ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئەرلەرنىڭ ئىزچىل قەدىرلىشىگە ئىرىشكەن ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
    ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەر كىشى تەرەپىدىن بىر ئۆمۈر قەدىرلىنىپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئايال كىشى بولمىسا كىرەك. ئۇنداقتا، زادى قانداق ئاياللار، ئەرلەرنىڭ ئىزچىل تۈردە قەدىرلىشىگە ئىرىشەلەيدۇ؟ نىمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ مۇھەببىتىنى تۇلۇق بېغىشلىغان ئاياللار، ئاخىرى بېرىپ ھەممىدىن قۇرۇق قالىدىغان ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟ راستىنلا، خاتا ئادەمگە ئۇچراپ قالغانلىق سەۋەبىدىنلا شۇنداق بولامدۇ؟
    مۇھەببەت يەككە تەرەپلىمىلىك بولمايدۇ؛ كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن مۇھەببەت بېغىشلاشقا تايىنىپ، قارشى تەرەپنى تەسىرلەندۈرىمەن ۋە ئۇنىڭ قەدىرلىشىنى قولغا كەلتۈرىمەن دىگىلى بولمايدۇ؛ ياخشى كۆرۈش ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما قايسى ئۇسۇلدا ياخشى كۆرۈشنى بىلىش تېخىمۇ مۇھىم.
     دوستۇم سۇڭ شىن، ماڭا تېلفون قىلىپ، ئۆزى 6يىل ياخشى كۆرگەن ئەركىشىنى تىللاپ بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدىغان قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن؛ ئەگەر بىر بۆلەك مۇھەببەت جەريانىدا شۇنچە بەدەللەرنى تۆلەپ، ئاخىرىدا رەھىمسىزلەرچە تاشلىنىپ قېلىش ئاقىۋىتىگە قالسا، ھەرقانداق ئادەم ئازاپلانماي قالمايدۇ.
     بىراق، ئەمىلىيەت بېشىمىزغا كەلگەن ۋاقىتتا، بىز پەقەت ئۇنىڭغا بەرداشلىق بىرىش ۋە ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايمىز؛ ئاغرىنغاننىڭ پايدىسى يوق، ھەممىدە ئۆزىمىزگە تايانماي بولمايدۇ.
    دوستۇم سۇڭ شىننىڭ ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ خاتالىقى، بېقىنىشنى تايىنىش ئورنىدا كۈرىۋالغانلىقىدۇر. تايىنىش قانداق بولىدۇ؟ تايىنىش بولسا بىر خىل ھەمرا بولۇش، بىر خىل روھى جەھەتتىكى قوللاش ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بىراق بېقىنىۋىلىشچۇ؟ ئۇ مۇتلەق ھالەتتە بويسۇنۇش ۋە بېقىنىشنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، سىز قانداقمۇ ئۆزمەننى ۋە غۇرورىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز؟
     بۇندىن باشقا يەنە، سۇڭ شىن ئەزەلدىن ئىرىگە كىرزىس تۇيغۇسى پەيدا قىلىشنى بىلمەيدۇ.
    ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىن، سۇڭ شىن "پۈتۈن ۋەزىپىلىك ئائىلە ئايالى" بولۇشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر ئەر كىشىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئارقا تەرەپنى ياخشى باشقۇرۇشۇپ بىرىشى، ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەسلىكى ھەم دىققىتىنى چاچماسلىقى، كەينىدىن ئۇنىڭغا ئىللىق بىر مۇھىت يارىتىپ بىرىشى كىرەك ئىكەن؛ شۇڭا ئۇ بۇ تەرىقىدە نەچچە يىلنى ئۆتكۈزۈپ، باشقا چوڭ بىر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىدى.
     شۇنىڭ بىلەن، ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى؛ ئۇنىڭ ئىرى سۇڭ شىننىڭ ياخشى بارلىق ياخشىلىقلىرىغا تەدرىجى ھالدا ئادەتلىنىپ قالدى، ئەمما مىننەتدار بولۇشنى ئۇنتۇپ قالدى.

-2-
    توي قىلىشتىن ئىلگىرى، سۇڭ شىننىڭ تۈزۈك دوستلىرى يوق ئىدى، پەقەت ئىككى ئۈچ مۇناسىۋىتى ياخشى دوستلىرىلا بار بولۇپ، توي قىلغاندىن كىيىن، بۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ تەدرىجى ئازىيىپ، مۇناسىۋىتىمۇ بۇرۇنقىدىن سۇسلىشىپ قالدى. ئۇنىڭ تۇرمۇشنىڭ مەركىزى نوقتىسى، ئائىلە، بالا ۋە ئىرى ئىدى.
