ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
ئاياللارنىڭ لاتاپىتىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
    لاتاپەتلىك بىر ئايال كىشى، ئادەمگە بىرخىل مۇلايىم ئەمما چوڭ سۈپەت، ساپاسى يۇقىرى بولغان تۇيغۇ بىرىدۇ.
    ئوخشاش بىر قور كىيىمنى، لاتاپەتلىك ئاياللار ۋە ئادەتتىكى ئاياللار كەيگەندىكى ئۈنۈم پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ.
    بىر ئايال كىشىنىڭ ھەقىقى جەلپكارلىقى، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى لاتاپىتىدە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ياش مەگىللىرىنىڭ ھەممىسىدە ئادەمنى زوقلاندۇرىدىغان تۇيغۇ بىرەلەيدۇ.
    ئاياللارنىڭ لاتاپىتىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە بەزىبىر كۆرسەتمە ۋە چارە-ئاماللارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كەيپىياتنى كونتىرول قىلىش
    يېقىندا، توردا مەلۇم بىر ئايال چولپان ھەققىدىكى قاراش تارالدى، مەن بۇ قاراشنى ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان دەپ قارايمەن؛ يەنى، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنىمۇ كونتىرول قىلالمىسىڭىز، سىزنى ياخشى كۆرگەن ۋاقىتتا سىز ئەركە ھەم ئوماق كۆرۈنگىنىڭىز بىلەن، سىزنى ياخشى كۆرمىگەن ۋاقىتتا سىز يولسىز ھەم بىشەم ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز؛ بۇ خىل قىلمىش ھەرگىز مۇستەقىل بىر ئايال كىشىدە بولۇشقا تىگىشلىك قىلمىش ئەمەس.
    لاتاپەتلىك كەلگەن ھەمدە بەلگىلىك سىھرى كۈچكە ئىگە بولغان ئايال كىشى، چوقۇم ئۆزىنڭ كەيپىياتىنى ئاسانلىقچە سىرتقا ئاشكارىلاپ قويماسلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار ھەرقانچە قىيىن ئىشلارغا دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ، كۆڭلى ھەرقانچە ئازار يىسىمۇ، سالماقلىق بىلەن كۈلۈپلا ئۆتكۈزۈۋىتەلەيدۇ. بۇنداق ئاياللار ئەتراپىدىكىلەرگە بىخەتەرلىك ھەم بەختىلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدۇ.
ئېغىزىنى باشقۇرۇش
    كۆپ ۋاقىتلاردا، كۆڭلىدىكىنىڭ ھەممىنى سىرتقا ئاشكارىلىۋىتىش، بۇ بىر خىل يامان ئادەت ھىسابلىنىدۇ؛ ھەرقانچە يېقىن دوست بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ "ئەخلەت ساندۇقى"غا ئايلىنىپ، ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان دەرت-ئەلەم ۋە غەيۋەت-شىكايەتلەرنى ئاڭلاشنى ياقتۇرمايدۇ. ساپالىق بىر ئايال كىشى، قالايمىقانچىلىقتىن يېراق تۇرۇپ، ئۆزىگە ياكى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ.
داۋاملىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش
    ئېغىزىڭىزنىڭ بۇرجەكلىرىنى ئازراق ئۈستىگە كۆتۈرسىڭىز، يۈز قىسىم مۇسكۇللىرىنىڭ ئۈستىگە ھەرىكەت قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، يۈز قىسىم تىرىلىرىنىڭ بوشىشىپ كىتىش ھادىسىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئاستىلىتالايسىز. كۈلۈمسىرەش، فېزىكىلىق ھەرىكەت بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بىر خىل پىسخىكىلىق جەھەتتىكى ئۆز-ئۆزىگە يۇشۇرۇن كۆرسەتمە بىرىش بولۇپ، گۈزەل ھەم ئۈمىدۋار كەلگەن بىر خىل روھى ھالەت، كۈچلۈك بىر خىل تەسىر كۈچ شەكىللەندۈرەلەيدۇ؛ گۈزەللىك، ئادەمنىڭ ئىچىدىن تېشىغا قاراپ تېپىپ چىقىدۇ.
ئۆرە تۇرۇش ھالىتى توغرا بولۇش
    توغرا بولغان ئۆرە تۇرۇش ھالىتى، بىزنىڭ بەدەن شەكلىمىزگە ئالاقىدار مۇسكۇللارنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە تارتىشىش ھەرىكىتى قىلىشىنى پەيدا قىلىپ، بەدەن شەكلىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللىك ۋە سىزىقلىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.
    ساغرىنى كۆتۈرۈپ، كۆكسىمىزنى تىك تۇتىشىمىز، مۈرىمىزنى تۈز تاشلاپ تۇتىشمىز كىرەك ھەمدە دۈمچىمىزنى ئىگىۋىلىش ياكى قورسىقىمىزنى سىرتقا كۆپتۈرۋىلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.
    ئۆرە تۇرغان ۋاقىتتا، ئىككى پۇتىمىزنى جۈپلەي ياكى ئالماشتۇرۇپ تۇرىشىمىز لازىم؛ پاقالچاق قىسىم ياكى تىز قىسمنى ئازراق ئىگىپ، ئۆزىمىزگە بەلگىلىك دەرىجىدە راھەتلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كەلسەك بولىدۇ.
ئولتۇرۇش ھالىتى توغرا بولۇش
    ئولتۇرۇش ھالىتىدىن، بىر ئايال كىشىنىڭ مىجەز-خۇلقى ۋە ساپاسىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ. كىچىك نوقتىلارغا بىپەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان ئوغۇل مىجەز بولسىڭىزمۇ، ئولتۇرغان ۋاقتىڭىزدا ئىككى تىزىڭىزنى بىرگە جۈپلەپ ئولتۇرۇشىڭىز كىرەك؛ بولمىغاندا، ئەگەر ئۇدۇلىڭىزدا بىرەر ئەر كىشى ئولتۇرۇپ قالغان بولسا، ئوسال ئەھۋالغا قېلىشىڭىز مۇمكىن.
    دۈمبە قىسمىڭىزنى تىك تۇتۇپ، مۈرىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، قوللىرىڭىزدا ئىككى بىلىكىڭىزنى گىرەلەشتۈرۈپ تۇتۇپ ئولتۇرماڭ؛ بولمىسا، باشقىلارغا بىر خىل ھۆرمەت قىلىنمىغاندەك تۇيغۇ بىرىپ قويىسىز.
ھەۋەس قىزىقىشى بار بولۇش
    ئۆزىگە خاس قىزىقىش ۋە ھەۋەسلىرى بار ئايال كىشى، ئەڭ جەلىپكارلىققا ئىگە كىلىدۇ؛ ئۇلار ئالاقە قىلىۋاتقان كىشىلەرگە بىر خىل يىڭىلىق تۇيغۇسى ھىس قىلدۇرالايدۇ.
    پاراڭلىشىش جەريانىدا زىرىكىش ھىس قىلىپ قالمايدۇ. سىزنىڭ بىرەر ئىشنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى سۆيگەنگە ئوخشاش بولۇپ، چىرايىڭىز نۇرلارغا تولۇپ، مەپتۇن قىلارلىق سىھرى كۈچىڭىز ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号