ئىرى بار ئاياللار ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە خالىغانچە دەرت تۆكمەڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تىپىك بولغان مىسالدىن بىرنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن؛ بۈگۈنكى بۇ ۋەقەلىكنىڭ باش قەھرىمانى، مىنىڭ خوشنام X خانىم.
X خانىم بۇ ئايال ئادەتتە قوشۇمىسىنى تۈرۈپلا يۈرىدۇ. ئۇنىڭ مىجەزىنى ئادەم تازا بىلىپ كەتكىلى بولمايدىغان بولۇپ، بىرەر گەپنى ئازراق خاتا قىلىپ سالسىڭىزلا، ئۇ شۇندىن باشلاپ سىزگە قارىمايدۇ. بىزنىڭ بىنادىكى ئۇنى تۇنۇيدىغانلار ھەممىمىز بىلىمىز: ئۇنىڭ كۈنلىرى تازا ياخشى ئەمەس، ئۇ ئىرى بىلەن تازا ئەپ ئەمەس.
X خانىم ئۇچرىغانلىكى ئادەمگە دەرت تۆكۈپ يۈرىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ باشقىلارغا بەرگەن تەسىرى تازا ياخشى ئەمەس. چۈنكى، ئەمىلىي ئەھۋال مۇنداق: ئۇ ئىرىم ئۆيدە ئولتۇرمايدۇ، ماڭا كۈيۈنمەيدۇ دەپ قاقشايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئىرىنىڭ خىزمىتى ھەقىقەتەن ئالدىراش. ئۇ قېيىنئانام بەك شەخسىيەتچى، بېقىلىشى مەندىن دەپ ۋايسايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، ئۇنىڭ قېيىنئانىسى بىردەم بىكار تۇرماي ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ.

"ھال-ئەھۋال ئېيتىش"، بەلگىلىك دەرىجىدە بەزىبىر روھى بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينىيالايدۇ؛ بىراق، باشتىن ئاياغ ھەممىدىن قاقشاپ ئاغرىنىپ چىقىدىغان "دەرت تۆكۈش" ئېلىپ كىلىدىغان ئۈنۈم، دەل ئەكسىچە بولىدۇ.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، باشقىلارغا دەرت تۆكۈشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ %80تى، بەلگىلىك دەرىجىدە پاسسىپ پىسخىكىسى بار كىلىدىكەن. بۇ خىل پاسسىپلىق ئاساسلىقى، گۇمانخور، تەشۋىشلىنىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
بۇ خىل كىشىلەر مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلاشقاندا، ئادەتتە بارلىق يامان ئەھۋاللارنى ئۆزىگە قارىتىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، روھى جەھەتتە تېخىمۇ بەرداشلىق بىرىپ بولالمايدۇ.
نىمە ئۈچۈن ئىرى بار ئاياللار ئەتراپىدىكىلەرگە خالىغانچە دەرت تۆكمەسلىكى كىرەك دەيمىز؟ بۇنىڭدىكى سەۋەپ، دەل "پاسسىپ كەيپىيات" دىگەن بۇ ئىككى سۆزدە.
پاسسىپ كەيپىيات كەلتۈرۈپ چىقارغان پاراڭ تېمىلىرىنى، ئادەتتە باشقىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى ئاسانغا توختىمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، سىزنىڭ دەرت تۆكۈشىڭىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاشنى خالايدىغان ئادەممۇ كۆپ بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنداق ئەھۋال يەنە، يېنىڭىزدىكى بالىڭىزنىڭ پىسخىكىسىغا، بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا دەرت تۆكىدىغان بۇ ناچار ئادەتتىن قۇتۇلغىلى ھەم بىرلا ۋاقىتتا روھى كەيپىياتىمىزنى تەڭشەش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ؟
بىز يەنىلا X خانىمنى مىسال كەلتۈرۈپ ئانالىز قىلىپ باقايلى!
