ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بۇ خىل ئائىلىلەرگە ياتلىق بولسىڭىز ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلالمايسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تويلىشىپ بولغان نۇرغۇن كىشىلەر، ئەينى ۋاقىتتا كاللام قىزىپ قېلىپ، ئىككىمىز ماس كەلسەكلا بولىدۇ، قالغانلىرى مەسىلە ئەمەس دەپ خاتا ئويلاپ قاپتىكەنمەن، ئەمما كىيىنچە ئاندىن بىر ئادەم بىلەن تويلاشماق ئاسان، ئەمما بىر ئۆينى جايىدا تۇتتۇپ، بەخىت ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ بەك تەس ئىكەنلىكىنى بايقىدىم دىيىشىدۇ. چۈنكى، تويلاشقاندىن كىيىنكى ھەر تۈرلۈك چوڭ-كىچىك ئىشلار، راستىنلا توينىڭ ئەسلىدىكى پۇرىقىنى يوقىتىۋىتىدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ياتلىق بولۇپ بارغان ئائىلە ياخشى بولالمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ توي تۇرمۇشىدا ناھايىتى تىزلا سۈپەت ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ. چۈنكى، خاتا ئائىلىگە ياتلىق بولۇپ كىرىپ قالسىڭىز، ئاۋارىچىلىق ھەقىقەتەن بەك كۆپ بولىدۇ، ھەم ئاسانلا ئۇۋالچىلىق تارتىپ قالىسىز. ئاياللار تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئائىلىگە ياتلىق بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ توي تۇرمۇشى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
ئۆزىنىڭ ئائىلە شارائىتى بىلەن زور پەرقلىنىدىغان ئائىلىگە ياتلىق بولسا
    ھازىر گەرچە ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئۇنداق نەسەپ سۈرۈشتۈرىدىغان ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما توي قىلىشتىن ئىلگىرى قارشى تەرەپنىڭ ئائىلە شارائىتغا قاراپ بېقىش، يەنىلا مۇھىم. بۇ پايدا-مەنپەئەت كۆزلىگەنلىك ياكى بايلىق قوغلاشقانلىق ھىسابلانمايدۇ؛ چۈنكى، ئەگەر ئائىلە شارائىتى كۆپ پەرقلەنمەيدىغان ئائىلىنىڭ بالىسىنى تاللىسىڭىز، ئىككى تەرەپنىڭ كىچىكىدىنلا ئۆسۈپ چوڭ بولغان مۇھىتى كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىمۇ كۆپ پەرق بولۇپ كىتىشى ناتايىن بولىدۇ، تېخىمۇ ئاسان ماسلىشىپ چىقىشىپ كىتەلەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئۆزىنىڭ ئائىلە شارائىتى بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ئائىلىگە ياتلىق بولۇپ كىرسىڭىز، ئىقتىسادى جەھەتتە ھېچقايسى تەرەپ زىيان تارتىپ قالغاندەك ياكى قارشى تەرەپ پايدىلىنىۋالغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالمايدۇ ھەمدە ھەر ئىككى تەرەپتە قاملاشمىغان ئارتۇقچىلىق تۇيغۇسى شەكىللەنمەيدۇ، بۇنىڭدا ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يىتىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
   ئەلۋەتتە، بىز بۇيەردە ئاياللار چوقۇم ئۆزىنىڭ ئائىلە شارائىتى بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ئائىلە تېپىپ ياتلىق بولۇڭ دىمەكچى ئەمەس، بەلكى پەقەتلا، ئەگەر پەرق بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، كىيىنكى  مەزگىللەردە كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولغان بەزى مەسىلىلەرنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچى.
پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ئائىلىگە ياتلىق بولسا
    ھازىرقى جەمئىيەتتىكى تويلىشىشتا، ئەر تەرەپ بەزىبىر ماددى شارائىتلارنى تەييار قىلىدۇ؛ مەسىلەن، ئۆي، ماشىنا، تويلۇق دىگەنلەرگە ئوخشاش. بۇ ئەسلىدە نورمال بىر ئىش. بىراق ئىلگىرى بىر ئايالنىڭ سۆز قالدۇرۇپ دىيىشىچە، ئۇ توي قىلغان ۋاقىتتا، ئەر تەرەپتىن بۇ ماددى شارائىتلارنى تەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، ئەر تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن تەييار قىلغان؛ گەرچە ئۇ ۋاقىتتا بولغۇسى ئىرىنىڭ پۇل تېپىش ئىقتىدارى ئۇنچە يۇقىرى بولۇپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانسىى ناھايىتى مەرتلىك بىلەن، ئايالنىڭ تەلىۋىنى تۇلۇق ئورۇندىغان. ئەمما، ئايال توي قىلغاندىن كىيىن، ئرىى بىلەن ئىككىسىنىڭ تۇرمۇشىدا، ھەر جايدا قېيىنئانا-قېيىنئاتىسىنىڭ كۆڭلەگىسىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان؛ قېيىنئانا-قېيىنئاتىسى  بۇنىڭغا قارىتا بولسا، "پەقەت بىرلا ئوغلىمىز بار، شۇڭا ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىمىز" دىگەن چۈشەنچىنى بەرگەن.
   ئۇ ئايال بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، ئاتا-ئانىسى پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋىلىشنىڭ قانچلىك قورقۇنچلۇق ئەھۋال بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ھەمدە ئۆزىنى قېيىنئانا-قېيىنئاتىسىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرۋاتقاندەك، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئەمەس، بەلكى چوڭلار قوشۇلۇپ تۆت ئادەم بىر ئۆيدە تۇرۋاتقاندەك ھىس قىلىپ، كۈنلىرى ئىنتايىن بىئارامچىلىقتا ئۆتكەن. شۇڭلاشقا، ئاياللار پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ئائىلىگە ياتلىق بولۇپ كىرىشتىن ئىھتىيات قىلىشى كىرەك؛ بولمىغاندا، كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا ھەر ۋاقىت چەكلىمىگە ئۇچراپ، بەخىتلىك تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشى تەسكە توختاپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号