ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بۇ نەچچە خىل تۈردىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئاسان بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزى تەبىئى تۇغۇشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇغۇش تىز ياكى ئاستىلىق پەرقى بولىدۇ؛ بەزى ھامىلدار ئاياللار بىر كىچە كۈندۈزدىمۇ تۇغۇپ بولالمايدۇ، بەزى ھامىلدار ئاياللار بولسا، تولغاق تۇتقاندىن باشلاپ بالا تۇغۇلۇپ بولغۇچە بىر سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت كىتىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، ئاياللارنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاسان ياكى قىيىن(تىز ياكى ئاستا) بولۇشى، نۇرغۇنلىغان ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر كۆپچىلىك ئالدىنئالا بۇ ھەقتە چۈشەنچە ھاسىل قىلىۋالسا، تۇغۇتتا ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىقى بار بولىدۇ. ئادەتتە، تۆۋەندىكى نەچچە خىل ئەھۋالغا ماس كىلىدىغان ھامىلدار ئاياللار ئىنتايىن تۇغۇتى ناھايىتى تىز (ئاسان) بولىدۇ.
تۇغۇتى ساغلام، ماغدۇرى يىتەرلىك بولغان ھامىلدار ئاياللار
   بالا تۇغۇش، ھامىلدار ئايالنىڭ پىسخىلىق ساپاسىنى سىناپلا قالماي، ئۇ يەنە كۈچ سەرپ قىلىدىغان بىر ئىش. تۇغۇت ۋاقتىدا، ئاياللارنىڭ كۈچىيەلىشى ياكى كۈچىيەلمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكى بەدىنىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىگە باغلىق بولىدۇ؛ ئەگەر بەدىنى ساغلام بولسا، تۇغۇتتا خەتەر يۈز بىرىش نىسبىتى كىچىك بولۇپلا قالماي، تۇغۇت مەزگىلىدە كۈچى يىتەرلىك بولۇپ، ياخشى كۈچىيەلەيدۇ.
    بۇنداق ھامىلدار ئاياللارنى دوختۇرلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇلار پەقەت دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاڭلاپ، كۈچەشكە تىگىشلىك بولغاندا كۈچەپ بەرسە، تۇغۇت ئىنتايىن ئاسانلىشىپ، بالىنى تىزلا تۇغالايدۇ.
تۇغۇت يېشى مۇۋاپىق، ھامىيلە ئورنى ئوڭ كەلگەن ھامىلدار ئاياللار
   ئادەتتە، 30-23ياش ئارىلىقى، ئەڭ ياخشى ھىسابلىنىدىغان كۆپىيىش ياش مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ بەدەن ساپاسى ياخشى، تۇغۇت يولى شارائىتىمۇ نىسبەتەن ياخشى كىلىدۇ، سوزۇلۇپ كىرىلىشىمۇ ياخشى بولىدۇ، شۇڭا تۇغۇت ئاسانغا توختايدۇ(تۇغۇت ۋاقتى قىسىقا بولىدۇ). بۇندىن باشقا، ھامىيلىنىڭ ئوڭ كىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم بولۇپ، بۇ ئاياللار ئۆزى تەبىئى تۇغۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.
    ھامىيلە ئوڭ كەلگەندە، بوۋاقنىڭ بېشى پەسكە قارىغان بولۇپ، بالىياتقۇ ئېغىزىدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، ھامىيلىنىڭ بەدىنى ئاۋال كىچىك قىسىمدىن باشلاپ چوڭ قىسىمغا قاراپ چىقسا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ، بۇنىڭدا تۇغۇتمۇ ئاسانلىشىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ھامىيلە تەتۈر كىلىپ قالسا، ئەڭ ياخشىسى ئۆزى تۇغۇشنى تاللىمىغان ياخشى.
قوساقتىكى باش سۈيى مىقدارى نورمال بولغان ھامىلدار ئاياللار
   نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار تۇغۇتى قىستاشنىڭ ئالدىدا ئاۋال باش سۈيى تىشلىدۇ؛ ئەمما باش سۈيى تىشىلگەندىن كىيىن، ھامىيلىنىڭ تۇغۇلۇشىغا يەنە ئازراق ۋاقتى بار بولىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايالنىڭ باش سۈيى نورمال بولسا، ھامىلدارنىڭ تۇغۇلىشىغا قارىتا سىلىقلاش رولى ئويناپ، تۇغۇت جەريانىنى قىسقارتىپ، تۇغۇت تېخىمۇ ئاسانغا توختايدۇ.
ھامىيلىنىڭ ئېغىرلىقى نىسبەتەن يىنىكرەك بولغان ھامىلدار ئاياللار
    تۇغۇتنىڭ ئاسان ياكى قىيىن (تىز ياكى ئاستا تۇغۇش) بولۇشىدا، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ بەدەن شارائىتىدىن باشقا، يەنە بىر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل، ھامىيلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدۇر. ئەگەر ھامىيلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولسا، داس سۆڭەكتىكى ئەڭ تار بولغان ئارلىقتىن ئۆتمىكى تەسكە توختاپ، قىيىن تۇغۇت بولۇپ قېلىش خەۋپى تۇغىلىدۇ. شۇڭا ئادەتتە بۇنداق ئەھۋالدا، ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغۇشقا ماس كىلىدۇ. ئەكسىچە، ھامىيلە بەدەن ئېغىرلىقى نىسبەتەن يىنىكرەك، ھامىيلىنىڭ جۇغى كىچىكرەك بولغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئاسان بولىدۇ ھەمدە تۇغۇت جەريانىمۇ ئۇزۇن بولۇپ كەتمەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号