نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم بەزىلەر سورىشى مۇمكىن، نىمە ئۈچۈن؟ ئەجىبا بىر ئىككى قېتىم تالاغا قارىغاندىن كىيىن، خاتالىقىنى تۇنۇپ ئۆزگەرتىدىغان ئادەملەر چىقىپ قالماسمۇ؟
مەيلى مۇھەببەت بولسۇن ياكى تويلىشىش بولسۇن، ئىككى تەرەپ پەقەت بىر-بىرىگە ساداقەتمەن بولغاندىلا، تويلىشىش بىلەن مۇھەببەت ئاندىن ئەڭ مۇقەددەس ھالىتىنى ساقلىيالايدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىچىدىن بىرەرسى قارشى تەرەپكە ئاسىيلىق قىلىپ تالاغا قاراپ قالسا، ئۇنداقتا مۇھەببەت ۋە تويلىشىش مۇناسىۋىتىگە داغ يىتىدۇ؛ بۇخىل داغنى ھەرقانچە كۈچلۈك دورا بىلەن پاكىز چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ.

تويدىن كىيىن تالاغا قاراش، ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى ۋە تويلىشىش مۇناسىۋىتىنى گۇمران بولۇشقا يۈزلەندۈرگەنگە ئوخشاش بولۇپ، بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىپ ئۆتسىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرەلمەسلىكى مۇمكىن، بولۇپمۇ تويلىشىپ بولغاندىن كىيىن تالاغا قارىغان ئاياللار. ئەھۋال مۇشۇنداق ئېغىر بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بەزى ئاياللار بىرىنچى قېتىم تالاغا قارىغاندىن كىيىن، ئۆزىنى ۋاقتىدا توختىۋالالمايدۇ؟

1. ۋىي خانىم، 29 ياش، توي قىلغىلى 4يىل بولغان
مەيلى توي قىلىشتىن ئىلگىرى بولسۇن ياكى توي قىلىشتىن كىيىن بولسۇن، "تويلاشقاندىن كىيىن تالاغا قاراش" دىگەن بۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمايدۇ دەپ قارايتتىم؛ ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، مەن بىر قېتىملىق ساۋاقداشلار يېغىلىشىدا، تۇنجى مۇھەببىتىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندىن كىيىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىپ كەتتى. كۆپ يىل كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ، ئۇ يەنىلا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش قاملاشقان، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش مىنى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى يوق قىلىپ قويىدىغان ئىدى. ئويلاپ باقساق، بىز كۆرۈشمىگىلى 10 يىلدىن ئېشىپتۇ، ئەمما بىزنىڭ كۆزلىرىمىز ئۇچراشقان ۋاقىتتا، يەنىلا ئىلگىرىكى ئاشۇ ئەسلىمىلەر ئىسىمىزگە كىلىپ قالاتتى.

مەن، ئۇنىڭ بىلەن كۆپ ئالاقىلاشسام بولمايدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە بىرەر مەسىلە كۆرۈلۈپ قېلىشىنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنىلا ئۆزۈمنى كونتىرول قىلالمىدىم. بىرىنچى قېتىم تالاغا قاراپ قالغاندىن كىيىن، مەن ئۆزۈمنى ئىرىمگە يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم؛ ئەمما مەن يەنە تالاغا قاراش ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئاشۇ ھىس-تۇيغۇلارغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامالسىز ئىدىم؛ مەن خۇددى خۇددى زەھەرگە خۇمار بولغان ئادەمگە ئوخشاش، قايتا-قايتىلاپ ئۇ يولغا مېڭىۋەردىم؛ مىنىڭ كەلگۈسىدە نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلاشقۇم يوق، مەن پەقەت، تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ماڭا ئوخشىمايدىغان بىر خىل ھىس-تۇيغۇ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ۋە مىنى ئۆزىگە قاتتىق رام قىلىۋالغانلىقىنىلا بىلىمەن.