     بىراق، سۇڭ شىن ئىرىنىڭ ئالدىدا، خۇددى كۆزگە كۈرۈنمەيدىغان بىر خىل مەۋجۇداتقا ئوخشاش، جەلىپكارلىقى يوقىغان، ئىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىزدىنىش ئىستىكىنى قوزغىيالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
    ئەمما سۇڭ شىننىڭ ئىرىگە قارايدىغان بولساق، توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇ گەرچە ھەر كۈنى جاپالىق ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئۆينى بېقىش بىلەن ئالدىراش ئۆتكەن. ئىشلەپ پۇل تېپىش گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىزچىل تۈردە دەرۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مېڭىپ كەلگەن بولۇپ، ھەركۈنى ئوخشىمىغان ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەرخىل تۈردىكى ئاياللارنى ئۇچرىتىپ باققان.
     ئۇ ئاياللارنىڭ كەينىدە نۇرغۇن قوغلىشىدىغانلار بار بولغاچقا، بۇ ئەھۋال، سۇڭ شىننىڭ ئىرىگە ئۇ ئاياللارنى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر قىلىپ كۆرسەتكەن.
    سۇڭ شىننىڭ ئىرى ھەمىشە سىرتتىكى ئاياللارنى مىسال ئېلىپ، سۇڭ شىننى سېلىشتۇرىدىغان بولىۋالغان بولۇپ، شۈبھىسىزكى، ئاخىرى بېرىپ يىڭىلىپ قالىدىغىنى چوقۇم سۇڭ شىن ئىدى. سۇڭ شىن ئەلۋەتتە ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى يوق ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ ئىرىنىڭ نەزىرىدە ئاللىقاچان ئالاھىدىلىك ھىسابلانمايدىغان بولۇپ قالغان. ئادەتلىنىپ قېلىش، ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ئىش؛ چۈنكى ئادەتلىنىپ قېلىش ئاخىرى بېرىپ تەبىئى ئەھۋالغا ئايلىنىپ كىتىدۇ.
     بولۇپمۇ سۇڭ شىننىڭ بېقىنىشى، ئۇنىڭ ئىرىگە سۇڭ شىننى پۈتۈنلەي ئالقىنىغا ئېلىپ بولغاندەك تۇيغۇ بىرىپ، سۇڭ شىننى بۇ ئۆمرىدە مەندىن ئايرىلىپ كىتەلمەيدۇ دىگەن ئويغا ئەكىلىپ قويغان ئىدى.
    ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ؛ سىز مەڭگۈ يوقىتىپ قويمايدىغان بىر نەرسىگە نىسبەتەن، سىز يەنە ئۇنى قەدىرلەمسىز؟ ئىشىنىمەنكى، بۇنىڭ جاۋابى چوقۇم بىر خىل چىقىدۇ. بۇ دۇنيادىكى قەدىرلەشنىڭ ھەممىسى، يوقتىپ قويۇشتىن قورققانلىقتىن كىلىدۇ؛ ئەگەر يوقىتىپ قويۇشتىن قورقمايدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا قايتا قەدىرلەشمۇ بولمايدۇ.

-3-
    شۇڭا، ئەرلەرگە كىرزىس تۇيغۇسى بىرىشنى ئۆگىنىش كىرەك، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇنداق ئاياللار، ھەقىقى تۈردىكى ھىسىي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئايال كىشى ھىسابلىنىدۇ. قارشى تەرەپكە كىرزىس ھىس قىلدۇرسىڭىز، ئۇ ئاندىن سىزنى قەدىرلەيدۇ، سىزنىڭ مۇھىملىقىڭىزنى تۇنۇپ يىتىدۇ؛ ئۇ ئاندىن ئىھتىياتچانلىق بىلەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ، ئازراق دىققەت قىلمىسىلا سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئۆتىدۇ.
     ئەرلەرنىڭ ئىزچىل تۈردە قەدىرلىشىگە ئىرىشىپ كەلگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسى، مۇشۇ نوقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ.
    ئەر-خوتۇنلار تۇرمۇشىدا، كىرزىس بولماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ كىرزىستۇر؛ سىز ئەگەر قارشى تەرەپكە كىرزىس تۇيغۇسى بىرەلمىسڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كىرزىسىڭىز تىزلا يىتىپ كىلىدۇ. ئاياللار، ئەرلەر تەرپىدىن كىرزىس تۇيغۇسى تېپىۋالماي، ئەكسىچە ئەرلەرگە كىرزىس تۇيغۇسى ھىس قىلدۇرۇپ ياشىشى كىرەك.
     ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتتۇر؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەم ئەڭ ئىشەنچىسىز مۇناسىۋەتتۇر. ئاياللار پەقەت ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز تۈردە كۈچلەندۈرۈپ ئۆتكەندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى ۋە ئائىلىسىنى قوغداپ قېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号