شەيئىنىڭ ماھىيىتىنى ئوبىكتىپلىق ھالدا تۇنۇپ يىتىش
X خانىمنىڭ ھەدىسىلا باشقىلارغا دەرت تۆكۈشنى تاللىشى، ئۇنىڭ شەيئىلەرگە ئوبىكتىپلىق ھالدا قارىمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىلەر، پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سوبىكتىپ قاراشلىرىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىكى توغرا ئۇسۇل بولسا، ھېچقانداق كەيپىيات ئارىلاشتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا، شەيئىنىڭ ياكى مەسىلىنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش.
ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا، كەيپىيات ئىنكاسىنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كىرەك. بۇ ۋاقىتتا، بىز باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ھال ئەھۋال ئېيتساق بولىدۇ؛ بۇنىڭدىكى ھال ئېيتىش ئوبىكتى ئادەم بولمىسىمۇ بولىدۇ، بىر ۋاراق قەغەز بولسىمۇ بولىدۇ. يېزىقچىلىق، ئادەمنى تىنچلاندۇرۇپلا قالماي، بۇ جەرياندا يەنە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش كۈچىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
ئاۋىستىرىيەلىك پىسخىلوگشۇناس ئادلىر، ئىلگىرى مۇنداق بىر يەكۈن چىقارغان: ئادەمنىڭ سوبىكتىپ تەپەككۇرى، مەڭگۈ ئاكتىپ تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى بولسا، پاسسىپ تەرەپنى نەزەردىن ساقىت قىلىشتۇر. شۇڭا كىشىلەر بۇ سەۋەپلىك، پاسسىپلىقنى ئاكتىپ ھالدا ئۆزگەرتەلەيدۇ.

پاسسىپلىق ئىچىدە ئاكتىپلىق ئىزدەش
X خانىم شۇنىڭ ئۈچۈن دەرت ئېيتىشقا ئامراق كىلىدۇكى، ئۇنىڭ سوبىكتىپ ھالدا، ئۆزىنى قانائەتلەنمىگەندەك ھىس قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ بۇ خىل قانائەتلىنەلمەسلىك تۇيغۇسى بولسا، ئۇنىڭ كۆڭۈل ئاغرىقىنىڭ ئېشىپ كىتىشىدىكى بىر خىل ئامىلدۇر. ئۇ ھىسداشلىققا ئىرىشىشنى قانچە ئۈمىد قىلغانسىرى، ئەمىلىيەتنى ئۇ شۇنچە بۇرمىلايدۇ.
ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن، تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن ھەر خىل روھى بېسىملارغا دۇچ كىلىدۇ ھەمدە بۇ سەپلىك جاپا-مۇشەققەت ھىس قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا، تۇرمۇشتىكى ئەھمىيەتلىك ھەم قىزىقارلىق نوقتىلارنى ئىزدەپ تېپىشتۇر. مەسىلەن، ئۆزمەن ئىنتىلىدىغان بىرەر قىزىقىش ياكى ھەۋەس يىتىلدۈرۈش.
بەزى ئەھۋاللاردا، باشقىلارغا دەرت تۆككەندىن، ئۆزىمىز ئىچىمىزدە بىلىپ ئۆتۈپ كەتكىنىمىز ياخشىراق بولىدۇ. بۇنىڭدا، خاپىلىقنى ئۇنتۇمىقىمىز ئاسانغىراق توختايدىغان بولۇپ، گەرچە بۇنداق قىلىشقا بەلگىلىك جۈرئەت لازىم بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىمىز كۆڭلىمىزدە بەرداشلىق بىرىپ ئۆتۈپ كىتىشىمىز، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ.
ئاياللار، قاقشاش ۋە ئاغرىنىش دىگەنلەر بىلەن ئىمكان قەدەر خوشلىشىپ، ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق دەرت تۆكىدىغان بۇ ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتسەك، ئۇنداقتا بىز، تۇرمۇش سۈپىتىمىزدە غايەت زور يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىيالايمىز.