ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ھامىلدارلىق يەتتىنچى ئېيىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
     نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمما ھامىلدارلىققا يەتتىنچى ئېيىدا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ئاساسەن تۇراقلىشىپ بولىدۇ، شۇڭا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئالاھىدە ئىشلارمۇ بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنداق، ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيى ھەقىقەتەن مۇھىم، ئەمما ھامىلدارلىق يەتتىنچى ئېيى، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىدىكى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار تۆۋەندىكى تۆت خىل ئۆزگىرىشكە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشى كىرەك، چۈنكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ھامىلدارلىق قورۇقچىلىرى پەيدا بولىدۇ
    ھامىلدارلىق يەتتىنچى ئېيىغا يەتكەن ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى ئاللىبۇرۇن ئىنتايىن يوغىناپ كەتكەن بولىدۇ، ھەمدە بارغانسىرى تېخىمۇ يوغىنايدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايال ئۇچرايدىغان ئېغىرلىق بارغانسىرى ئاشىدىغان بولۇپ، قوساق قىسىمدىكى تىرىسى ئۇچرايدىغان بېسىممۇ ئىنتايىن چوڭ بولۇپ كىتىدۇ ھەمدە قوساق قىسىمدىكى ئىلاستىكىلىق تالا ۋە كوللاگىنلىق تالانىڭ زەخمىگە ئۇچرىشى ياكى ئۈزۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ سەۋەپلىك ھامىلدارلىق قورۇقچىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى ئاياللاردا، ھامىلدارلىق يەتتىنچى ئېيىغا يەتمەي تۇرۇپلا، ھامىلدارلىق قورۇقچىلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ھامىلدارلىق قورۇقچىلىرى ئاساسى جەھەتتىن ھال رەڭ ۋە قىزغۇچ بىنەپشە رەڭدە كىلىدىغان بولۇپ، قارىماققا ئادەمنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرگۈدەك كۆرىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئاياللار ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئادەتتە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىشى، ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق، تىرىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇشى كىرەك ۋە ياكى زەيتۇن يېغى(橄榄油) ئىشلىتىپ قورسىقىنى ئۇۋۇلاپ بىرىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، ھامىلدارلىق قورۇقچىلىرى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
پۇتىنىڭ پەيلىرى تارتىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ
   ئەمىلىيەتتە، ھامىلدارلىق بەشىنچى ئېيىدىن باشلاپ، ھامىلدار ئاياللار پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلايدىغان بولۇپ، ھامىلدارلىق يەتتىنچى ئېيىغا يەتكەندە تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. بۇ ئاساسلىقى، ھامىيلىنىڭ تىز سۈرئەتتە يىتىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكى سەۋەبىدىن بولۇپ، بولۇپمۇ كالتىسيغا بولغان ئىھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ كالتسىي تۇلۇقلىشى يىتەرلىك بولمىسا، ھامىيلە ھامىلدار ئايال بەدىنىدىكى كالتىسي ماددىسىنى سۈمۈرۈپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھامىلدار ئايالدا كالتسىي كەمچىللىك كىلىپ چىقىدۇ. ھامىلدار ئايالدا كالتسىي كەمچىللىك كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ھاياجانلىنىشىنى ئاشۇرۋىتىدىغان بولۇپ، بۇ سەپلىك مۇسكۇللارنىڭ يېغىلىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىپ، پەي تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار كالتسىي تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كىرەك ھەمدە زۈرۈر تېپىلغاندا، بىۋاستە كالتسىي تۇلۇقلاش تابلىتكىسى ئىچىپ بىرىش كىرەك.
قەۋزىيەت كۆرىلىدۇ
    قەۋزىيەت بولسا، ھامىلدار ئاياللارنى بىئارام قىلىدىغان چوڭ بىر مەسىلە؛ بەزى ئاياللار ھەتتا پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەۋزىيەتنىڭ بىئارامچىلىقىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ھامىلدار ئاياللاردا قەۋزىيەت كۆرۈلۈش سەۋەبى بولسا، ئاساسلىقى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىدىغانلىقىدۇر. ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، بالىياتقۇ بارغانسىرى چوڭىيىپ كىتىدۇ ھەمدە ئۈچەي يولىغا قارىتا ناھايىتى چوڭ بېسىم ئېلىپ كىلىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، ھامىلدار ئايالنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ نورمال ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يىتىپ، قەۋزىيەت بارغانسىرى ئېغىرلاپ كىتىدۇ. قەۋزىيەت، نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئەھۋال بولۇپ، ئېغىر بولغاندا، ھامىلدار ئايالنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا قەۋزىيەت كۆرۈلگەن ھامدا، ھامىلدار ئاياللار ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، قەۋزىيەتنى پەسەيتىش ياكى داۋالاشقا تىرىشىشى كىرەك. بۇنىڭدا، سۇنى كۆپرەك ئىچپ، يىرىك ئاشلىق ۋە مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى ساناش
    ئەگەر سىز ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قەرەللىك تەكشۈرۈتۈشنى قىلغۇزغان بولسىڭىز، دوختۇر سىزگە ھامىلدارلىق يەتتىنچى ئېيىدا ھامىيلە مىدىرلىشىنى ساناشنى ئۆگىنىۋىلىشنى تاپىلايدۇ. ھامىلدارلىق بەشىنچى ئېيىدا ھامىيلىدە مىدىرلاش كۆرۈلگەندىن باشلاپ، ھامىلدار ئاياللار ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشى كىرەك؛ چۈنكى، ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش ئەھۋالىدىن، ئۇنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر 12سائەت ئىچىدە، ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانى 100-30ئىچىدە بولسا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى نورمال ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئەنسىرەش كەتمەيدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال ئۇزۇن ۋاقىت ھامىيلىنىڭ مىدىرلىغىنى سىزىپ يىتەلمىسە، ياكى ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانى تۇيۇقسىزلا كۆپىيىپ ياكى ئازىيىپ كەتسە، ئۇنداقتا ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايال ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىشى لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号