ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
كەچلىك تىرە ئاسراش ئېلىپ بېرىش تەرتىپلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تىرىگە ئاسراش ئېلىپ بارىدۇ، ئۇنداقتا سىز توغرا بولغان تىرە ئاسراش تەرتىپىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە، كەچلىك تىرە ئاسراش ئېلىپ بېرىش تەرتىپى ھەققىدە مۇلاھىز يۈرگۈزۈپ باقايلى؛ چۈنكى، توغرا بولغان ئۇسۇل ۋە تەرتىپ، تىرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرالايدۇ.
-1-
   كەچلىكى تىرىگە قارىتا ئاسراش ئېلىپ بېرىشتا، ئەڭ مۇھىم بولغان بىرىنچى قەدەم، قىلغان گىرىمىمىزنى يۇيۇپ چىقىرۋىتىشتۇر؛ پەقەت گىرىمنى پاك-پاكىزە يۇۋەتكەندىلا، ئاندىن تىرە ئاسراش تەرتىپلىرىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.  گىرىمنى يۇيۇپ چىقىرىۋىتىش ئۇسۇلىمىزمۇ توغرا، ھەرىكىتمىز يىنىك بولۇشى كىرەك؛ بولمىغاندا، تىرىنى بەك كۈچەپ تارتىپ سالساق، ئىنچىكە قورۇقچىلار شەكىللىنىپ قالىدۇ.

-2-
   گىرىمنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن، يۈزىمىزنى پاكىزە تازىلايمىز؛ بۇنىڭدا، يۈزىمىزدە چالا قالغان گىرىملار بولۇپ قالسا چىقىرۋىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر گىرىمىمىز پاكىزە چىقىپ كەتمىسە، كەينىدە ئىشلىتىدىغان تىرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى تىرىمىزگە سىڭىشەلمەيدۇ، ھەتتا تىرىدە قارا رەڭ ماددىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
-3-
    بۇ يەردە تۇلۇقلاپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بىر ئىش، يۈزىمىزنى تازىلىغان ۋاقىتتا، يۈز تازىلاش ئەسۋابى ئىشلەتسەك بولىدۇ؛ ئادەتتە بۇنى كۈندە ئىشلىتىش ھاجەتسىز، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.
-4-
    يۈزىمىزنى تازىلاپ بولغاندىن كىيىن، تىرە ئاسراش تەرتىپىنى رەسمى تۈردە باشلىساق بولىدۇ. ئادەتتە بۇنىڭ ئالدىدا، يۈزىمىزگە ئاۋال سۇ تۇلۇقلاش نەملىك ساقلاش يۈز چاپلىقى چاپلىۋالساق بولىدۇ؛ بۇنىمۇ كۈندە چاپلاش كەتمەيدۇ، ھەپتىسىگە ئۈچ قېتىم چاپلىساقلا بولىدۇ.
-5-
   چاپلاقنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن، يۈزىمىزنى يۇۋىتىشىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەك. چۈنكى، 20مىنۇت ئەتراپىدىكى سۇ تۇلۇقلاش جەريانىدا، تىرىمىز تويۇنغان ھالەتكە يىتىپ قالىدۇ؛ ئەگەر بۇ ئەھۋالدا، چاپلاقتىن يۈزىمىزگە يۇققان جەۋھەر سۇيۇقلۇقى داۋاملىق يۈز قىسىمىمىزدا قېلىپ قالسا، بىزنىڭ تىرىمىزگە بېسىم شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، چوقۇم ئاۋال يۈزىمىزنى بىر قېتىم يۇۋەتكەندىن كىيىن، ئاندىن كەچلىك تىرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى سۈرۈشنى باشلىماق كىرەك.
-6-
     تىرىگە ئاسراش قىلىشنى باشلاش. ئاسراش سۇيۇقلۇقىنى ئالقىنىمىزغا ئازراق تۆكۈپ، كەينىدىن ئالقىنىمىز بىلەن يۈزىمىزنى يىنىك ئۇرۇپ، سۇيۇقلۇقنى يۈزىمىزگە يۇقتۇرىمىز.
-7-
    كەينىدىن كۆز مەلھىمى سۇۋايمىز. ئادەتتە، 20ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن كۆز مەلھىمى ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ بۇ، كۆز ئەتراپىدىكى قورۇقچىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆز ئەتراپى قورۇقچىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆز مەلھىمىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئاندىن ئۈنۈمى كۆرىلىدۇ. كۆز مەلھىمى سۈرىگەندە، ئۇسۇلغا ۋە  قولىمىزنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يىنىك بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك؛ بولمىغاندا، ھەرىكىتىمىز قاتتىق بولۇپ كەتسە، ئەكسىچە قورۇقچىلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قويىشىمىز مۇمكىن.

-8-
     ماي سۇۋاش(涂抹乳液). ئالقىنىمىزغا تەڭگە چوڭلۇقىدا ماي سىقىپ ئالغاندىن كىيىن، ئىككى ئالقىنىمىزنى ئۆزئارا ئۇۋۇلاپ قىزىتقاندىن كىيىن، يۈزىمىزگە تەكشى سۇۋاپ چىقىمىز. ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتىپ سۇۋاپ بەرسەك، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
-9-
     ئاخىرىدا، سۇ تەركىبىنىڭ ئېقىپ كىتىشىنى توسايدىغان نەملىك ساقلاش مەلھىمى ئىشلىتىمىز. مەلھەمنى يۈزىمىزدىكى بىر نەچچە نوقتىغا ئازراق يۇقۇتقاندىن كىيىن، بارماقلىرىمىزنىڭ ئۇچىدا ئاستا-ئاستا پۈتۈن يۈزى قىسمىمىزغا تەكشى تارىتىپ چىقىمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号