ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرقانچە چىرايلىق بولسىمۇ، ئاق كۆڭۈللۈكىنى يوقاتقاندىن كىيىن، ئۇنىڭدىكى بارلىق ئالاھىدىلىكلەر ئەسلىدىكى يارقىنلىقىنى يوقىتىدۇ.
    ئاياللار چىرايلىق بولمىسىمۇ بولىدۇ، لاتاپىتى ۋە مەدىنىيەت سەۋيىسىمۇ ئازراق تۆۋەن بولسىمۇ ھېچقىسى يوق، ئەمما ساپاسىز بولسا قەتئى بولمايدۇ. ساپا، ئادەمنىڭ بىر خىل يۇشۇرۇن پەزىلىتى بولۇپ،  ئۇ باشقىلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى بىۋاستە ئۆزىگە تارتالايدۇ؛ تۇرمۇش ساپالىق ئاياللارغا ئىھتىياجلىق، ئائىلە بولسا، ساپالىق بىر ئايال كىشىنىڭ ياخشى خوتۇن، ئانا، كىلىن رولىنى ئوينىشىغا تېخىمۇ ئىھتىياجلىق.
    ئۇيقۇسى قاچقان كىچىلەرنى، بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز ئۆتكۈزىدۇ.
    ئىلگىرىكى ئارزۇ ئارمانلىرى، رىئاللىق تەرپىدىن بېسىشقا ئۇچرىغاندا، بەزىدە ئۇلار ئىختىيارسىز ياش تۆكىدۇ: "مىنىڭ ھاياتىم نىمە ئۈچۈن بۇنداق جاپادا ئۆتىدۇ؟"
   بىراق، جەمئىيەت كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ؛ ئازاپنى تارتىپ يىغلاپ بولغاندىن كىيىن، سىز يەنىلا كۆز ياشلىرىڭىزنى سۈرتىۋىتىپ ھەمدە روھىڭىزنى ئورغۇتۇپ، كۈلۈمسىرگەن ھالدا سىزگە قىلچىلىك ئىتىبار بەرمىگەن بۇ دۇنياغا ئۆزىڭىز يالغۇز ھالدا يۈزلەنمىسىڭىز بولمايدۇ.
    ياخشى يىرى، تۇرمۇش ناچارلىشىپ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە ھامان ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ؛ خىزمەت ئۈنۈمىڭىزدىمۇ يۇقىرى ئۆرلەش كۈرۈلۈپ، ناتۇنۇش بۇ شەھەر بىلەن تەدرىجى ھالدا تۇنۇشۇپ چىقىسىز. سىزدە ئازراق بولسىمۇ ئالغا ئىلگىرلەش كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، سىز قۇرۇق نان يىسىڭىزمۇ، ئىسىل نازۇ-نىمەت يىگەندەك ھىس قىلىسىز.
    ھەر كۈنى ئالدىراشچىلىقتىن پۇت-قولىڭىز يەرگە تەگمەس بولۇپ كەتسىمۇ، سىز يەنىلا تۇرمۇشتىن قانداق ھۇزۇرلىنىشنى بىلىشكە باشلايسىز.
   ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى بىر نەچچە يىلدا، سىز نەچچە قېتىم ئۆي كۆچۈپ باققان، نەچچە قېتىم يامغۇردا قېلىپمۇ باققان؛ مۇھەببىتىڭىز بىلەن ئايرىلىپ يارىشىپ، ئاخىرىغا كەلگەندە ئۈزۈل-كىسىل ئايرىلىپ كەتتىڭلار. كۈندۈزلىرى، سىزنىڭ چىرايىڭىزدا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك خاتىرجەملىك ۋە سالماقلىق جىلۋە قىلىدۇ؛ ئەمما كىچىلىرى ياشلىرىڭىز توختىماي تۆكىلىدۇ.
