ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللاردىكى تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا،  تەخمىنەن %45-%35 تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ، تۇغۇتتىن كىيىنكى 6-2ئاي ئىچىدە چاچلىرى سارغىيىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاچ چۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، تىبابەتچىلىكتە بۇ خىل ئەھۋال "تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈش" دەپ ئاتىلىدۇ.  ئۇنداقتا تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈش قانداق پەيدا بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ؟
نىمە ئۈچۈن تۇغۇتتىن كىيىن چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ؟
    تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ تۆت تۈرلۈك: بىرىنچىدىن، ئالاھىدە فىزىلوگىيىلىك ئەھۋالنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، يەنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىن تۇغۇتقىچە بولغان جەرياندا، ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئۆزگىرىشى، تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن، ئۇلارنىڭ نىرۋىسى يۇقىرى دەرىجىدە جىددىلىشىپ، ئارام ئېلىشى يىتەرلىك بولمىغاچقا، چاچ چۈشۈش كىلىپ چىقىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئىمىتىش مەزگىلىدە ئۇزۇقلۇق تەكشى بولماي قالسا، ئاسانلا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆتىنچىدىن، يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللار باش تىرىسىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، چېچىنى يۇيۇپ تاراشقا پېتىنالمايدۇ، بۇنىڭدا ئاسانلا چاچ چۈشىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.
تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈش نەچچىلىك داۋاملىشىدۇ؟
    تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇشىدىكى سەۋەپ، ئۇلاردىكى بۇ خىل چاچ چۈشۈش "مەركەزلىشىپ كۈرۈلۈش تىپىدىكى" چاچ چۈشۈش بولغانلىقىدىن بولۇپ، ئادەتتە تۇغۇتتىن كىيىنكى تۆتىنچى ئايدىن باشلاپ كۆرىلىدۇ؛ ئەمما داۋاملىشىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەيدىغان بولۇپ، تەخمىنەن بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. شۇڭا، تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولسىڭىز، ئالدىنئالا تەييارلىق كۆرۈشىڭىز كىرەك.
چاچنى كىسىش، تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈش ئەھۋالىنى يىنىكلىتەلەمدۇ؟
    نۇرغۇن ئاياللار، تۇغۇتتىن كىيىن چېچىنى كىسىۋىتىشنى تاللايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بۇ يامان ئەمەس بىر خىل تاللاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن بوۋاققا قاراش جەريانىدا تېخىمۇ قولايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بىر تەرەپتىن چاچنىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىنى تۆۋەنلىتىپ، بېسىمنى يىنىكلىتىشكە بولىدۇ.
قانداق قىلغاندا تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ؟
    چاچنى كىسىۋىتىشتىن باشقا، ئاياللار يەنە ئۆزىنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە باشقا تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، چاچ چۈشۈش كۆرۈلۈش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. ئادەتتە ئۇزۇقلۇقنىڭ تەكشى بولۇشىغا دىققەت قىلىپ، خۇشال بولغان روھى كەيپىياتنى ساقلىساق ياكى روھى ھالىتىمىزنى تەڭشەپ، بالدۇر ئۇخلاپ ئەتىگەن تۇرۇشقا ئادەتلىنىش بىلەن بىرگە بەزىبىر تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئاسراش بۇيۇملىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ بەرسەك، تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号