ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىكى پەرق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    نەۋرە سىڭلىمنىڭ چوڭ بالىسى بۇ يىل تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاللىبۇرۇن يەسلىگە كىردى؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇ يەنە بىرنى تۇغماقچى بولدى. ئۇ گەرچە بىر قېتىملىق تۇغۇتنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرگەندە، بىرىنچى قېتىملىق ھامىلدارلىق بىلەن قانداق پەرقلەر بارلىقىنى بىلەلمەي، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ تەجىربىلىرىنى سورىغان. ئۇلار ئېيتقان، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىكى پەرق ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇپ، سىزمۇ بۇلارنى ئاڭلاپ بېقىڭ، سىزدىمۇ ئۇنداق تۇيغۇلار بولۇپ باققانمۇ يوق؟
ھامىيلىگە تۇتىدىغان ئۈمىدى ئوخشىمايدۇ
    بىرىنچى بالىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، ھامىيلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ساغلاملىقى بولىدۇ؛ مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن، پەقەت ھامىيلە ساغلام يىتىلىپ، سالامەت تۇغۇلسىلا بولىدۇ قارايدۇ. بىراق ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، ھامىيلىنىڭ قىز ئوغۇللۇقى بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر، ئىككى بالىنىڭ بىرسى ئوغۇل بىرسى قىز بولسا ئەڭ ياخشى بولاتتى دەپ قارىغاچقا، ئىككىنچى بالىنىڭ جىسنسىي ئايرىمىسىنىڭ بىرىنچى بالا بىلەن ئوخشىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ھەرىكەتلىنىش ئوخشىمايدۇ
    بىرىنچى بالىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تۇغۇتى ئاسانراق بولۇش ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى سەيلە قىلىش بولۇپ، بەزى ھامىلدار ئاياللار ھەتتا يۈگا، سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىدۇ؛ چۈنكى بۇنداق قىلغاندا، ھامىيلىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن شەكلىنى ياخشى ساقلاپ قېلىشىغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. بىراق ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايالنىڭ بۇلارنى قىلىدىغان ۋاقتى كۆپ چىقمايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، تۇنجى بالىسىنى بېقىش، كۆكتات سېتىۋىلىش، تاماق ئىتىش، ئۆي تازىلاش قاتارلىقلار، ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى چېنىقىش ھىسابلىنىدۇ.
تۇغۇت ۋاقتىنى ھىسابلاش جەھەتتە ئوخشىمايدۇ
    تۇنجى بالىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايالنىڭ كۈن بويى ئويلايدىغىنى، تۇغۇت ۋاقتى بولۇپ، ئەگەر بىرەرسى "قاچانراق تۇغىسىز" دەپ سوراپ قويسا، ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ بېسىقمايلا قالىدۇ. بىراق، ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال كۈندە دىگۈدەك باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، بەزىدە ھەتتا تۇغۇت ۋاقتىنىڭ قاچان كىلىدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ؛ باشقىلار سورىغاندىن كىيىن، ئاندىن تۇغۇت ۋاقتىنى ھىسابلاشقا باشلايدۇ.
كىيىنىشى ئوخشىمايدۇ
    بىرىنچى قېتىم ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار "ھامىلدار بولغان بولساممۇ گۈزەل تۇرمىسام بولمايدۇ" دىگەن پىسخىكىدا بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا، سېتىۋالغان كىيىملىرىمۇ ھامىلدارلار مەخسۇس كىيىدىغان كىيىم بولىدۇ؛ ماتىريال جەھەتتە ھاۋا ئۆتىشىدىغان، پاسونى كۆركەم كەلگەنلىرىنى تاللايدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، باشقىلار ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەن بەدەن شەكلىگە ياكى چاچلىرى چۇۋۇلۇق ئوبرازىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى قورسىقىغا قاراپ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى بايقىيالايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولغاندا بولسا، ئەسلىدىنلا تۇرمۇش چىقىمى بىرقەدەر چوڭ بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇلار ئارتۇق پۇل خەجلەپ ھامىلدار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى سېتىۋىلىشقا كۆز قىيمايدۇ. بەلكىم بىرىنچى بالىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا كەيگەن كىيىملىرىنى كىيىشى مۇمكىن، ھەتتا ئىرىنىڭ ياكى قېيىنئانىسىنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ ئىشىكتىن چىقىپ كىتىۋىرىشى مۇمكىن.
ھامىيلە تەربىيەسى ئوخشىمايدۇ
    ھازىرقى ھامىلدار ئاياللار ھامىيلە تەربىيەسىگە بەك ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ، بىرىنچى بالىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتىدا، ھامىلدار ئايال بۇرۇنلا ھامىيلە تەربىيەسىنى باشلايدۇ. ئۇلار تورغا چىقىپ موزات ۋە بىتخوۋىننىڭ مۇزىكىلىرىنى چۈشۈرىدۇ، ھەتتا مەخسۇس ھامىيلە تەربىيەسى ئېلىپ  بارىدىغان ئۈن پىلاستىنكىلىرىنى سېتىۋىلىپ، بالىسىنىڭ ياخشى بىر باشلىنىش نوقتىسىغا ئىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىت بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى چوڭ بالسىى تەرپىدىن ئىگەللىۋىلىنىدىغان بولغاچقا، ھامىيلە تەربيەسى ئېلىپ بارىدىغانغا ئاساسەن ۋاقىت چىقمايدۇ. ئىككىچى بالىنىڭ ھامىيلە تەربىيەسى، ئاساسى جەھەتتىن ھامىلدار ئايالنىڭ ۋاقىراش-جاقىراشلىرى ۋە تۇنجى بالىنىڭ يىغلاپ خاپا قىلىشلىرى ئىچىدە ئۆتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号