    ئۇنىڭدىن مىھرىڭىزنى ئۈزۈلمەي يۈرگىنىڭىزنىڭ نىمە پايدىسى؟ ھەر كىچىلىرى سىز ئازاپتىن ئۆرتىنىۋاتقان ۋاقىتتا، سىز ياخشى كۆرگەن ئۇ ئادەم ئاللىقاچان خورەك تارتىشقا چۈشكەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئۇنىڭ چۈشىدە يوق، ئۇ ئويغانغاندىن كىيىنمۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ. مۇھەببەت تەقدىردىن چوڭ ئەمەس، ھېچكىم ھېچكىمگە تەئەللۇق دەپ بىكىتىپ قويۇلمىغان.
    بويتاقلىق، ئەڭ ياخشى بولغان قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەزگىلى؛ شۇڭا سىز، چاچلىرىڭىزنى كىسىپ، ياراشمايدىغان كىيىملىرىڭىزنى تاشلاپ، ھەممىنى قايتىدىن باشلىماقچى بولدىڭىز.
    شۇنچە چوڭ بىر شەھەردىن، كىيىنكى ئۆمرىڭىزنى بىللە ئۆتكۈزۈدىغان ئادەمدىن بىرنى تاپالمىغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىز ئۈچۈن كۆپرەك پۇل يېغىڭ؛ چۈنكى، پۇل ھېچبولمىغاندا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كىلەلەيدۇ.
    خىزمەتتە ھامان كۆڭۈلدىكىدەك بولالمايدىغان ئەھۋاللار بار، تۇرمۇشتىمۇ ناگاندا بىر كەيپىياتىڭىزنى پۈتۈنلەي بۇزۇۋىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ؛ ياخشى بىر ئۇخلىۋالسام ياخشى بولۇپ كىتىمەن دەپ ئويلايسىز، ئەمما ھەر قېتىم ئويغانغان ۋاقتىڭىزدا، ئەتراپىڭىزدىكى قۇپقۇرۇق ئۆيگە قاراپ، پۈتكۈل دۇنيا سىزنى تاشلىۋەتكەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالىسىز.
     بىر كىشىلىك تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىسىز، ئەمما يەنە غېرىپلىق ھىس قىلىسىز.
    ئاخىرىدا سىز شۇنى چۈشىنىپ يىتىسىزكى، كەلگۈسىدە غېرىپلىق ئىچىدە قېرىپ كىتىشتىن ئەنسىرىگەندىن، ھازىرقى ھەربىر كۈننى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىك ئەۋزەلدۇر؛ سىزنىڭ دۇنيارىڭىزدا، نۇرغۇن ئىشلار سىزنىڭ بېرىپ قىلىشىڭىزنى رەتكە تىزىلىپ ساقلاپ تۇرىدۇ.
    خىزمىتىڭىزنى ياخشى ئىشلەڭ؛ ئۇ سىزنىڭ پۇل تېپىشتىكى بىر قىسىمىڭىز بولۇپلا قالماستىن، يەنە سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر قىسىمىڭىز.
    كىتاپ ئوقۇشنى تاشلىۋەتمەڭ؛ گۈزەل ھۆسىن بىر مەزگىللىك، پەقەت ساپا ۋە لاتاپەتلا سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمرا بولىدۇ.
    بىر نەچچە دوست تۇتۇڭ؛ ئۇلار بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ قويماي يېقىن ئۆتۈڭ؛ نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن سىز شۇنى چۈشىنىپ يىتىسىزكى، ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغىنى، تۇققانلىق مىھرىدىن قالسا دەل دوستلۇق مىھرىدۇر.
    چىرايلىق ھەم يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ، رەتسىز ھالىتىڭىز بىلەن خوشلىشىڭ؛ نەپىس گرىم قىلىپ، ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن لاتاپەت بىلەن ئىشىكتىن چىقىڭ.
    ھەرىكەت قىلىپ چېنىقشتا چىڭ تۇرۇڭ، بۇنىڭدا سىز تېخىمۇ جانلىق بولۇپ كىتىسىز.
    ساياھەتكە كۆپرەك چىقىڭ، بۇنىڭدا نەزەر دائىرىڭىز تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.
    تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈپ، يىمەك-ئىچمىكىڭىزنى كونتىرول قىلىڭ.
