ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
      سىز ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى بىلەمسىز؟
     بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئاياللار بولسا، ئەرلەرگە ئىچ ئاغرىتىپ، ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيلا قالماي، يەنە تېخى ئەرلەرگە ئۆزىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ بىرىدۇ.
     ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدىغان بۇ ئاياللار، بۇنداق قىلسام ئەركىشىگە كۆيىنىدىغانلىقىمنى ۋە چىن كۆڭلۈمدىن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلىيالايمەن، بۇنىڭدا ئۇ ماڭا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق ئەمىلىيەتتە، بۇنداق ئاياللار قەدىرلەشكە ئىرىشەلمەيلا قالماستىن، كۆپىنچە ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ.
     بۇنداق ئاياللارنىڭ ئۇچراپ قالىدىغىنى، ياكى شەخسىيەتچى پىخسىق، ھەتتا ئۇنىڭ پۇلىنى ئالدايدىغان ئەركىشى بولىدۇ؛ ياكى بولمىسا، ئۇلار ياخشى كۆرۈپ قالغان ئەرلەر، مەلۇم بىر كۈنى ئىنتايىن ئاسان ھالدا ئۇلاردىن ئايرىلىپ كىتىپ قالىدۇ.
    شەخسىيەتچى پىخسىق ئەرلەر، بۇنداق ئاياللارغا ئامراق بولۇپ، ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپلا، ئوغۇل دوست ئىگە بولۇشقا تىگىشلىك بارلىق ئىمتىيازلاردىن بەھىرلىنەلەيدۇ. ئەمما ئىشەنچىلىك كەلگەن ئەرلەر بولسا، ئەگەر ئايال كىشى ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن ئىنىق ھىساب كىتاپ قىلىمەن دىسە، ئۇلار ئاياللارنى مىنى ئۆز كۆرمەپتۇ دەپ قاراپ، غۇرورىغا تىگىدۇ.
     ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن ئەرلەردە ئازدۇر كۆپتۇر چوڭ ئەرلىك ئىدىيىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئايال كىشى ئۇلارنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى خالىمىسا، ئۇلار بۇ ئايال كىشىنى ئىش ئۇقىدىغان ئايالكەن دىمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇ مىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
    بىر ئايال كىشىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەر كىشى، ئۇ ھەمىشە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشى ئۈچۈن پۇل خەجلەشتىن خۇشاللىق ھىس قىلىدۇ؛ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئۇ ئايال كىشىنىڭ تايانچىسىدەك ھىس قىلىدۇ ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىگە بولغان بىر خىل جەزىملەشتۈرۈش دەپ بىلىدۇ.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر بۆلەك مۇھەببەت جەريانىدا، ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا، ئەرلەرنىڭ ئايال كىشى ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدەللىرى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، ئەرلەر ئايال كىشىدىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغاندا، قىلچىلىك ئىككىلىنىپ قالمايدۇ.
    چۈنكى، ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار بىر ئايال كىشىگە قارىتا تۆلىگەن بەدەللىرى قانچىكى كۆپ بولغانسىرى، ئۇلارنىڭ بۇ ئايال كىشىدىن ئايرىلىپ كىتىشكە شۇنچە كۆزى قىيمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ مۇشۇنداقلا بىكار كىتىشىگە چىدىمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆزى ھېچقانداق بەدەل تۆلىمىگەن ئايال كىشىگە قارىتا ئاسانلىقچە ئايرىلىپ كىتەلەيدۇ.
    شۇڭلاشقا، ئاياللار ھەرقانچە ئىقتىدارلىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنى بېقىپ ئاشقىچىلىك پۇلى بار بولسىمۇ، يەنىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى بىلىشى كىرەك. ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۆزىنىڭ پۇلىنى خەجلەش مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسى، ئەر كىشىنىڭ پۇلىنى خەجلەش بولسا بەخىت تۇيغۇسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
     ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلىگەن ۋاقتىڭىزدا، سىز ئەرلەرنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى ھىس قىلىپ يىتىسىز. ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلىسىڭىز، ئەرلەرگە قانائەت تۇيغۇسى ھىس قىلدۇرالايسىز.
ئەلۋەتتە، ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلىسىڭىز بولىدۇ، ئەمما قالايمىقان خەجلەشكە بولمايدۇ؛ ئەڭ ياخشىسى، خەجلەشكە تىگىشلىك بولغان جايلاردا خەجلەش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号