ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللار ئۆمرىدە بۇ نەچچە تۈرلۈك ئىشتىن ساقلىنىش كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەم بەلگىلىك ياشقا يەتكەندىن كىيىن، ھاياتلىقتا ئىلگىرى بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىغا قارايدىغان بولسا، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئەگمە يوللارنى ۋە خاتا يوللارنى باسقانلىقىنى بايقايدۇ. كونىلارنىڭ "ئالدىنقىلار دەرەخ تىكسە، كىيىنكىلەر سەگىدەيدۇ" دىگەن گېپى بار بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقى كەچمىشلىرى ئارقىلىق بىزگە ئەسكەرتىش بىرىشىچە، بەزىبىر ئىشلاردىن ھەقىقەتەن ساقلانماي بولمايدۇ.
"كىتاپ ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق" دىگەن گەپكە ئىشەنمەڭ
    ئاياللار كىتاپ ئوقۇپ بەرسە، ئەلۋەتتە پايدىسى بار. ھازىر جەمئىيەت تەرەققى قىلدى، ھەممەيلەن مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدى، شۇڭا كىتاپ ئوقۇشنىڭ پايدىسى يوق دەپ قاراپ قالماڭ.
    سىرتقى دۇنيانى كۆرۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن، يەنىلا كىتاپ ئوقۇشىڭىز كىرەك. باشقىنى دىمەي تۇرايلى، بىلىمىز بولسا، مەدىنىيەت سەۋيىڭىز يۇقىرى  بولغاندىلا، سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تاللاش پۇرسىتىڭىز ئاندىن باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ھەم تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.
مۇھەببەت ئۈچۈن ئىگىلىكىڭىزدىن ۋاز كىچىدىغان ئىشنى قىلماڭ
     بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىڭىز خاتا ئەمەس، ئەمما بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىستىقبالىنى ئۆزىڭىز بۇزۇپ، ئىگىلىكىڭىزدىن ۋاز كىچىدىغان ئىشنى قىلماڭ. سىز بەلكىم شۇ ۋاقىتتا ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن شۇنداق قىلغان بولىشىڭىز مۇمكىن، بىراق ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، مۇھەببەت ۋە ئىچى ئاغرىتىشقا تايانغان بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ.
    مۇھەببەتتە قورسىقىڭىز تويمايدۇ، مۇھەببەت سىزگە پۇل يېغىپ بىرەلمەيدۇ. ئاياللار بەزىدە مۇھەببەتنى دەپ ئەقلىدىن ئازىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھىسياتقا تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ؛ ئەمما بىلىشىڭىز كىرەككى، مۇستەقىل ھەمدە ئەس-ھۇشىڭىز جايىدا بولسىڭىزمۇ، ئوخشاشلا مۇھەببەتكە ئىرىشەلەيسىز.
ھېچقانداق ئادەمنى ئۆزىڭىزنى بارلىقى قىلىۋالماڭ
    ھەر بىر ئادەم بىر يەككە گەۋدە، ھەر بىر ئادەم باشقىلارنىڭ بارلىقىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كىرەك. ئەگەر بىر ئادەم بىرەرسىگە ئىرىشىشنى بەك ئارزۇ قىلىپ كەتسە، ئۇ ئۆزىنى شۇنچە بەك يوقىتىپ قويىدۇ؛ قانچىكى ئالدىراقسانلىق بىلەن بەدەل تۆلىسە، ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشىش ۋە جاۋاپقا ئىرىشىشى شۇنچە بەك تەسكە توختايدۇ.
رەتسىز يۈرۈشتىن ساقلىنىڭ
    چىرايلىق ياسىنىپ سىرتقا چىقىشڭىز، باشقىلارغا ھۆرمەت قىلغىنىڭىز، ئوخشاشلا ئۆزىڭىزنىمۇ ھۆرمەتلىگىنىڭىزدۇر. ئەگەر سىز قېنىق گىرىم قىلىشنى ياخشى كۆرمىسڭىز، ھېچبولمىغاندا يۈزىڭىزنى پاكىزە تۇتۇڭ ھەمدە روھلۇق ھالەتنى ساقلاڭ؛ بۇنىڭدا ئوخشاشلا باشقىلارغا چىرايلىق ھەم لاتاپەتلىك بىلىنىسىز.
ئۆزىڭىزنى تۆۋەن چاغلىماڭ
    ھەرقانداق ئادەمدە، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يىتەرلىك ئىقتىدار بولۇش كىرەك. سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ياراتماي تۆۋەن چاغلىسىڭىز، باشقىلار سىزنى تېخىمۇ ياراتمايدۇ. سىز مەيلى قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللانماڭ ياكى قانداق بىر ئائىلىڭىز بار بولسۇن، ئەمىلىيەتتە سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەممىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ كىتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىشڭىز كىرەك.
تەتۈر مىجەزلىك قىلماڭ ھەمدە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويماڭ
    ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەردۇر. بىراق ئادەم دىگەن غەلىتە كىلىدۇ، بىز ھەمىشە ئۆزىمىزگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرگە قارىتا ئاچچىقىمىزنى باسالماي، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تەتۈرلۈك قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىمىز.
    سىز ئۆزىڭىز بىلىپ بىلمەي ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ قويغان تەقدىردىمۇ، ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزدىن ئايرىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما سىز شۇنى ھىس قىلىپ يىتىشىڭىز كىرەككى، ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ؛ بەلكىم ئون يىل ياكى يىگىرمە يىل ئۆتكەندىن كىيىن، سىز ئۇلارغا ئىتىبار بىرىش كىرەكلىكىنى، ئۇلارنى قەدىرلەش كىرەكلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ پۇرسىتىڭىز قالمىغان بولۇشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号