   تۇرمۇشقا رەسمى يۇسۇندا مۇئامىلە قىلىڭ؛ ئۆزىڭىزگە خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى چېچىپ، بىر دەستە گۈل كۆتۈرۈپ ئۆيگە قايتىڭ. ھەركۈنى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكلىرى بىلەن ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، كۈنلىرىڭىزنى ئارامبەخىش ئىچىدە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى ئۇنۇتماڭ.
    نىمىگە ئىرىشىشنى ئويلىغان بولسىڭىز، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىڭ، ئۈمىدنى باشقىلارغا باغلاپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ؛ چۈنكى، ئۇنداق ئۈمىد ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پەقەت ئۆزىڭىزدىنلا كىلىدۇ.
    سىز ئۆزىڭىزنى ياخشى سۆيۈشنى ئۆگەنگەن ۋاقتىڭىزدىلا، ئاندىن باشقا بىر ئادەمنى سۈيۈشنى بىلەلەيسىز.
   سىزگە تەئەللۇق ئادەمنىڭ ھامان بارلىقىنى تۇنۇپ يىتىڭ؛ ئۆزىڭىز يالغۇز ئۆتكەن شۇ كۈنلەردە تەدرىجى ھالدا تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولۇپ ئۆزگىرىشنى تاللاڭ؛ بۇنىڭدا سىز، كەلگۈسىدە ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق ئاشۇ ئادەمنى ئۇچراتقان ۋاقتىڭىزدا، ئۇنىڭغا ئىرىشىش ئىقتىدارىڭىز بار بولىدۇ.
    تالاغا قاراش، ئاجرىشىش دىگەنلەرنى كۆپ كۈرۈپ، مۇھەببەتكە بارغانسىرى ئىشىنەلمەس بولۇپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن؛ لىكىن ئەمىلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى توغرا بولغان ئاشۇ ئادەمگە يولۇقالمىغانلىقتىن بولىدۇ.
   سىز شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىشىڭىز كىرەككى، ھامان بىر كۈنى، سىز شۇنداق بىر ئادەمگە يولۇقىسىز: ئۇ تاغ-دەريالارنى كىسىپ ئۆتۈپ سىزنىڭ يېنىڭىزغا كىلىدۇ، سىزنىڭ بارلىق يىتەرسىزلىكلىرىڭىزنى ھەمدە يالغاندىن قەيسەر بولىۋالغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ يەتكەندىن كىيىنمۇ، يەنىلا قۇچىقىنى ئېچىپ سىزگە تەسەللى بىرىدۇ.
    تېخىچە يىتىپ كىلىپ بولالمىغان ئۇ "مىھمان"، مەيلى تاغدىن كەلسۇن ياكى باغدىن كەلسۇن، ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدا پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىڭ.
    شۇڭا، يالغۇز قېلىشتىن ئەنسىرمەڭ؛ بۇ دۇنيادا، سىزنى ساقلاۋاتقان ئادەمدىن بىرسى ھامان بار.
    سىز بىلەن كىچە-كۈندۈزنى بىرگە ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغان، سىزدىن ئىسسىق-سۇغۇقنى سوراپ تۇرىدىغان ئادەمدىن بىرنى تىزراق ئۇچرىتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
   بەزى مۇساپىلەرنى، ئۆزىڭىز يالغۇز بېسىشىڭىز كىرەك؛ كۆز بىلەن كۆرۈپ يەتكىلى بولمايدىغان ئاشۇ جايلارغا، سىزنىڭ قەدىمىڭىزمۇ ھامان بىر كۈنى يىتىپ بارىدۇ. سىز تىرىشىڭ ھەمدە بوشاشماي كۈرەش قىلىڭ؛ بۇنىڭدا، ئىرىشمەكچى بولغان ئاشۇ نەرسىلىرىڭىزنىڭ، ئاللىبۇرۇن كۆڭلىڭىزگە قاچىلىنىپ بولغانلىقىنى بايقايسىز؛ ئەلۋەتتە، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号