ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى باش سۈيى يىتىشمەسلىك ھادىسىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
    باش سۈيىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، ھامىيلىنىڭ ساغلام يىتىلىشىدىكى ئىنتايىن ئىنتايىن مۇھىم بىر شەرت؛ چۈنكى، ھامىيلە ئىھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلار باش سۈيىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىيلىنىڭ ئانىنىڭ قورسىقىدا ھايات تۇرۇشى ۋە ئۆسۈپ يىتىلىشى باش سۈيىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ نوقتىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكتىن، ئۇلار باش سۈيىنىڭ سۈپىتىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ۋاقتىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.
   بىراق، بەزىبىر ئالاھىدە سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئەگەر بىز سەل دىققەت قىلماي قالساق، باش سۈيى يىتىشمەسلىك ھادىسىسى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن؛ بۇنداق ئەھۋال ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز بولۇپ، ھەتتا تېخى ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، باش سۈيىنىڭ يىتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سىزدە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنداقتا باش سۈيى يىتىشمەي قالغان بولۇشى ئىھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.
1. قوساق ئاغرىش
    نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر قورساقتىكى ھامىيلە مىدىرلىسا، بىز بۇنى ھىس قىلالايمىز ھەمدە بۇندىن باشقا ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ. بىراق ئەگەر ھامىيلە مىدىرلىغان ۋاقىتتا، بىز قورسىقىمىزنىڭ قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى ھىس قىلساق، ئۇنداقتا بۇ بەلكىم باش سۈيىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، باش سۈيى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن، باش سۈيىنىڭ قارشىلىق كۈچى ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كىتىپ، ھامىيلە مىدىرلىغاندىكى كۈچ بىۋاستە قوساق قىسىمغا چۈشۈپ، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىنىڭ قاتتىق ئاغرىشىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. تولغان تۇتۇش قېتىم سانى كۆرنەرلىك كۆپىيىدۇ
    ئەمىلىيەتتە، باش سۈيى ئازلاپ كەتكەندىن كىيىن، ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسى ئاجىزلاپ قالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئازراق بىرەر غىدىقلاشقا ئۇچرىسىمۇ، بالىياتقۇ تارىيىپ تولغاق تۇتىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۇيۇقسىز ھالدا قانۇنىيەتسىز تولغاق تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بۇ باش سۈيى يىتىشمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ھامىلدار ئايال ۋاقتىدا سۇ تۇلۇقلاش كىرەك.
3. ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانى ئازىيىپ كىتىش
   نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئادەتتە ھامىلدار بولۇپ 5-4ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى سىزەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال بولسا ھامىيلىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىدىغان مۇھىم بىر كۆرسەتكۈچتۇر. ئادەتتە، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى قانۇنىيەتلىك ھەمدە قېتىم سانىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولسا، ئەمما تۇيۇقسىزلا ئازلاپ كەتسە، ئۇنداقتا ھامىلدار ئاياللار دىققەت قىلمىقى لازىمدۇر؛ چۈنكى بۇ، باش سۈيى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن، ھامىيلىنىڭ نەپەسلىنىشى راۋان بولالماي قالغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
    ئەگەر ھامىلدار ئاياللاردا يۇقارقى ئۈچ تۈرلۈك ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ھامىلدار ئاياللار ۋاقتىدا باش سۈيى تۇلۇقلىشى كىرەك، بۇنىڭدا ئاندىن ھامىيلىنىڭ ساغلام يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号