ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » خانىم-قىزلار
بۇ ئۈچ مۆچەلدىكى ئايال ئىرىگە تەلەي ئېلىپ كىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كونىلاردا "ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، گاداي قىلغانمۇ خوتۇن" دىگەن ماقال-تەمسىل بار؛ ئايال كىشىنىڭ ۋاپادار ھەم كۈيۈمچان بولۇشى، تويلىشىشتىن كىيىنكى نەچچە ئون يىللىق تۇرمۇشقا خېلىلا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئاياللارغا يولۇقۇش، بەخىتكە يولۇققان بىلەن ئوخشاش كىلىدۇ. تۆۋەندىكى بۇ ئۈچ خىل مۆچەلدە تۇغۇلغان ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمى يۇقىردا ئېيتىلغاندەك ئىرىگە تەلەي ئېلىپ كىلىدىغان ۋاپادار ھەم كۆيۈمچان ئاياللاردىن بولۇپ، قايسى ئەر كىشى بۇنداق ئايال كىشىگە ئۇچرىسا، بىر ئۆمۈر تەلىيى كىلىدۇ.
يولۋاس يىلىدا تۇغۇلغان ئاياللار
    ئەگەر بىر ئەر كىشى يولۋاس يىلى تۇغۇلغان ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئالالىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئەر كىشى بىر ئۆمۈر بەخىت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. يولۋاس يىلى تۇغۇلغان ئاياللار تۇغۇلما مەسئۇلىيەتچان كىلىدۇ ھەمدە ھەر ۋاقىت يىڭىپ چىقىشنى ئويلايدىغان، ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەيدىغان كىلىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ، توي قىلغاندىن كىيىن ئىرىنىڭ نامراتلىقىدىن ئاغرىنىپ قاقشاپ ئولتۇرماي، ئەكسىچە ئۆزى تېخىمۇ ئالغا ئىنتىلىپ، خىزمەت جەھەتتە كۈچىنىڭ يىتىشىچە تىرىشىپ، ئائىلسىنى بەخىتلىك قىلىشقا ۋە ئىرىنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇلاردىن باشقا، يولۋاس يىلى تۇغۇلغان ئاياللارنىڭ ئۆي تۇتۇش ئىقتىدارىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىرى ۋە بالىلىرىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىدۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەخىتلىك بولۇشىغا ئاساس يارىتىدۇ.
توشقان يىلى تۇغۇلغان ئاياللار
    توشقان يىلى تۇغۇلغان ئاياللار، يېغىپ توپلاشقا ۋە كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىشكە ماھىر كىلىدۇ؛ ئۇلار ھەرقانداق ئىش قىلىشتا ئالدىراپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەۋرچانلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، روھى ھالىتىنى ياخشى تەڭشىيەلەيدۇ؛ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئائىلە تۇرمۇشىغا قارىتا قىزغىن پوزۇتسىيە تۇتىدۇ ھەمدە ئىرىنى تۇلۇق خاتىرجەم قىلىپ، بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. توشقان يىلى تۇغۇلغان ئاياللار ئىرىنى تەلەيلىك قىلىپلا قالماي، ئىرىگە بىر ئۈمۈرلۈك تەلەي ئېلىپ كىلىدۇ. ئۇلار ئىرىنىڭ كەينىدىكى مۇستەھكەم قالقان بولۇپ، ئىرىنىڭ ئىگىلىكىنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئالغا ئىلگىرلىشىگە ھەمدەمدە بولىدۇ؛ كەلگۈسىدە بەخىتلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى بولالىشمۇ، توشقان يىلى تۇغۇلغان ئايالنىڭ زور تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ئىت يىلى تۇغۇلغان ئاياللار
     ئىت يىلى تۇغۇلغان ئاياللارنىڭ روھى ھالىتى تۇغۇلما سالماق كىلىدىغان بولۇپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇلار ئىرىنىڭ بەخىت يۇلتۇزىغا، ئائىلىدىكى قىممەتلىك ئادەمگە ئايلىنىدۇ؛ بۇنداق ئاياللار ھەمرا بولسا، تۇرمۇشىڭىز مەنىسىز بولۇپ قالمايدۇ، پۇلمۇ كەم بولمايدۇ. ئىت يىلى تۇغۇلغان ئايال كىشى بىلەن توي قىلغان ئەرلەرنىڭ رەڭگى رويى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ، كەلگۈسىدە بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىمۇ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشىدۇ، تۇرمۇشى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ بارىدىغان ھالەتنى ساقلايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号