ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللاردىكى ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىشنىڭ ئالامەتلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، توختىماي ئەسنەش...بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىش، ھەيىز قالايمىقانلىشىش، سۈت بېزى كىسەللىكلىرى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئاياللار كىسەللىكلىرىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئېغىرراق بولغاندا ھەتتا ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىش ئاگاھلاندۇرۇش ئالامەتلىرى
   بەدەن ئېغىرلىقىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەيدا بولۇش. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولمايدۇ؛ ئەمما بەدەن ئېغىرلىقى سەۋەپسىزلا زىيادە ئېشىپ كەتسە ياكى تۆۋەنلەپ كەتسە، بۇ بەلكىم ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلاشقانلىق سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.
   كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش. ئەمچەكنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى، ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىلىدۇ؛ ئەگەر ئىچكى ئاجرالمىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ قالايمىقانلىشىپ كەتسە، ئاسانلا سۈت بېزى يوغىناپ كىتىش ۋە ئەمچەك چىڭقىلىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
   بالدۇرلا ئاق چاچ پەيدا بولۇش. بالدۇرلا ئاق چاچ پەيدا بولۇش، بەلكىم ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىش، بولۇپمۇ ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى كېمىيىپ كىتىش بولسا، ئادەم بەدىنى قېرىشقا باشلاشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.
   تۇغماسلىق. بەزى ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن، جىنسى تۇرمۇشى نورمال تۇرۇپمۇ يەنە ھامىلدار بولالمايدۇ. ئادەتتە بۇنداق ئەھۋالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە، دوختۇرلار كۆپىنچە ئىچىكى ئاجرالما قالايمىقانلاشقان دەپ دىئاگونوز قويىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، ئىچكى ئاجرالمىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، چوڭ مىڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئىچىكى ئاجرالمىغا بولغان تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ يوقالغانلىقىدىن بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.

قانداق ناچار ئادەتلەر، ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
   ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يانفون ئويناش. ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى ئىككى سائەت ئىچىدە، يانفون، كومپىيوتىر قاتارلىق ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەندە، مىلاتونىن(褪黑素) ئاجرىتىپ چىقىرىشنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇيقۇ قېچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇ ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشقاندا، ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاياللار ئاسانلا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
   كىچىسى ئۇخلىماسلىق. ئادەم بەدىنىدە تەبىئى فىزىلوگىيىلىك قانۇنىيەت بار بولۇپ، بۇ قانۇنىيەت سائەتكە ئوخشاش دەل ۋاقتىدا يۈرگۈزۈلۈپ، ئاەم بەدىنىنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن ماس قەدەملىك بولۇشىنى ساقلايدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىلوگىيىلىك پائالىيىتى جەريانىدا، بەدەندىكى ھورمۇنلارنىڭ مىقدارى ۋە بىئولوگىيىلىك ئىنىزىمنىڭ ئاكتىپچانلىقى، بىر كىچە-كۈندۈز، بىر ھەپتە، بىر ئاي، ھەتتا بىر يىلنى بىر بۆلەك قىلىپ تۇرۇپ، قانۇنىيەتلىك ھالدا ئېشىپ كېمىيىپ تۇرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئادەمنىڭ فىزىلوگىيىلىك پائالىيىتىنىڭ "ئۆز ۋاقتى-سائىتى" بويىچە ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئەگەر كىشىلەر بۇ خىل فىزىلوگىيىلىك قانۇنىيەتكە رىئايە قىلماي، كىيىن ئۇخلاپ ياكى كىچىسى ئۇخلىماي ئادەتلەنسە، ئۇنداقتا بەدەندىكى ھورمونلارنىڭ ئاجرىلىشىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   جىددىلىشىش ۋە چارچاش. ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدا، بىز ھەممىمىز ھەر تەرەپلەردىن كەلگەن بېسىملارغا ئۇچرايمىز؛ بولۇپمۇ ئاياللار، ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسى ئەرلەرنىڭكىدەك قاۋۇل ئەمەس، ئەمما ئەرلەر بىلەن ئوخشاش، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ كۆپ بولغان بېسىمغا ئۇچراپ، روھى جەھەتتىن ئۆزىنى قويۇپ بىرىپ ئازادىلىككە چىقالىشى تەسكە توختايدۇ. ئەگەر بۇ خىل جىددى ھالەت ۋە كەيپىياتتىكى ئۆزگىرىش ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىپ، ۋاقتىدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمىسا، ئۇنداقتا بۇ نىرۋا سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھورمۇن ئاجرىلىپ چىقىشنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号