ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللار قانداق قىلغاندا ئەرلەرنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشەلەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ؛ ئەمما، نۇرغۇن خاتالىقلار ئايلانما شەكىلدە كىلىدىغان بولۇپ، بىر قەدەم خاتالاشساق، ئاخىرغىچە قەدەممۇ-قەدەم خاتالىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن؛ ئاياللارغا نىسبەتەن، بۇنداق خاتالىشىشنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا، كىشىلىك ھاياتتا، چوقۇم ئىھتىياتچان بولۇش، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش كىرەك، بولۇپمۇ توي قىلىشتىن ئىبارەت ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىشتا. ئەگەر ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن، ئىرىنىڭ ھەقىقى تۈردە ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشىمەن دىسە، ئۇنداقتا ئۇلار تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نوقتىغا دىققەت قىلمىقى لازىم.
بويتاقلىقتىن ئەمەس، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش كىرەك
    ئادەم بەلگىلىك بىر ياشقا يەتكەندە توي قىلىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇشى كىرەك دەپ ھېچقانداق بەلگىلىمە يوق؛ سىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭىزنىمۇ باشقىلار ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزگە ھەقىقى تۈردە ماس كىلىدىغان بىرسىنى ئۇچرىتالمىسىڭىز، بويتاق ئۆتكەچ تۇرسىڭىزمۇ ھېچۋەقەسى بولمايدۇ. يېشىم بىريەرگە بېرىپ قالدى، بويتاقلىقتىن قۇتۇلمىسام بولمايدۇ دەپ، ئۆمۈرلۈك ئىشىڭىز ئۈستىدە يىنىكلىك بىلەن قارار چىقىرۋىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
    مىنىڭ قارىشىمچە، بويتاقلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئالدىرغاندىن كۆرە، يەنىلا ئاۋال نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئالدىرغان ئەۋزەلدۇر. ھازىر، ھەرقانداق ئىشتا، پۇل ئارقىلىق خۇشاللىق ئېلىپ كىلىشكە بولىدۇ؛ ئەگەر پۇلىڭىز بار بولسا، توي قىلغاندىن كىيىنمۇ يۈرىكىڭىزنى توم تۇتۇپ، گەپنى چىڭ قىلالايسىز. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەخىتكە قارشى، ئاجرىشىپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ، كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزدىن غەم تارتمايسىز ھەمدە بالىڭىزنى بېقىشتىنمۇ ئەنسىرمەي، قورقماي ئۇلارنىڭ ھامىيلىق ھوقۇقىنى تالىشالايسىز. قىسقىسى، پۇل، ئادەمگە بەلگىلىك دەرىجىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كىلەلەيدۇ. شۇڭا، قانداق قىلىپ بويتاقلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغاندىن كۆرە، ئاۋال قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلاشقان ياخشى.
مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قېلىشقا بولىدۇكى، خىزمەتتىن ئايرىلىپ قېلىشقا بولمايدۇ
    ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالغان كەچمىشلىرى بار؛ مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالىسىڭىز، كۆڭلىڭىزدىكى خاپىلىقلىرىڭىزنى كۆز ياشلىرىڭىز ئارقىلىق چىقىرۋالسىڭىز بولىدۇ. بىراق، مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، بىر مەزگىل ئۆتۈپ كۆڭلىڭىز ئارامىغا چۈشكەندىن كىيىن، قايتا بىر بۆلەك مۇھەببەتكە ئۇچرىشالايسىز؛ ئەمما خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، ئەھۋال چاتاق بولىدۇ. خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، سىز قوساقنىڭ ۋە كىيىم-كىچەكنىڭ غېمىگە پېتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن؛ ۋە ياكى ئىرىڭىزنىڭ ئالدىدا باش كۆتۈرەلمەي، ئۇنىڭ ئەيىبىلىشى ۋە قىينىشغا ئۇچراپ، بىر قەدەم ئېلىشقىمۇ ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرىدىغان بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، سىز ئىرىڭىز بىر ئادەمنى يوقىتىپ قويىسىز؛ ئەمما ئەگەر خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، سىز پۈتكۈل دۇنيانى يوقىتىپ قويىسىز، بۇنداق ئەھۋالدا سىزنىڭ ئازراقمۇ تاللاش ئىمكانىيىتىڭىز قالمايدۇ.
تويلىشىش، ھاياتلىقتىكى ئەڭ مۇھىم قارار
    تويلىشىش، ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىققا ئىرىشكەنگە باراۋەر بولۇپ، ئەگەر تويلىشىش ئوبىكتىڭىز مۇنەۋۋەر بولسا، سىزنىڭ كۈرەش قىلىدىغان ۋاقتىڭىز ئازراق بولىدۇ؛ ئەكسىچە، ئۇ ئەگەر ئادەتتىكىچە بىر ئادەم بولسا، ھەتتا سىزنىڭ ئەمگىكىڭىزگە تاينىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا سىز، ئەينى ۋاقىتتا نىمىشقا ئالدىراپ توي قىلغان بولغىيتتىم دەپ ئويلىنىپ قالىسىز.
    كىشىلىك ھاياتتا، ئادەم نۇرغۇنلىغان تاللاش سۇئاللىرىغا دۇچ كىلىدىغان بولۇپ، توي قىلىش دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تاللاش سۇئالىدۇر. ئەگەر سىز توغرا تاللىيالىسىڭىز، بەخىتلىك بولالايسىز؛ ئەمما ئەگەر خاتا تاللاپ قويسىڭىز، بىر ئۆمۈر ئازاپ-ئوقۇبەتكە قالىسىز. تويلىشىش، بىر ئۆمۈرلۈك ۋەدە؛ شۇڭا سىز، تويلىشىشنىڭ ھاياتلىقتىكى ئەڭ مۇھىم قارار ئىكەنلىكىنى ئىنىق چۈشىنىپ يىتىشىڭىز كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号