ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەگەر سىز بىر ئايال كىشىنىڭ چاچلىرى مايلىشىپ كەتكەن، ئىشتىھاسى يوق، كەيپىياتى خامۇش ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا كۆپىنچە ئۇنىڭ "ئايلىق تۇققىنى" كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن خانىم-قىزلارغا نىسبەتەن، ھەيىز مەزگىلى بىر قاباھەتلىك چۈشكە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئەڭ يامان بولغىنى، ئۇلار ھەرئايدا بىر بۇ قاباھەتلىك چۈشنى كۆرمەي ئامالى يوق.
    ھەيىز مەزگىلىدە، ئاياللار تۆۋەندىكى ئىشلار بىلەن ئاز شۇغۇللىنىشى كىرەك؛ بولمىغاندا، تەن سالامەتلىككە زىيان يىتىپ قالىدۇ.
قاتتىق ھەرىكەت قىلىش ۋە ئېغىر ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش
    ھەيىز مەزگىلىدە، ئاياللارنىڭ زىھنى، بەدەن كۈچى، كىسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ھەممىسى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئاياللار يۈگرەش، سەكرەش قاتارلىق قاتتىق ھەرىكەت قىلىش تۈرلىرى ۋە ئېغىر جىسمانى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، بەل-قوساق ئاغرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەيىز مىقدارىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سۇغۇق يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئسىتىمال قىلىش
   ھەيىز مەزگىلىدە سۇغۇق يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئسىتىمال قىلغاندا، ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھەيىز مەزگىلىدە، ئاياللارنىڭ ئىسسىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىش كىرەك.
بەك تۇزلۇق تاماق يىيىش
    ھەيىزنىڭ دەسلەپكى باشلىنىش مەزگىلىدە، بەدەندە بەلگىلىك مىقداردا سۇلۇق ناترى قېلىش ئارقىلىق، ئايال كىشىنىڭ ھەيىزدە قان كىتىش سەۋەبىدىن بەك كۆپ سۇيۇقلۇق خوراپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋالدا يەنە تۇزلۇق يىمەكلىكلەرنى كۆپ يىسەك، بەدەندە سۇلۇق ناترى ۋە يېغىلما گازنىڭ مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باش ئاغرىش، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
ھاراق ئىچىش
    ھەيىز مەزگىلىدە، ھاراق ۋە ئىسپىرت تەركىبلىك ئىچىملىكلەردىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش كىرەك. ئىسپىرت، قان تۇمۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى تىزلەشتۈرىدۇ. بولۇپمۇ، ھەيىز مەزگىلىدە قان چىقىپ كىتىش مىقدارى نىسبەتەن كۆپ ياكى ھەيىز مەزگىلى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغانلار، ئەگەر ھەيىز مەزگىلىدە ھاراق ئىچسە، چوڭ قان كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
سۇ ئۈزۈش ۋە ۋاننىغا چىلىنىپ يۇيۇنۇش
   ھەيىز مەزگىلىدە بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى ئازراق ئېچىلىش ئارقىلىق، ھەيىز مەزگىلىدىكى بۇزۇق قاننىڭ ئېقىپ چىقىپ كىتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئەگەر سۇ ئۈزسەك ياكى ۋاننىغا چىلىنىپ يۇيۇنساق، باكتىرىيە ئاسانلا بالىياتقۇ ئىچكى بوشلۇقىغا كىرىۋىلىپ، ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چىش تارتقۇزۇش ۋە ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش
    ھەيىز مەزگىلىدە، قان ئۇيۇشۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ؛ بۇ مەزگىلدە چىش تارتقۇزساق ياكى ئوپراتسىيە قىلدۇرساق، قان چىقىپ كىتىش كۆرۈلۈپ، جاراھەت ئېغىزى ئاسان ساقايمايدۇ. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا چىش تارتقۇزۇش ياكى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقا توغرا كەلسە، دوختۇر بىلەن پىكىرلىشىش كىرەك.
يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىش
    ھەيىز مەزگىلىدە ئاۋاز بەلبىغىغا قان تولۇپ ئىششىپ، ئاسان چارچاپ قالىدۇ؛ بۇ مەزگىلدە ئەگەر يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىساق ياكى ناخشا ئېيتساق، ئاۋاز پۈتۈپ قالىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ؛ ئەھۋال ئېغىر بولغاندا ھەتتا، ساقايماس زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号