2. بەي خانىم، 36ياش، توي قىلغىلى 10 يىل بولغان
مىنىڭ بىرىنچى قېتىم تالاغا قارىشىم، ئىرىمدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بولغان. چۈنكى مەن ئۇنىڭ يانفونىدا، ئۇنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغان سۈرەتلىرىنى، شەھۋەتكە تولغان ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ قالدىم ھەم ئۇنىڭ ماڭا ئاسىيلىق قىلىشىنى پەقەت قوبۇل قىلالمىدىم. مەن ئۇ ۋاقىتتا ناھايىتى سەبىيلەرچە، ئۇ تالاغا قارىغان ئىكەن، مەنمۇ تالاغا قارىسام نىمە بوپتۇ دەپ قاراپتىكەنمەن. تالاغا قارىغاندىن كىيىن، مەن ئۆچ ئېلىشتىن كىيىنكى خۇشاللىق تۇيغۇسىنى ھىس قىلالمىدىم، ئەكسىچە، تالاغا قاراش، مىنى ئىچىمنى بوشىتىشتىكى ئۇسۇل ۋە يول بىلەن تەمىنلىدى. دەسلىۋىدە، ناتۇنۇش بىر ئەر كىشىنىڭ ماڭا يېقىنلىشىشىنى قوبۇل قىلالماي قالدىم؛ بىراق بىرىنچى قېتىم بولغاندىن كىيىن، ناھايىتى تىزلا ئىككىنچى قېتىملىقى، ئۈچىنچى قېتىملىقىمۇ يۈز بەردى؛ ئاخىرىدا مەندە تاۋان تاشلاش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، "بەرىبىر ھازىر تالاغا قارىدىم، بىر قېتىم تالاغا قارىساممۇ ئىرىم مىنى كەچۈرمەيدۇ، نۇرغۇن قېتىم بولسىمۇ نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش، كەلگۈسىدە نىمە ئىش بولۇشىنى ۋاقىتنىڭ ئىسپاتلىشىغا قويۇپ قوياي" دىگەن قاراشقا كىلىپ قالدىم.

3. لى خانىم، 40ياش، توي قىلغىلى 13يىل بولغان
شىركەتتىكى نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىم، مىنىڭ ھازىرقى خىزمەت ئورنۇم ۋە كىرىمىمگە ھەۋەس قىلىشىدۇ؛ ئۇلار مىنى، يىللىق كىرىمى مىليۇندىن ئاشىدىغان خىزمەتتىكى كۈچلۈك ئاياللار قاتارىدا كۆرىدۇ. لىكىن ئۇلار، مىنىڭ ھازىرقىدەك ھالەتكە يىتىش ئۈچۈن قانداق بەدەل تۆلىگەنلىكلىرىمنى بىلمەيدۇ. مەن سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، مىنىڭ بۇ كەسپىمدە ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا بەكرەك كارغا كىلىدۇ؛ چۈنكى ئاياللاردا قۇربان قىلىشقا بولىدىغان نەرسە بار، ئەمما ئەرلەردە ئۇنداق نەرسە يوق. مەن قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى چوڭ زاكاس، مىنىڭ مەنپەئەت ۋە پۇل ئۈچۈن، توي تۇرمۇشى ئىچىدە تالاغا قارىغانلىقىم سەۋەبىدىن قولغا كەلگەن.

ئەگەر تۇنجى قېتىم تالاغا قارىغان ۋاقىتتا مەن ناھايىتى ئازابلىنىپ ئىككىلەنگەن بولسام، ئۇنداقتا ئۇندىن كىيىن، مەن جەمئىيەتنىڭ بۇ خىل يۇشۇرۇن قائىدىلىرىگە پۈتۈنلەي ماسلىشىپ كەتتىم. ئەرلەر، ئاياللار، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن مەسئۇل بولۇشى ھاجەتسىز بولۇش، بۇ پەقەت بىر خىل سودا خالاس. ئەمما ئىرىمچۇ؟ ئۇ بەزىبىر سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلىغان تەقدرىدىمۇ، ئۇنىڭ تاپىدىغان پۇلى مىنىڭىكىدىن ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، ماڭ ئاسانلىقچە بىر نەرسە دىيەلمەس ھەقىچان! ئىقتىسادى ئورنى ئائىلىدىكى ئورنىنى بەلگىلەيدۇ دىگەن گەپ خاتا ئېيتىلمىغان.

توي تۇرمۇشى ئىچىدە تالاغا قارىغان ھەر بىر ئايال كىشى، ئۆزى ئۈچۈن ھەرخىل يوللۇق باھانە-سەۋەپلەرنى تاپىدۇ؛ مۇھەببەت ئۈچۈن، ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، مەنپەئەت ئۈچۈن، ئۇلار ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان ھەرقانداق نەرسە ئۈچۈن. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر كىشىگە ئېيتىقىلى بولمايدىغان قىسىنچىلىقى باردۇ بەلكىم.
كىچىلىرى ئويقۇسى قېچىپ، ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ ياتقان ۋاقتىدا، ئۇلار تالاغا قارىغان ۋاقىتىدا ھىس قىلغان "شىرىنلىك"، بۇ ۋاقىتتا بەلكىم ئۇلارنىڭ باغرىنى ئۆرتەندۈرىدىغان "ئاچچىق"قا ئايلىنىپ، ئۇلار ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن ئاشۇ خاتالىقلارنى ئۇلارغا قايتا-قايتا ئەسكەرتىپ تۇرىشى مۇمكىن. ئەمما ياخشى ئويلاپ باقساق بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى، راستىنلا شۇنداق قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