ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئەقىللىق ئاياللارنىڭ مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىشتىكى پىرىنسىپلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   مەيلى تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ياكى ئىجتىمائى ئالاقىدىكى ئادىمىيلىكتە بولسۇن، ھەممىسىدە نۇرغۇنلىغان قائىدە پىرىنسىپلار بار؛ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئېغىزىدىن چىقارمىغان بىلەن، كۆڭلىدە بۇ نوقتىنى ئىنىق چۈشىنىدۇ. بىر ئادەم ئەگەر مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىشتىكى بۇ قائىدە-پىرىنسىپلارنى پىششىق ئىگەللىيەلىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى بارغانسىرى كېڭىيىپ، تېخىمۇ بەك ئالقىشقا ئىرىشىدىغان بولىدۇ.
   ئەكسىچە، بۇ قائىدە-پىرىنسىپلارنى تۇنۇپ يەتمىگەن ياكى تۇنۇپ يەتسىمۇ ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى بارغانسىرى ناچارلىشىپلا قالماي، يەنە تېخى ئاسانلا باشقىلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويىدۇ. ھىسى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئاياللار، ئادەتتە تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىشتىكى قائىدە-پىرىنسىپلارنى ئىنىق چۈشىنىپ يەتكەن بولىدۇ.
ئالاقىسىز ئىشلارنى چېتىۋالماي، مەسىلىلەرنى يۇمۇرىستىك تۈستە بىتەرەپ قىلىش
    ئەگەر بىر ئادەم خاتا ئىش قىلىپ قويسا، كەيپىيات ئارىلاشقان ئۇسۇلدا ئەيىبلىمەسلىك كىرەك؛ بولۇپمۇ، ئالاقىسىز ئىشلارنى چېتىۋالماي دەل مەسىلىنىڭ ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشتىن ۋە باشقىلارنىڭ ئادىمىيلىكى، خارەكتىرى، ئائىلە تەربىيىسى دىگەنلەرگە باھا بىرىشتىن ساقلانماق لازىم. تەنقىدى تەربىيە ئىشلىگەندە، ھەل قىلغۇچ خارەكتىرلىك بىتەرەپ قىلىش لاھىيەسى ئوتتۇرىغا قويالىسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
    تەنقىدى تەربىيە ئىشلىگەندە، قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جەزىملەشتۈرۈشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەك. ئەگەر تەنقىدى تەربىيە ئىشلەش جەريانىدا ئازراق يۇمىرىستىك تۇيغۇ ئېلىپ كىلەلىسە، قارشى تەرەپنىڭ ئاسانلا قوبۇل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سەلبى ئۈنۈمنى پەسەيتىشكە بولىدۇ.
مۇنەۋۋەر كىشىلەر بىلەن كۆپرەك ئارىلاشسىڭىز، سىزمۇ تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولۇپ كىتىسىز
    ئىلمى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ھەمىشە سېمىز ئادەم بىلەن بىرگە تۇرىدىغان كىشىلەر، ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمىگەن ئاساستا بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كىتىدىكەن. ئەگەر سىز ھەمىشە ئۆزىڭىزگە يەتمەيدىغان ئادەملەر بىلەن بىرگە تۇرسىڭىز، سىز بارغانسىرى ناچار بولۇپ كىتىسىز؛ ئەمما ئەگەر ھەمىشە مۇنەۋۋەر كىشىلەر بىلەن بىرگە بولسىڭىز، سىز بارغانسىرى مۇنەۋۋەر بولۇپ كىتىسىز. كىشىلەر ئادەتتە بۇنى چەمبىرەك دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بۇ چەمبىرەك ئىچىدە تۇتقان دوستلىرى، كىشىلىك مۇناسىۋىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
ھەقىقى تۈردىكى ئۆزىڭىز بولۇپ ئۆتسىڭىزلا بولغىنى، تۇلۇق مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش ھاجەتسىز
    بېيجىڭ داشۆسىدىكى "ئەڭ گۈزەل" ئايال پىروففىسور چىن گو ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: "سىز ھەرقانچە ياخشى بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلار بار، ياخشى كۆرمەيدىغانلارمۇ بار بولىدۇ؛ سىزنىڭ ھەممە ئادەمنى رازى قىلالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ھەقىقى تۈردىكى ئۆزىڭىز بولۇپلا ئۆتكىنىڭىز ياخشى."
    شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ ھەممە ئادەمنى خۇشال قىلىمەن دەپ يۈرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ مىنى ياخشى كۆرمىسە، ھېچقىسى يوق؛ مەن نىمىشقا ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، ئۇ مىنى ياخشى كۆرسىكەن دەپ كىتىمەن؟ ھەقىقى تۈردىكى ئۆزىمىز بولۇپ ئۆتسەك ئەڭ ياخشى؛ بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان كىشىلەرنى ۋە بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنى رازى قىلالىساق، يەنى كۆپ قىسىم كىشىلەرنى رازى قىلالىساقلا بولىدۇ.
باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىش ياكى باشقىلارغا ياردەم بىرىش جەريانىدا، بەلگىلىك چېكى بار بولۇشى لازىم
    ئەگەر سىز باشقىلارغا ياردەم بەرگەن بولسىڭىز، شەرتسىز ھالدا چېكى يوق ياردەم بەرسىڭىز، سىزنىڭ ياردىمىڭىز ۋە تۆلىگەن بەدىلىڭىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ بىراق، قارشى تەرەپنىڭ سىزدىن خۇشال بولۇشى ناتايىن، قارشى تەرەپ ئەكسىچە بۇنى، سىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىڭىز دەپ قاراپ قېلىشى مۇمكىن. سىز باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئىرىشكەن ۋاقىتتا بولسا، بىزمۇ توختىماي ياردەم تەلەپ قىلىۋەرسەك بولمايدۇ؛ باشقىلارنىڭ بىزگە ياردەم قىلىشى بىزگە يۈز قىلغىنى، ياردەم قىلماسلىقى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى. ھېچكىم ھېچكىمگە قەرز ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى باراۋەر.
مۇھەببەت نەپرىتى ئىنىق بولۇش
   ئەگەر باشقىلار بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلسا، بىزمۇ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىز زۈرۈر؛ بىراق باشقىلار بىزگە ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىمەن دىسە، بىزمۇ خەقنىڭ كۆڭلىنى ئاۋايلاپ ئولتۇرماي، قايتۇرما زەربە بىرىشكە تىگىشلىك بولسا قايتۇرما زەربە بىرىشىمىز كىرەك. سىزنىڭ يول قويۇشىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى بىلىۋىلىشىنى پەيدا قىلالمايدۇ، پەقەت ئۇلارنى تېخىمۇ بەك ھەددىدىن ئاشۇرۋىتىدۇ.
   ئاق كۆڭۈل كىشىلەر، بىزنىڭ تېخىمۇ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ؛ ناچار كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ئازراق ئۇچۇقداپ قويمىغاندا، ئۇلار ئۆزىنى بىلەلمەي قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号