ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئەر كىشىنىڭ سىزگە كۆڭلى چۈشكەندىكى ئىپادىلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر بۆلەك مۇھەببەت جەريانىدا، ئەر كىشى بىر ئايال كىشىنىڭ ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئۇنىڭدا كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەر بولىدۇ.
   ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز گەپ-سۆزلىرىدە بۇ ئايال كىشىنىڭ سىماسى كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە قارشى تەرەپنىڭ گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش تۇرىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، ھەتتا بەزىبىر قىلمىشلار ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولىدۇ.
تۆۋەندىكىلەر، ئەر كىشىنىڭ بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىكى ئىپادىلىرى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان ئايال يولداشلار كۆپرەك دىققەت قىلىپ قويۇشى كىرەك.
سىزنىڭ باشقا يات جىنىسلىقلار بىلەن بىرگە تۇرغىنىڭىزنى كۆرسە جىددىلىشىپ كىتىدۇ
    ئەگەر ئەر كىشىنىڭ سىزگە كۆڭلى چۈشكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ سىزنىڭ باشقا بىر ئەر كىشى بىلەن كۈلۈشۈپ ياكى مۇڭدىشىپ تۇرغىنىڭىزنى كۆرسە، ئۇ كۆڭلىدە ئىنتايىن بىئارام بولۇپ جىددىلىشىپ كىتىدۇ. كىيىنچە سىز بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتتا، ئۇ ھەتتا سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلار توغرىسىدا سىزنى چىكىپ بېقىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىن، سىلەرنىڭ پەقەتلا ئادەتتىكى دوستلاردىن ئىكەنلىكىڭلارنى ئاڭلىغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ كۆڭلى تىنىپ، يەنە بۇرۇنقى ھالەتكە قايتىپ كىلىدۇ.
    بۇنداق ئەھۋال، ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى، باشقىلارنىڭ سىزنى قوغلىشىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يىتەرلىك بولمىغاچقا، ئۇ بۇنداق ئەھۋالدا ئىنتايىن جىددىلىشىپ كىتىدۇ.
ھەمىشە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، سىز بىلەن پاراڭلاشقۇسى كىلىپ كىتىدۇ
     ئەگەر ئەر كىشىنىڭ سىزگە كۆڭلى چۈشسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھەمىشە سىز بىلەن پاراڭلاشقۇسى كىلىپلا تۇرىدۇ؛ ئازراق بوش ۋاقىت تاپسىلا، سىزنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى سوراپ، سىزنى تاماق يەپ كىلىشكە ياكى ئايلىنىپ كىلىشكە تەكلىپ قىلىدۇ.
    ئەر كىشى بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ بىرگە تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئايال كىشى بىلەن ئۇچرىشىشقا چىققاندا، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە رازى بولىدۇ ھەم كۆزى قىيىدۇ. ئايال كىشى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەر ئۇچراپ قالسا، پەقەت ئىقتىسادى شارائىتى يار بەرسىلا، سېتىۋىلىپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ خاشل بولغىنىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ ئىنتايىن خوشال بولىدۇ ھەمدە كۆڭلى ئازراق تەسكىن تاپىدۇ.
باشقىلار سىزنىڭ يامان گېپىڭىزنى قىلسا، ئاچچىقى كىلىپ تۇرالماي قالىدۇ
    ئەگەر بىر ئەركىشىنىڭ سىزگە كۆڭلى چۈشۈپ قالسا، باشقا قىزلارنىڭ سىزنىڭ يامان گېپىنى قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالسا، ئۇ ئاچچىقى كىلىپ تۇرالماي قالىدۇ، ھەتتا سىزنىڭ يامان گېپىڭىزنى قىلغانلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلار بىلەن جىدەللىشىشتىن يانمايدۇ.
    بۇ ئەھۋال، ئۇ ئەركىشىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، باشقا ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ سىزنىڭ يامان گېپىڭىزنى قىلىشىنى خالىمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号