ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەكچى بولغان بولىدۇ. بۇ قارىماققا ئىنتايىن زىت بىلىنىدىغان ئەھۋال، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئەھۋال ھەمىشە ئايال كىشىدە كۆرۈلىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچى بولغىنىمىز، دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئاياللار كۆڭلىدە ياخشى كۆرسىمۇ، ئەممە ئېغىزىدا ئىتراپ قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلار.
1. يولدا ماڭغاندا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقاندا
    يولدا ماڭغان ۋاقتىدا، باشقىلار ھەۋەسلىنىپ قارىسا، ئاياللار ئەمىلىيەتتە ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كىتىدۇ. مەسىلەن، بىر ئايال كىشى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كۆينەكنى كىيىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈزەل بەدەن شەكلىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ يولدا كىتىپ بارغاندا، كوچىدىكى ئەرلەر توختىماستىن قايرىلىپ ئۇلارغا قاراپ، ھەجەپ چىرايلىق ئايالكەن دەپ قالسا، ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىر ئىنتايىن ئىپتىخارلىق پەيت ھىسابلىنىدۇ. بەزىدە ھەتتا، بىرەرسى ئىسقىرتىپ چاقچاق قىلسىمۇ، ئۇلار بەلكىم يىرگىنىش ھىس قىلماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئايال كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ھەققىقى تۈردە تارتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل دىققىتىنى تارتىش ئۇلاردىكى گۈزەل نازىنىنلىقتىن كەلگەن بولىدۇ.
2. باشقا ئاياللارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغاندا
    باشقا ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ئىرىگە قارىسا، ئاياللار ئادەتتە بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئىگىلەش ئىستىكى ۋە ھەسەتكە قارىتا بولغان سىزىمى شۇ ھامان ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۋىتىدۇ. كەينىدىن ئۇلار بەلكىم، بۇ خىل باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرىگە زوقلىنىشىدىن ھۇزۇرلىنىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قارىتا بولغان زوقلىنىشى ۋە ھەسەت قىلىشىدىن كۆڭلى خۇشاللىق ھىس قىلىشى مۇمكىن.
3. ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئالدىدا پۇلدار ھەم قولى ئۇچۇقلۇقنى ئىپادىلىگەندە 
    ئەلۋەتتە، كۆپ قىسىم ئاياللارنىڭ ئۆزى مۇستەقىل ھالدا بىرەر نەرسە-كىرەك سېتىۋىلىش ياكى تاماق پۇلى تۆلەش ئىقتىدارى بار بولىدۇ. ئەمما بۇ يەنە بىر ئەمىلىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ، بىر ئەركىشىنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ناھايىتى قولى ئۇچۇق، پۇلدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ چىقىرىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلغا ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدىغان قىلمىشى، ئاياللارنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ. بۇ ئادەتتىكى پۇل-دۇنيا، ھەشەم بۇيۇمى، ئالى دەرىجىلىق ماشىنا دىگەنلەرنى كۆزدە تۇتقانلىق ئەمەس؛ پۇل-دۇنيا جەھەتتە باي ئەرلەر ئادەتتە ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان، سالماق ھەمدە تېخىمۇ مۇستەقىل ۋە كۈيۈمچان كىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەرلەر ئاياللارغا نىسبەتەن يىتەرلىك جەلىپكارلىققا ئىگە بولىدۇ.
4. ھەقسىز نەرسىگە ئىرىشكەندە
   ئەمىلىيەتتە، مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ھەممە ئادەم ھەقسىز بىر نەرسىلەرگە ئىرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاياللارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە ئۇلار بۇ نوقتىنى يۇشۇرۇپ ئاشكارىلىمايدۇ خالاس. ئۇلار ئۆزىنى قارىماققا تېخىمۇ لاتاپەتلىك، چوڭ سۈپەت، كىچىك ھالقىلارغا بىرىلىپ كەتمەيدىغان كۆرستىشنى ئويلايدۇ.
5. ئىككىدىن ئارتۇق قوغلاشقۇچىسى بار ۋاقىتتا
   ئاياللار ئۆزىنى قوغلىشىدىغان ئادەم قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە خۇشال بولىدۇ. بۇ رومانتىكىلىقتىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى بىر ئايال كىشى ئۆزىنى ماختىغان ھەمدە ئۆزىدىن زوقلانغان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، كۆڭلىدە قانائەت تۇيغۇسى ھىس قىلىدۇ ھەمدە خۇشال بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号