ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللار تۇغقاندىن كىيىن بەدىنىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر كۆرىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىر ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورۇنلىرى كۆپىيىپ كەتتى. نۇرغۇنلىغان ياش خانىم-قىزلار گۈزەللىكىنى تولىمى سۈيىدۇ، يەنە تېخى بەدەن شەكلىنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ھەمىشە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش چېنىقىشى ئىشلەيدۇ. بىراق، ئاياللار ھامىلدار بولۇپ بالا تۇغقاندىن كىيىن، ھەرقانچە چېنىقىپ گۈزەللەشتۈرگەن بەدەن شەكلىدىمۇ بەلگىلىك ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە بالا تۇغۇپ ئانا بولغۇچى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىنسان دەيمىز. بالا تۇغقاندىن كىيىن، ئاياللارنىڭ بەدىنىنىڭ بۇ ئۈچ قىسىمىدىكى ئۆزگىرىش، ئۇلارنى ئەڭ بىئارام قىلىدۇ.
ساغرىسى يوغىناپ كىتىدۇ
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلە تەدرىجى ھالدا چوڭىيىپ، بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندىن كىيىن ئانىنىڭ بالىياتقۇسىنى كېرىپ يوغىنىتىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، ھامىلدار ئايال ئۆزىنىڭ بەدەن ھالىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق يۇقارقى ئۆزگىرىشكە بەرداشلىق بىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ؛ تەڭشەشتىن كىيىن، ھامىلدار ئايالنىڭ ساغرىسى، ھامىلدار بولۇشنىڭ ئالدىدىكىگە قارىغاندا چوڭ ھەم ياپىلاق بولۇپ قالىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، بەزىبىر فىزىلوگىيىلىك جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەر بار بولۇپ، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋاقتى-ۋاقتىدا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا ئېشىش كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدار ئايال تۇغقان ۋاقتىدا، ھامىيلىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھامىلدار ئايالنىڭ داس سۆڭىكى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە چوڭ ئېچىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئايال كىشىنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشى ياخشى بولمىسا، ئۇلارنىڭ ساغرا قىسمى، ھامىلدار بولۇشنىڭ ئالدىدىكىگە قارىغاندا كۆپ چوڭ بولۇپ كىتىدۇ.
كۆكسى تۆۋىنىگە ساڭگىلايدۇ
    بۇ خىل ئۆزگىرىشنى، ئاياللار ھەممىدىن بەك قوبۇل قىلالمايدۇ. كۆپ قىسىم ئاياللاردا، بالا تۇغقاندىن كىيىن كۆكسى پەسكە ساڭگىلاپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئادەتتە، يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللارغا نىسبەتەن، بوۋىقىنى ئانا سۈتى بىلەن ئىمىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ ئەمما بالا ئىمىتىشمۇ، ئوخشاشلا ئاياللارنىڭ بەدەن شەكلىگە ئەسلىگە ئەكىلىشكە بولمايدىغان زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ. ئادەتتە بوۋاق ئانىسىنى ئەمگەن ۋاقىتتا، ئەمچەك توپچىسىنى چىشلەپ تارتىدىغنا ئەھۋاللار بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋاللار كۆپ داۋاملاشسا، تەبىئىلا ئانىنىڭ كۆكسىنىڭ پەسكە ساڭگىلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەمچەك ۋە ئەمچەك توپچىسى چوڭىيىپ كىتىدۇ
    بالا ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار، بەزىدە ئەمچىكىدە بىنورماللىق كۆرۈلگەنلىكىنى بايقايدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ، ئەمچەك پەسكە ساڭگىلاپ كىتىشتىن باشقا يەنە، ئەمچەك ۋە ئەمچەك توپچىسى چوڭىيىپ كىتىشتۇر. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يىتەرلىك بولغان ئانا سۈتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئانىنىڭ ئەمچىكى ماس ھالدا يوغىنايدۇ. بوۋاق ئانىسىنى ئەمگەن ۋاقىتتا، بالىنىڭ ئىمىشى، قارا رەڭ ماددىلىرىنىڭ ئەمچەك توپىچىسى ئەتراپىغا يېغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، ئەمچەك توپچىسى رەڭگى تەدرىجى چوڭقۇرلاپ كىتىدۇ ھەمدە ئەتراپقا قاراپ كېڭىيىدۇ؛ بىراق خوشال بولۇشقا تىگىشلىكى شۇكى، بالا ئانا سۈتىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، يېغىلىپ قالغان رەڭ ماددىلىرى تەدرىجى يوقاپ، ئەمچەك ئەسلىدىكىدەك ھالەتكە قايتىدۇ.
     يۇقارقى ئۈچ خىل ئۆزگىرىشنى،  بالا تۇغۇپ باققان ئاياللارنىڭ ئاساسەن ھەممىسى دىگۈدەك باشتىن كەچۈرۈپ باققان. بىراق ئانىلار شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقى كىرەككى، بەدەن شەكلىگە بولغان كونتىروللىقنى تۇغۇتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماي، قەتئى ئىرادە بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشنى بوشاشتۇرماي داۋاملاشتۇرغاندا، يۇقاردا تىلغا ئالغان ئۈچ خىل ئۆزگىرىشنىمۇ ياخشىلىغىلى، ھەتتا پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا بەدەن شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئانىلار زىيادە بىئارام بولۇپ كەتمەي، ئەمىلىي ھەرىكەت قىلىش كۈچىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىڭىز، يۇقارقى ئۈچ خىل ئۆزگىرىش ھېچقانچىلىك مەسىلە بولالمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号