولسا، قېيىنئانىنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتلەشكە ئەرزىمەيدۇ" دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئايال كىشى تۇرۇپ ئۆينىڭ تازىلىقىنىمۇ ياخشى قىلالمىسا، ئائىلىگە قارىتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ
    قېيىنئانىسى ئۇنىڭغا مۇنداق دىگەن: مەن يېزىدىن چىققان بىر ئايال، شۇنچە يىل جاپا تارتىپتىمەن، لىكىن ھازىرمۇ كۆزۈمگە ئىش كۆرۈنسىلا قىلىپ ياقىغا چىقىمەن. بولۇپمۇ ئۆي ئىچىنىڭ تازىلىقىنى تاشلاپ قويۇشقا قەتئى بولمايدۇ. سىلەر ھازىر بۇ ئۆيۈڭلارنىڭ ئىچىگە قاراپ بېقىڭلار، يۇيىدىغان كىيىملەر بى بۇرجەكتە دۆۋىلىنىپ كىتىپتۇ، پولمۇ پاكىز ئەمەسكەن، بۇ يەردە يەنە تېخى ئاياغ ئىزلىرى تۇىدۇ. سىلەرنىڭ بۇنداق مۇھىتتا قانداق تۇرۋاتقىنىڭلارنى دىمەيلى تۇرايلى، سىز ئايال كىشى تۇرۇپ، ئۆينىڭ تازىلىقىنىمۇ ياخشى قىلالمىسڭىز، بۇ ئائىلىڭىزگە ۋە ئائىلدىكى ئەزالارغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆيۈڭلارغا بىرەر مىھمان كىلىپ، بۇ ئەھۋالنى كۆرسە نىمە دىگۈلۈك؟ مەنمۇ ئوغلۇمغا يان بېسىپ، سىزنىلا تازىلىق قىلىشىڭىز كىرەك دىمەيمەن؛ چۈنكى بۇ ئىككىڭلارنىڭ ئورتاق ئۆيى. بىراق، سىز دىگەن ئايال كىشى، ئۆينى پاكىزە تۇتۇش كىرەكلىكىنى سىز ئەر كىشىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئوبدانراق بىلىشىڭىز كىرەك؛ ئۆي ئىچى تازىلىقىنى قىلىشقا يىتىشىپ بولالمىسڭىز، سىز ئىرىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ياردەملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.
خىزمەت ئىزدىمەي، ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمىگە ساقلاپ، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش
    سىلەر توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىردىڭلار، ئەمما سىز ھازىرغىچە خىزمەت قىلىشقا ئۇنىماي، ئىرىڭىزنىڭ بېقىشىغا قاراپ ئولتۇردىڭىز؛ ئۆيىڭىزدە پۇل يەتكۈزەلمەي، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ياردىمىگە قاراپ ئولتۇردىڭىز. ئوغلۇم بىلەن ئىككىڭلارنىڭ تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭلارنى قانداق پىلانلىغانلىقىڭلارنى مەن بىلمەيمەن؛ بىراق، سىزگە ئوخشاش بۇنداق ئىرىنىڭ بېقىشىغا قاراپ ئولتۇرىدىغان ئادەمنى مەن ياراتمايمەن. چۈنكى، بۇ ئۆي تۇتۇپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئادەملەردە بولۇشقا تىگىشلىك ئەھۋال ئەمەس؛ سىز كىلىنىم بولۇپ قالغىنىڭىز ئۈچۈن بۇنداق دىگىنىم ئەمەس، مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق باشقا بىر يات ئادەم بولسىمۇ، بۇنداق ئىپادىسى بار ئادەمنى مەن يەنىلا ياراتمايمەن ھەم ھۆرمەتلىمەيمەن. ئايال كىشى ھۇرۇن بولۇپ قالسا بولمايدۇ، ھەمىشە ئاۋارىچىلىق تېرىپ، باشقىلارغا ئېسىلىۋالىدىغان بولۇپ قالسا تېخىمۇ بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەرقانداق ئادەم سىزنى ھۆرمەتلىمەيدۇ. ياخشى خىزمەت تاپالمىسىڭىز، ئادەتتىكى خىزمەت بولسىمۇ تېپىپ ئىشىلىسىڭىز بولىدۇ؛ بۇنداق ھالەتتە ئۆتىۋەرسىڭىز، ئاخىرى بېرىپ ئىرىڭىزمۇ سىزنى ھۆرمەتلىمەيدىغان، سىزنى ياراتمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئۆزىگە كەلگەندە پۇلنى ئايىماي خەجلەش ۋە كىرزىس تۇيغۇسى بولماسلىق
   مەن بۈگۈن ئىشىكتىن كىرىپلا سىزنىڭ يەنە بىر قۇر يىڭى كىيىم كىيىۋالغانلىقىڭىزنى كۆردۈم. مىنىڭ خاتىرەمدە، سىزنى ھەربىر قېتىم كۆرگىنىمدە، سىز يىڭى بىر قۇر كىيىم كىيىۋالىسىز. ياشلارنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشكە ئامراق بولۇشى نورمال بىر ئىش، ئەمما بۇنىڭمۇ بىر چېكى بار بولۇشى كىرەك. ئۆيدىكى بۇ ھەرخىل گىرىم بۇيۇملىرى، كىيىم –ئاياغ دىگەنلەرگە قاراپ بېقىڭ؛ بەزىدە ئوغلۇمنىڭ مائاشىنىڭ ھەممىنى سىزنى خەجلەپ تۈگىتىۋىتەمدىكى دەپ گۇمانلىنى قالىمەن. سىز بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ يىڭى كىيىم كىيىپ باققىنىنى تۈزۈكرەك كۆرۈپمۇ باقمىدىم. مەن سىزنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بەرمەي، ئۆزىگىلا كىيىم ئېلىپتۇ دەپ ئەيىبلىمەكچى ئەمەس؛ ئايال كىشى دىگەن ھۇزۇر ھالاۋەتنى بەك قوغلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، ئايال كىشى پۇل يېغىشنى بىلىشى كىرەك. ئەگەر تاساددىبى بىرەرسىڭلار كىسەل بولۇپ ئاغرىپ يېتىپ قالساڭلار قانداق قىلغۇلۇق؟ مىنىڭچە، بۇنداق كىلىننى ھېچقانداق قېيىنئانا ھۆرمەت قىلمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号